



يازلىق ئىلتىجا يازكەلدى، يەر-جاھان ئىسىپ كەتتى، ئۆيلىرىمىزدىكى ھاۋاتەڭشىگۈچ بىزگە ئارەمبەخىش بولمىسا-زە، مۇشۇ تۇنۇردەك ئىسسىقتا دۇزاق ئازابى تارتىدىغان ئىش ئىدى-دە. بىز سۈرۈن ئۆيلەردە يېنى يېتىپ، تىلىۋىزور كۈرۈپ تۇمۇزنىڭ ئىسسىق كۈنلىرىنى ئۆتكۈزىمىز. ئەمما يەنە شۇنداق بىرخىل كىشىلەر بار، ئۇلارغا ھاۋاتەڭشىگۈچ بولمىسىمۇ، ئۆينىڭ ئىچى ياكى تىرەكنىڭ سايىسى بولسىمۇ خوش بۇلاتتى. ئەمما ئۇلار تىنجىق ئىسسىقتا ئېتىزدىن چىقماي ئىشلەيدۇ. قۇياشنىڭ كۆيدۈرگۈچ تەپتى ئۇلارغا ئوت چاچىدۇ، پىشانىسىدىن ئاچچىق تەرلىرى قۇرۇمايدۇ... ئۇلار ئۈيىگە كىرىپ كەتسە بولمامدۇ؟ ياق، بولمايدۇ، ئېتىزدىكى ئىشنى كىم قىلىدۇ؟ ئېتىز ئۇلارنىڭ جېنى، ئۇلار ئېتىزغا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدۇ، ئېتىزدىن كىرىپ كەتتى دېگەنلىك، جېنىنى قۇزۇققا ئىلىپ قويدى دېگەنىلىك. ئۇلارشۇنداق چىداملىق، توۋا، ئاشۇ تۇنۇردەك ئىسسىق پۈتۈن جانلىقنى نە-نەلەرگە قوغلىۋەتتى، ھەممە جانلىق، ھەتتا كىچىكىنە قۇرۇت-قوڭغۇزمۇ مۇنداق ئىسسىققا چىدىماي ئۇۋىللىرىغا كىرىۋالدى، ئەمما دېھقانلارئۇنداق قىلالمايتى. سىز يولدىن ئۈتۈپ كىتىۋاتقاچ، قاقىرام ئىسسىقتا ئېتىزدا ئىشلەۋاتقان دېھقاننى كۆرگەندە قانداق ئويلاردا بولغانسىزكىن؟ ئىشقىلىپ مەن ئۇلارغا شۇنداق ھېسداشلىقىم كېلىدۇ. كىمنىڭمۇ مۇنداق تىنجىق ئىسسقتا ئېتىزلىقتا كەتمەن چاپقۇسى بار؟ خوش، سىز ئازراق بولسىمۇ ئاشۇ بىچارىلەرنى چۈشەندىڭىز شۇنداقمۇ؟ بەلكى « ئەمدى ئۇلارنى ياراتقان ئىگىسى شۇ كەتمەنگە باغلاپ قويغانىكەن، بىز قانداق ياردەم قىلالايتۇق...» دەۋاتقانسىز. مېنىڭ بۈگۈن سىزگە دېمەكچى بولغىنىم دەل مۇشۇ مەسىلە. بىز ئۇلارغا قانداق ياردەم قىلالايتۇق؟ بىزئۇلارغا چوڭ ياردەم قىلالايمىز. قېنى قۇلاق سېلىڭ. يازكىردى، دېھقانلار نىڭ تازا قۇلى ئۈزۈكچىلىك بۇلىدىغان ۋاقىت كەلدى، ئۇلار ئېتىزلىقتىكى قۇغۇن تاۋۇزلىرىنى سېتىپ ئازراق پۇل قىلىپ، ئۈيىنىڭ ئۇششاق چىقىملىرىنى قامدىماقچى بۇلۇپ، بازارغا كىردى، ئىسسىقتا ئۇلارنىڭ تىللىرى قۇرۇپ كەتتى-يۇ، قۇغۇن-تاۋۇزدىن بىرنى پىچىپ يىيىشكە قىيمىدى، نېمەئۈچۈن دەمسىز، چۈنكى ئاشۇ قۇغۇن-تاۋۇزنى ساتسا، بالىلارنىڭ يازلىق كىيىم غەلۋىىسى، ئېغىلدىكى جانۋارلارنىڭ قۇرسىقى، ئاغرىقچان