- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-12-27
- تىزىملاش
- 2011-9-6
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 145سائەت
- جۇغلانما
- 5689
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 1384
- تېما
- 212
- توردا
- 145سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 25
- يازما
- 1384
- تېما
- 212
|
ئابدۇلقارى يانفونىنى قولىغا ئالدى-دە، خوتۇنىنىڭ نومۇرىنى باستى. ئۇ يەنە يىغىننى باھانە قىلىپ، كەچتىكى «رەڭلىك سورۇن»غا بارماقچىتى...
— چىقە ئۆيدىن، مېنى ئانىي تاپمىغان سەن قالدىڭمۇ ئەمدى! ھۇ، يۈزى قېلىن ئەبلەخ!
ئابدۇلقارى قاتتىق چۆچۈدى. «خاتا ئاڭلاپ قالمىغاندىمەن-ھە؟!» دېگىنىچە، يانفوننى قۇلىقىغا چىڭ باستى.
— ئۆزىنى بىلىپ ئۆيدىن چىقار دېسەم، قارا سېنىڭ نوچىلىقىڭنى. مەن ساڭا ئۇنداق ئاسان بوزەك بولمايمەن. بۈگۈن يا تىرىكىڭ چىقىدۇ يا ئۆلۈكىڭ چىقىدۇ.
«توۋا، ماۋۇ خوتۇننىڭ يامانلىقىنى كۆرمەمدىغان! كەچتىكى‹رەڭلىك سورۇن›دىن خەۋەر تاپقان ئوخشىمامدۇ؟ كىم دەپ قويغاندۇ؟ مېنىڭچە چوقۇم ئاشۇ لاتا دېگەن گەپ! خەپ، ئىككىنچىلەپ سورۇنغا چاقىرماسمەن ئۇ لاۋزىنى».
— ھۇ ئۆلگۈر، چىقە ئۆيدىن. سېنى كۆرە كۆزۈم يوق...
ئابدۇلقارى نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدى. ئۇ ئەنسىرىدى. خوتۇنىنىڭ ئۆزىنى رەسۋا قىلىشىدىن قورقتى.
— خوتۇن، جېنىم خوتۇن. مېنى كەچۈر...
«پاق» لا قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ قارشى تەرەپ بىردەملىك جىمىدى.
— خوتۇن...
ئابدۇلقارى ئاۋازىنى بولۇشىغا قويۇپ بېرىپ توۋلىدى.
— توۋا، ماۋۇ يانفونغا نېمە كېسەل تەگكەندۇ ئەمدى! ئۆزلۈكىدىن ئېلىنىپ كەتكىنىنى قارىمامدىغان. ۋەي، ۋەي، ئابدۇلقارىجان، كەچۈرۈڭ. بۇ يانفوننى ئالماشتۇرۇۋېتىدىغان يەرگە كەپتۇ.
— سەن...سەن...بايا...كىم...كىمنى تىللىدىڭ...
— ۋاي قاراڭ، ئۆيگە يوغان چىۋىندىن بىرى كىرىۋاپتىكەن، شۇنداق قورقۇتتى مېنى. شۇنى تىللاپ بولمامدۇ؟! پالاق بىلەن بىرنى ئۇرۇۋېدىم، مىجىقى چىقىپ كەتتى.
«ھەممىسى ئاشۇ ئۆلگۈر چىۋىننىڭ ئىشىكەن ئەمەسمۇ؟! شۇنى دەيمەن، بايام دېيىشكەن گەپنى بۇ دۆت خوتۇن نەدە يۈرۈپ بىلسۇن!» ئابدۇلقارى شۇنداق دېگىنىچە چېكىسىدىن ئاققان تەرلىرىنى سۈرتۈۋەتتى. پالاقنىڭ ئۆزىگە تەگمىگەنلىكىدىن كۆڭلى خۇش بولدى.
— بىرەر ئىش بولدىمۇ؟ تېلېفون قىپقاپسىزغۇ؟
— باشقا ئىشمۇ يوق، كەچتە يەنە يىغىن باركەن، مېنى ساقلىماي تاماق يەۋېرىڭلار...
مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى
|
|