- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-8-21
- تىزىملاش
- 2010-10-16
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 512سائەت
- جۇغلانما
- 9990
- نادىر تېما
- 1
- يازما
- 2475
- تېما
- 325
- توردا
- 512سائەت
- نادىر تېما
- 1
- دوست
- 69
- يازما
- 2475
- تېما
- 325
|
رىقابەت كۆرۈنۈشكە مۇسابىقىلىشىش،بىر-بىرىدىن ئېشىپ كېتىشىكە ئىنتىلىشتەك تۇرسىمۇ،ئەمما ماھىيەتتىن ئېلىپ ئېيىتىقاندا بىر-بىرىدىكى ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈش، ئۆگىنىش،تىرىشىش،ئىزدىنىش ئارقىلىق مۇكەممەلىككە ئىنتىلىش،دەۋر تەرەقىياتىنىڭ ئالدىدا مېڭىشىنى تالىشىش، تارىختا يېڭى بەت ئېچىش،ئۆز ساھەسىدە يېڭلىق يارىتشتۇر.
رىقابەت تەرەقىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرۈچى كۈچى.تارىخقا نەزەر سالساق جەمئىيەت رىقابەتلىك مۇھىتتىن ئايرىلالمىغان،جەمئىيەتتىكى ھەربىر ئۆزگىرىشلەر رىقابەتنىڭ مەھسۇلى.مەيلى ئوخشاش دەۋردىكى ياكى ئىلىگىرى-كىيىن دەۋىردىكى ئۆزگىرىشلەر بولسۇن ئوخششلا رىقابەتنى تۈرتكە،مەنبە قىلىغان،بىز دىققەت قىلايلى ياكى قىلمايلى ياكى،رىقابەت جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىدۇ.رىقابەت كىشىلەر ئالغا ئىلگىرىلەشكە،جەمئىيەتنى تەرەققىياتقا ئۈندەيدۇ.بىراق ئەتراپىمىزدىكى ئۆزگىرىش،جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نامايەندىلەر رىقابەتنى سەۋەب،مەنبە قىلسىمۇ.لېكىن ھەممىلا كىشىدە توغرا رىقابەت ئېڭىنىڭ شەكىللىنىشى نامايىن.مۇنداقچە ئېيىتىقاندا، ئەقىل پاراسەت،ماھارەت ئەخلاق-پەزىلەت قاتارلىق تەرەپلەردە باشقىلاردىن ئېشىپ كېتىشىنى مەقسەت قىلىشى ناتايىن.رىقابەت ئېڭى ئۆزى ىبلەن باشقىلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى تونۇپ يەتكەن.باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كۆرەلىگەن،ئۆزىنى نىسىبەتەن ئوبيېكتىپ تونۇغان مەسئۇلىيەت،بۇرچ ئۈستىدە ئويلانغان كىشىلەردە شەكىللىنىدۇ.بىراق،رىقابەت ئېڭى ئوڭاي شەكىللەنمەيدۇ.ئۇ تۈرلۈك ئامىللارغا مۇھىمى شۇ شەخسىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشى،تىرشچانلىقى،كۆز قارىشىنىڭ شەكىللىنىشى نەزەر-دائىرىسىنىڭ مۇكەممەللىشىگە باغلىق.رىقابەت ئېڭى شەكىللەنگەن ھامان كىشىلەر باشقىلاردىن ئېشىپ كېتىشىنى،ئۆز ئالدىغا يېڭى بەت ئېچىشىنى قوغلىشىدۇ.بۇ جەرياندا مۇكەممەللىك يارىتىلىپ،ئۆزگىرىش،يېڭىلىق ھاسىل بولىدۇ.بىر-بىرى بىلەن رىقابەتلىشىش جەريانىدا تېخىمۇ ياخشىسى،تېخىمۇ يېڭىسى مەيدانغا كېلىد.كونىسى يېڭىسىغا،بۈگۈن ئەتىگە تۈرتىكە بولىدۇ،بۇ جەرياندا ئۆز ئارا تەسىر كۆرىسىتىش،يېتەكلەش،ئىلىگىرى سۈرۈش ئارقىلىق دائىرە ياكى جەمئىيەت خاراكتېرىلىك يېڭىلىنىش،ئۆزگىرىش ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.رىقابەت ئېڭى يوق جاي،شەكىللەنمىگەن كىشىلەردە ماھىيەتلىك پەرق،ئۆگىرىش ئاز كۆرۈلىدۇ.باشقىلار بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى سېلىشتۇرۇلمايدۇ.باشقىلاردىكى ئارتۇقچىلىق،ئۆزىدىكى يېتەرسىزلىكىنى كۆرەلمەيدۇ،بۇنىڭ بىلەن يەككە ھالدىكى ئۆز-ئۆزىدىن پەخىرىلىنىپ قانائەتلىنىش ئېڭى شەكىللىنىدۇ.قانائەتلىشىش كىشىنى بىر ئىزىدا توختىتىپ قويىدۇ.
تەرەققىيات مەلۇم مەنىدىن ئېيىتىقاندا،رىقابەت ئېڭىغا ئىگە جاي،شەخسلەر ئوتتۇرسىدىكى ئۆز ئارا مۇسابىقە،كۈچ سىنىششىنىڭ نەتىجىسى.مەسىلەن.رىقابەت ئېڭىغا ئىگە يازغۇچىلار ئارىسىدا يېڭىدىن نادىر ئەسەرلەر ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىدۇ.رىقابەت ئېڭىغا ئىگە كارخانىچىلار ئارسىدا سەر خىل ئەۋلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلار ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.قىسىقىسى،رىقابەت ئېڭى كىشىلەرنى ئالغا ئىلىگىرىلەشكە،تىرىشىشىقا ئۈندەپ بۇ ئارقىلىق جەمئىيەتنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ دۇنيانى يېڭىلايدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن رىقابەت ئېڭى قىممەتلىك.ئۇ كىشى ۋە كىشىلەر توپىدا شەكىللىنىش ئارقىلىق ئەتراپىمىزدىكى ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىياتنى چەمبەرچە باغلايدۇ.رىقابەت ئېڭى جەمئىيەت ھەرىكىتىنىلا ئەمەس،ئالدى بىلەن كىشى پائالىيەتنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىدۇ.ئۇ كىشىلەردىكى يوشۇرۇن ئاڭ،ئىقىتىدار ئاساسلىرىنى ئاچىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ بىزدىن ئۆزىمىزدە رىقابەت روھى ۋە ئېڭى تۇرغۇزۇپلا قالماستىن رىقابەت روھىنى تەشەببۇس قىلىشىمىز،باشقىلار بىلەن دوستلۇق ئاساسىدا ئىلىمىي رىقابەتلىشىشىكە دادىل،يۈرەكلىك جۈرئەت قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ،ئەلۋەتتە.
مەنبە؛تەرمىلەر
|
|