مەزلۇمىنىڭ دۇرىسى، ئايلاپ گۆشكە تەشنا بۇلۇپ كەتكەن بىچارە بالىلارنىڭ بىرۋاخلىق گۆشلۈك تامىقى... مانا مۇشۇنداق دېھقاننىڭ بېشىدا ئوت كۈيىۋاتقان چىقىملارغا دال بۇلىدۇ ئەمەسمۇ. مەن بازاردا دېھقاندىن بەش موچەن تالىشىپ، بىرقۇغۇننى ئالمايلا كەتكەن بىركاتتا سۆلەتلىك خانىمنى كۆردۈم، ئىچىمدە لەنەت ئۇقۇدۇم. بۇئايال بەلكى ئاشۇ ئىسىل كىيىملىرىنى نەچچە يۈز سوملارغا ئالىدۇ، قاتار چايلارغا نەچچەيۈزسوملاپ خەجلەيدۇ، نەچچە يۈزسوملاپ گىرىم بۇيۇمى ئىشلىتىدۇ... دېھقان بىچارىلارگە بەش مۇچەنگە چىدىمىدى. بەش موچەن سىز-بىزگە راست گەپ قىلغاندا ھېچقانچىلىك پۇل ئەمەس، ئەمما دېھقانغا ئۇنداق ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە دېھقانلار ئاشۇنداق تۇمۇز ئىسسىقتا ئاچچىق تەرئاققۇزۇپ ئىشلەپچىقارغان قۇغۇن-تاۋۇزلىرىنى ھېلىمۇ يوقنىڭ ئورنىدا سېتىۋاتىدۇغۇ؟ بىرقۇغۇن بىرنەچچە سوم، بىرتاۋۇز ھەتتا تاللىۋېلىشىڭ بىرسوم دەپ ۋارقىراپ ساتقاننى كۆردۈم. ئامالسىزلىقتىن شۇنداق ساتىدۇ، بىر-ئىككى كېچە تۇرسا بۇزۇلىدۇ، پۇلغا تېخىمۇ يارىمايدۇ. بىچارىلارغا ئەنە شۇنداق تەس. ئەمما بىز ئەنە شۇنداق بەش موچەنگە چىدىمايمىز. مەن ئويلاپ قالدىم. ئەگەر ھەممىمىز ھېلىقى ئايالدەك شۇنداق بۇلۇپ كەتسەك، دېھقانلىرىمىز قانداق بۇلۇپ كىتەر؟ يەنەبار. يەنەشۇ كادىر چوكانلارنىڭ گېپى. سەي بازىرىدىكى 15-16 ياشلاردىكى بىرسەيچى قىز مېنىڭ دىققىتىمنى تارتىيدۇ، قىز شۇقەدەر سەمىمى ئىدى، قىلچە ھېلى-مىكىرنى بىلمەيتى، سەيگە قويغان باھايىڭىزنى قىلچە يىرالمايتى-دە، خىجىل ئارلاش، ئارسال بۇلۇپ، سىزگە جىڭلاپ بىرىۋىرەتتى. مەن ئويلاپ قالدىم، ئاشۇقىز شۇنداق قىلىپ تىجارەت قىلسا، قانداقمۇ پۇل تېپىپ ، ھېچبولمىسا مۇنۇ يايمىنىڭ ئىجارە ھەققىنىمۇ بىرەلمەس؟ بىركۈنى مەن ئاشۇقىزغا بولغان قىزىقىشىمنى زادى باسالماي قىزدىن سورىدۇم: --- سىڭلىم،سىز ھامان خېرىدارلاردىن باھاتالاشمايلا سەيلىرىڭىزنى بىرىۋىرىدىكەنسىز، مۇنداق قىلسىڭىز قانداق پۇل تاپىسىز؟ قىز ئاۋۋال مەندىن ھىتىرقىدى، چۈنكى قىزدىن بەلكى ھۋېچكىم مۇنداق سۇئال سۇرىمىغان بولسا كىرەك. ئاندىن سەي جىڭلىغاچ جاۋاپ بەردى: --- باھا تالىشىپ قويساملا، خېرىدارلار ماۋۇ ئۇدۇلۇمدىكى سەيچىنىڭ يېنىغا كىتىدىكەن، مەن ئولتۇرۇپ قالىدىكەنمەن.