] گەرچە ھېچكىمنىڭ قېرىغان چاغدىكى كۆرۈمسىز قىياپىتىنى كۆرگۈسى يوق بولسىمۇ، ھامان ھەمىمىز يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن پۇرلۇشۇپ سەتلىشىمىز. ئەلۋەتتە قېرىلىقنىڭمۇ ئۆزىگە خاس گۈزەللىكى بولۇدۇ. ئەمسە سېز ئۆزىڭىزنىڭ قېرىغان چاغدىكى قىياپىتىڭىزنى كۆرۈپ باققۇڭىز بارمۇ؟ ھازىرقى تېخنىكا تەرەققىيات دەۋرىدە بۇ تامامەن مومكىن.گەرچە بۇ 100% توغۇرا بولمىسىمۇ سىزنىڭ 20 ياكى 30 يىلدىن كېيىنكى قىياپىتىڭىزنى بىر كۇنۇپكا بېسىش ئارقىلىقلا بىلگىنى بولۇدۇ. تۆۋەندىكى چەتئەلنىڭ ئۆزگىچە بولغان كۆڭۈل ئېچىش تورى بولۇپ،سىز مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى كىرگۈزۈپ،رەسىمىڭىزنى يوللاپ بەرسىڭىز،سېزنىڭ قېرىلىق مەزگىللىرىڭىزنى تەخمىنى چىقىرىپ بېرىدىكەن. ئەلۋەتتە مەن بۇ تېخنىكىغا ھاڭ-تاڭ قىلىپ سىزگە تەۋسىيە قىلمايۋاتىمەن، پەقەت ناھايتى قىززىقارلىق بولغان بۇ تور بەتنىڭ ھوزۇرىنى سېزنىمۇ سۈرسۇن دەپ يوللاۋاتىمەن.خالاس! 
مەزكور تور بەتنى ئاچسىڭىز يۇقارقىدەك ئۆزگىچە بەت لايىھەسى كۆزگە چېلىقىدۇ. سىز ئاستىدىكى تاللاش رامكىسىدىكى جىنىسۋە ياش پەرقىنى(20يىلدىن كېيىنكى قىياپىتىڭىزنىمۇ، ياكى 30 يىلدىن كېيىنكى قىياپىتىڭىزنىمۇ) تاللاپ ئاستىدىكى يېشىل بەلگە 
نى باسسىڭىز،بۇ 
رامكا ئېچىلىدۇ، ئۇ ئارقىلىق كومپىيۇتېرىڭىزدىكى رەسىمىڭىزنى يوللاپ بەرسىڭىز ئاپتۇماتىك ھالدا رەسىمىڭىزنى چىقىرىپ بېرىدۇ، ئۇنى ساقلىۋالسىڭىز بولۇدۇ. ئاللاھ ئۆمۈرىڭىزنى بەرسە كەلگۈسىدە سېىلىشتۈرۈپ باقاسىز! چىرايى مەندەك بەك سەتلەر سىناق داۋامىدا كېلېپ چىققان ئاقىۋەتكە مەن ئىگە ئەمەس جۇمۇ؟ ، چۈنكى مەن چىرايلىق قېرىمايدىكەنمەن، ئىشقىلىپ ھوشۇمدىن كەتمىدىم. قېنى سىزمۇ سىناپ كۆرۈپ باقمامسىز؟ تور بەت ئادىرىسى سىز ئىنكاس يازغاندىن كېيىن كۆرۈنىدۇ. مەنبە:ئىنتىرنېت بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yanbulak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-8-10 12:57
|