
ھەمراھتۇر شوخ كۈلكەڭ 
ھەر تاڭ سەھەر قۇياش چىققاندا، ئۈمۈد بىلەن سېنى كۆتىمەن. ئۆتكەنكى شېرىن كۈنلەردەك، چۈش كەبى سېنى كۆرسەم دەيمەن. 
مەن ئۈچۈن بەخىت سېنى كۆرۈش، خۇش تەبەسسۇم كۈلكىدە كۆرەي. پەرىشان كۆزىڭنى يۇشۇرغىن، ئىشقىم بىلەن ئۇلۇغلاپ كۆيەي. 
سەن قەلبىمدە چاقنىغان يۇلتۇز، دىلغاسۈھبى رەيھان پۈركىگەن. جاراڭلىق كۈلكىلىرىڭ بىلەن، سېھرىلەپ ئىشقىڭدا كۆيدۈرگەن. 
مەن ئۈچۈن بەخىت سېنىڭ كۈلكەڭ، خۇش -چىراي شوخ، كۈلكىدە كۆرەي. ھېدىڭنى، مەسخۇش بۇلۇپ پۇراپ. مەڭگۈ ئۇلۇغلاپ سېنى سۈيەي. 
ئەقىدەڭگە بۇلۇپ مەن سادىق 
تۈن-كېچىدە يانغان چىراقتەك ، كۆردۈم چېھرىڭدىن ئۈمۈد نۇرىنى . شوخ سىمايىڭگە بۇلۇپ شەيدا، باغلىدىم ساڭا دىل رىشتىمنى. 
ئەتىر گۈلنى پۇرغاندەك گۇياھ، پۇرىۋالسام مەسخۇش ھىدىڭنى. ئەقىدەڭگە بۇلۇپ مەن سادىق، قىسسام دەيمەن بەرگەن گۈلۈڭنى. 
قەلبىم قېتىدا سەن بىر يىگانە، مېھرىڭ گۇياھ، ماڭا تۇمارلىق. پۇراي-پۇراي تويماي ھىدىڭنى، قىلىپ بەزى سېنى خۇمارلىق. 
كۈلسۇن بەخىت بىزگە نۇرانە، ئاتاي ساڭا قەلىب خانەمنى. سادىق بۇلۇپ ساڭا چىن دىلدىن ، سۆيسەم دەيمەن مەڭگۈگە سېنى. 
مەنبە قەلىمىم |