--- دەپ مەيۈسلىنىپ كۈزىگە غىللىدە ياش ئالدى. ھەي بىچارەقىز، دېدىم ئىچىمدە. قىزنىڭ ئۇدۇلىغا قارىسام، ئۇيەردە خەنزۇسەيچىلەر ئولتۇرۇپتۇ. دېگەندەك بىرنەچچە ئۇيغۇر كادىر چوكان شۇيەردە سەي ئالغىلى تۇرۇپتۇ. قىزغا شۇنداق ئىچىم ئاغرىپ كەتتى. ھەي خەق، سەنلەر زادى نېمە ئويلايدىغانسەن؟ دېدىم ئىچىم ئاچچىق بۇلۇپ. قىزنىڭ سەيلىرىگە قارىدىم، شۇنداق خىل ۋە ياخشى ساقلانغان ئىدى. ئىسىمگە قايسى بىركىتاپتىكى «ۋەتەننى سۈيۈش ئۈچۈن ئۆزمىللىتىنى سۈيۈش كېرەك، مىللىتىنى سۆيمەيدىغانلار قانداقمۇ ۋەتىنىنى سۆيسۇن، چۈنكى ۋەتەن مىللەتتىن تەركىپ تاپىدۇ...» دېگەن قۇرلار كەلدى. ھەقىچان سەي بازىرىدا تۇرۇپ، ئەجەپ مىللەت ، ۋەتەن دەپ قالدى، دېگەنسىز؟ --- بۇكادىرلار نىڭ بەزىللىرى بىز ئۇيغۇر سەيچىلەردىن سەي سېتىۋالىدۇ، بەزىللىرى بىزدىن ئالماي ئۇدۇلدىكىلەردىن ئالىدۇ،--- دېدى قىز خۇددى ئىچىمدىكىنى چۈشەنگەندەك،--- بىز سەيچىلەر خەنزۇتىلىنى پەقەتلا بىلمەيمىز، شۇڭا خەنزۇخېرىدارلار گىپىمىزنى چۈشۈنەلمەسلىك تۈپەيلى ئالدىمىزغا كەلمەيدۇ، ئاۋۇ ئۇيغۇر چوكانلارمۇ بىزدىن نېمەئۈچۈنكى سەي ئالمايدۇ، شۇنداق بولغاندىكىن، بىزنىڭ سەيلىرىمىزنى كىم ئالىدۇ ئاكا؟ شۇڭا بىزمۇ ئامالسىز ئالدىمىزغا كەلگەنلەرنى ھەرگىز كەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، ئۇلار نەچچەپۇل بىرەي دېسە ياق دىيەلمەيمىز. يەنە تېخى مۇشۇ سەيلەر سېتىلماي بىركېچە تۇرۇپ قالسا بىزگە كۆپ زىيان بۇلىدۇ، ئائىلىمىز نامرات بولغاچقا بىر توڭلاتقۇغا چىقىنالمايۋاتىمىز، شۇنى ئېلىۋالساققۇ... ھەي بىچارىلار، مۇشۇ كىچىكىنە سەي بازىرىدىمۇ كارامەت ئىشلاربار ئىكەن ئەمەسمۇ؟ --- سىزگە بىرنەچچە يىل بولدىغۇ دەيمەن؟--- دېدىم قىزغا ئىچىم ئاغرىپ. چۈنكى مەن خىزمەتكە ئارلاپ مۇشۇيەردىن ئۈتەتتىم ۋە مۇشۇ قىزكۈزۈمگە چېلىقاتتى. قىزدىنمۇ يەنە بىرنەچچە قېتىم سەيمۇ ئالغانىدىم. --- بەش يىل بولدى ئاكا،--- دېدى قىز يەنە كۈزىگە ياش ئېلىپ،--- ئەسلىدەمۇشۇئۇرۇن ئاپامنىڭ ئورنى ئىدى، بەش يىل ئىلگىرى ئاپامنىڭ مىڭىسىگە قان چۈشۈپ كىتىپ، پالەچ بۇلۇپ قالدى، مەن بالىنىڭ چۇڭى بولغاندىكىن ،شۇنىڭ بىلەن مەن مەكتەپتىن ئاجىراپ، ئاپامنىڭ ئىشىنى قىلىۋاتىمەن. دەسلەپ، ئاپام يىقىلىپ قالغاندا ئېشىپ قالغان سەيلەرنى سېتىۋىتىپلا بۇ ئۇرۇننى