ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر خانىم قىزلار ئاياللارغا ئاتالغان سۆزلەر
كۆرۈش: 69|ئىنكاس: 3
go

ئاياللارغا ئاتالغان سۆزلەر

توردا
431سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
548 
تېما
166 

تەكلىپلىك ئەزا شەرەپلىك ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 10:16 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەدىپلىرىمىزنىڭ قەلىمىدىن تامغان،مۇقەددەس ئانىلىرىمىزغا بېغىشلانغان پاساھەت ئۈنچىلىرى.

مەنبە:روزىمۇھەممەت مۇتەللىپ يازغان (مۇھەببەت) ناملىق كېتابتىن.

1-مېھرىنى ھەممىگە،سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى بىرلا ئادەمگە بېغىشلىيالايدىغان ئاياللا ھەقىقى مۇھەببەتلىك ئايالدۇر.

2-ھەم جىسمانى جەھەتتىكى ئاجىزلىقىنى تەن ئالالايدىغان،ھەم روھى جەھەتتىكى كۈچلۈكلۈكىنى جارى قىلدۇرالايدىغان ئاياللا ھەقىقىي قۇدرەتلىك ئايالدۇر.

3-ھەم پۇل ئۈچۈن ئۆزىنى بۇلغىمايدىغان،ھەم ھالال پۇلى بىلەن مەئىشەت سۈرەلەيدىغان ئاياللا ھەقىقي ئەخلاقلىق ئايالدۇر.

4-گۈزەللىكىنى جاھان ئەھلى ئالدىدا نامايەن قىلالايدىغان،لېكىن ئۇنى ھەرگىزمۇ بازارغا سالمايدىغان ئاياللا ھەقىقي نۇمۇسلۇق ئايالدۇر.

5-كۆڭلى بولمىسا ھەتتا پادىشاھنىمۇ رەت قىلىپ،ئىشقى باغلانغان كۆك نامراتنىڭمۇ ئايىغىغا باش قۇيالايدىغان ئاياللا ھەقىقي ئىپپەتلىك ئايالدۇر.

6-ھالۋىنى تولا يېگۈزۈپ زاڭ تېتىتىپ قويمايدىغان،ۋاقتى كەلگەندە كەكىرىنى شېرىن ھىس قىلدۇرالايدىغان ئاياللا ھەقىقي خۇلىقلۇق ئايالدۇر.

7-ھەم ھالال جۈپتىنىڭ مەيدىسىگە يۆلىنىشنى بىلىدىغان ،ھەم يېقىلغان جۈپتىنى پۈتۈن جىسمى بىلەن يۆلەشنى بىلىدىغان ئاياللا ھەقىقي ۋاپادار ئايالدۇر.

8-راستنى ھامان راست دەيدىغان ،لېكىن ئۆزگىنىڭ زىل كۆڭلىنى ئايايدىغان، چىن مەۋقەسىنى باشقىچە شەكىلدىمۇ ئىپادىلەشنى بىلىدىغان ئاياللا ھەقىقي سەمىمي ئايالدۇر.

9-ئىچى قاينىغاندا توغاندەك ئىچىگە سىغدۇرالايدىغان،ئىچى توشۇپ كەتكەندە تاشقىندەك تاشالايدىغان،شۇنداقتىمۇ ئەتراپنى ،يىراقنى نەزەردە تۇتالايدىغان ئاياللا ھەقىقي سالماق ئايالدۇر.

10-چوغنى پۈۋلەپ ئوت قىلىپ ھۇۋۇلداپ قالغان ئائىلىنى ئىللىتالايدىغان،لېكىن لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا ماي چېچىپ،ئۆينى يانغىنغا ئايلاندۇرۋەتمەيدىغان ئاياللا ھەقىقي ئەقىللىق ئايالدۇر.

11-ئۆزىنى قەدىرلىگەنلەرگە قۇللارچە ئىتائەت قىلىشنى بىلىدىغان،ئۆزىنى خارلىغانغا باتۇرلارچە قارشى چىقشنى بىلدىغان ئاياللا ھەقىقي غۇرۇرلۇق ئايالدۇر.

12-ھېجران ئازابى ئىچىدە ئۆمۈر بويى ھالال جۈپتىنى كۈتۈپ ئولتۇرالايدىغان،بېشىغا جۇدالىق كەلسە،كۆز ياشلىرىنى ئىچىگە يۇتۇپ،پەرزەنتلىرىنىڭ تۇنجى ھەم ئۆمۈرلۈك ئۇستازى سۈپىتىدە ئۇلارنى تەربىيلەشنى بىلىدىغان ھەم ئۆزىنىمۇ شۇنىڭغا لايىق ئۈزلۈكسىز تۈردە تەربىيلەپ ماڭالايدىغان ئاياللا ھەقىقي كۆيۈمچان ئايالدۇر.

توردا
439سائەت 
نادىر تېما
دوست
48 
يازما
2494 
تېما
387 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 11:30 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخىشى تىما يوللاپىسز . تىمىڭىزغا كۆپ رەخىمەت . بۇنىدىن كىيىنمۇ داۋامىلىق نادر تىمىلارنى يوللاپ تۇراسىز .

توردا
176سائەت 
نادىر تېما
دوست
41 
يازما
1753 
تېما
252 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 13:12 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاز بىر قىسىمنى ھېسابقا ئالمىغاندا ،نۇرغۇن ئاياللىرىمىز ئېسىل سۈپەتلىلىك پەرىشتىلەردىن بولالايدۇ .

توردا
375سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1369 
تېما

شۆھرەت مۇكاپاتى ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 14:47 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ۋااھ ! قىزلىرىمىز بۇنى كۆرسە چوقۇمكۈتكۈنىمىزدەك ئېسىل قىزلاردىن بولۇپ كەتكۈدەك . راستلا بەك ياخشىسۆزلەرنى يىزىپسىز . رەھمەت .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-26 20:05

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.