جۇدۇنمۇ ئۇ سەن ئېلىپ كەلگەن 
ئازاپلاردا قالدىم بۈگۈندە، سىغدۇرالماي قەلبىمگە دەتنى. ۋاپاسىز قىز ئەمەستىم ئەسلى، بۇلالايىتتىم قەلبىڭ مېھمىنى. 
ئوخشىمايدۇ ئۆزگىلەر قارشى، مېنىڭ ساڭا قاراشلىرىمغا. مۇھەببەتنى كۆيلەيمەن دائىم، سېنى قۇشۇپ مىسرالىرىمغا. 
ئېچىنىمەن ئۆتكەن كۈنلەرگە، ئۆتۈپ كەتتى بىھۇدە بىز ئۈچۈن. بېشىمىزغا كىلدېغان قىسمەت، كۆرۈنمەس يىراقتىكدەك يۇچۇن. 
ئۈمۈد ئۆچتى نازۇك دىلمدىن، خەت-خەۋرىڭنى ئالالماي ئەجەپ. سەن پەرۋاسىز بۇنچە بۇپ كەتمە؟ تارتىپ قالىسەن بىر كۈنى خەپ. 
تىترەك تولدى پۈتۈن جىسمىمغا، جۇدۇنمۇ ئۇ سەن ئېلىپ كەلگەن. كىم ئۇنتۇسا شۇ بىر ئەبلەخ دەپ، ئىسىڭدىمۇ بىز ۋەدىلەشكەن. 
مېھرىم بىلەن سېنى كۈتىمەن 
چۈشلەرىمدىن ئىزلىسەم سېنى، گۈل بەرگىلا پۇرايدۇ چۈشۈم. قەلبىمدىكى دەت ئەلەملەرنى، ياپراقلارغا پىچىرلاپ تۆكتۈم. 
مۇھەببەتنى خارلىدى دەيدۇ، ئىزدىگىنىم سەندۇرسەن مىنىڭ. ئۆزگىلەرگە پەرۋامۇ قىلماي. سېنى مەندەك سۆيمەيدۇ ھېچكىم. 
بولبۇل باغقا ئاشىق بولغاندەك، سەن بار جايلاردا، مەنمۇ ھەم بار. ئاھ،يېنىڭغا بارالمىساممۇ؟ قەلبىم ساڭا چەكسىز ئىنتىزار. 
ئۆتمۈشلەرنى ئەسلىسەم ھەردەم، تۇنجى بۇلۇپ سېنى ئەسلەيمەن. مىنى شۇنداق كۆيدۈسەڭمۇ گەر، مېھرىم بىلەن سېنى كۈتىمەن. 
ھەر بىر تىنىق گۇياكى شېئىر 
ھەر بىر قەلىب گۇياكى ئاسمان، چاقنايدۇ ئۇنىڭدىن تالاي نۇر. تىنىقلاردىن ھەر خىل رەۋىشتە، تىزىلىدۇ مىسرالاردا قۇر. 
چىن يۈرەكتىن يېزىلىپ مىسرا، ئىپادىلەر ھەر خىل كەچمىشنى. خۇشاللىق بىلەن قايغۇ تۇتۇشۇپ، سۆزلەيدۇ قايغۇ تەشۋىشلەرنى. 
شېئىر خۇمارى بۇلۇپ مەنمۇ؟ يېزىپ قويدۇم قەلبىم سىرىنى. چۈشەنسە ئىدى ھەممە پەقەت، چاتمايدۇ قۇرلىرىمغا مېنى. 
كۆزلەرىمدە يارقىنلىق نۇرلار، قەلبىمدە لاۋۇلدايدۇ ئېقىن. ھەرخىل خىيال بەڭۋاش تۇيغۇلار، مىسرالىرىم ياسايدۇ ئېقىن. 
ھەر بىر تىنىق گۇياكى شېئىر، كۆڭۈلدىن-كۆڭۈلگە يوللانغان. قەدرىنى بىلگەننىڭ قەدرىنى، چىن ئىشقىدىن ئۆزىگە باغلىغان. 
مەنبە قەلىمىم
|