ئۆتكۈزۈپ بىرەرمىز دېگەن، كىيىن سەيلەرنىڭ ئايىغى پەقەت ئۈزەلمەي، تاشلىۋىتىشكە قىيماي، مۇشۇ ئىش بىلەن بۇلۇپ قالدىم. يۈرۈكۈم تېخىمۇ ئېچىشىلىپ كەتتى. ھەي ئىسىت، بەش يىل بۇرۇن دېمەكچىلىك قىزنىڭ تېخى ئون بىر- ئون ئىككى ياش چاغلىرىدىكى ئىش ئىكەن. ئۇدۇلدىكى سۆلەتلىك چوكانلارنى سەتلەپ تىللاپ مۇنۇ قىزنىڭ ئالدىغا سۆرەپ ئەكەلگۈدەك بولدۇم، ئەتىراپتىكىلەرگە ئۈنلۈك ۋارقىراپ، ماناماۋۇ ئىشلارنى چۈشەندۈرگۈم كەلدى. ھەي خالايىق، بىز نېمىشقا مۇشۇنداق قېرىنداشلىرىمىزغا ئىتىبارىمىزنى قاراتمايمىز؟ ئۇلارنى ئازراق بولسىمۇ چۈشۈنۈشكە ئىنتىلمەيمىز؟ باشقا مىللەتتىكلەر بۇلار بىلەن تىل جەھەتتە ئۇقۇشماسلىق تۈپەيلى بۇلاردىن سەي ئالمىسۇن، بىز ئىسىل كادىر بولغاندىكىن بۇلارنى ياراتماي بۇلاردىن سەي ئالمايلى، ئۇنداقتا بۇلارنىڭ سەيلىرىنى كىم ئالىدۇ؟ بۇلار قانداق تىرىكچىلىك قىلىدۇ؟ مۇنۇ كىچىك قىزنىڭ ئانىسى پالەچ بۇلۇپ يېتىپ قاپتۇ، بۇلار قانداق ياشايدۇ؟ ئانىسىنى داۋالىتىشتىن تېخىمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولماس. شۇكۈنىلا ئۆيگەكىرىپ، ئايالىمنى باشلاپ ئېچىقىپ، ھېلىقى قىزنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ، ئەتىراپتىكىلەر ئاڭلىغۇدەك قىلىپ ۋارقىرىدىم: --- بۈگۈندىن باشلاپ سەن مانامۇشۇقىزدىن سەي ئالىسەن، باشقىلارنى باشقۇرۇشقا ھۇقۇقۇم يەتمەيدۇ، ئەمما ساڭا يىتىدۇ، ئەگەرسەنمۇ يەنە باشقا بىريەرلەردىن سەي ئالدىم دەپ كىرسەك كومشىىرىڭنى يارىمەن خۇتۇن. قاراپ باقە، مۇنۇ قىزنىڭ ئاپىسى پالەچ بۇلۇپ قاپتۇ، ئائىلىسى مۇشۇ قىزنىڭ سەيلىرىگە قاراشلىق ئىكەن، ھەممىڭ ئۇدۇلدىكىلەردىن سەي ئالساڭ، ماۋۇلار قانداق قىلىدۇ؟... كىيىن بۇھەقتە دوسىت-بۇاردەرلەر ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلارغىمۇ شۇمەزمۇندا ئىلتىجا قىلدىم. بەزىلەر چاخچاق قىلىپ: --- بۇقىز سېنىڭ تۇغقىنىڭمۇ، ئەجەپ قىلىپ كەتتىڭغۇ؟-- دېدى. مەن ۋارقىراپ تۇرۇپ: --- شۇنداق، بۇقىز مېنىڭ تۇغقىنىم، ئاشۇ يەردە ئولتۇرۇپ سەي سېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ تۇغقۇنۇم.--- دېدىم. مەنبە: ئۈزۈم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا -yadikar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-7-7 20:24
|