ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر خانىم قىزلار گۈزەللىك خۇنۇكلەشمىسۇن
كۆرۈش: 62|ئىنكاس: 2
go

گۈزەللىك خۇنۇكلەشمىسۇن

توردا
284سائەت 
نادىر تېما
دوست
49 
يازما
1354 
تېما
79 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-20 22:16 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش


گۈزەللىكتىن زۇقلىنىش، گۈزەللىككە ئىنتىلىش، گۈزەللىكنى سۆيۈش ئىنسانلاردا بولىدىغان ئورتاقلىق. ئىنسان گۈزەللىكنىڭ ئېھتىياجى ۋە تەلىپى بويىچە ياشايدۇ.
ئۇيغۇر قىزى دېسە، كۆز ئالدىمىزدا غۇنچە بويلۇق، ئاق يۈزلۈك، قەلەم قاشلىق، ئاھۇ كۆزلۈك، شايى ئەتلەش كۆڭلەكلىك، گۈللۈك دوپپىلىق، تال-تال ئۆرۈمە چاچلىق، شەرم-ھايالىق، ئەدەپ-ئەخلاقلىق قىزلارنىڭ ئوبرازى نامايەن بولىدۇ.
ئەلمىساقتىن ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرى ئۆزلىرىنىڭ نازاكىتى، سۈلىكىتى، جەلپكارلىقى يۇقىرىدىكىدەك ئېسىل سۈپەتلەر بىلەن نامايەن قىلىپ كەلگەن. تارىخىي ماتىرىياللارنى ۋاراقلىساقمۇ، ئۇيغۇر قىز -ئاياللىرىنىڭ نەسلى-نەسەبى، ئۆرپ-ئادىتى، ئېتىقادىغا بولغان تۇنۇشى، پەرزەنت تەربىيەسى قاتارلىقلارغا قارىتا ناھايىتى بۇرۇنلا مۇئەييەن چۈشەنچىگە ئىگە بولغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئائىلە ئەخلاق مىزانلىرىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئېرىگە ۋاپادار، ئاتا-ئانىسىغا كۆيۈمچان، پەرزەنتلىرىگە مېھرىبان، قوشنىلار ئارا ئىناق، سۆزدە مۇلايىم، ھەرىكەتتە سىلىق بولۇش ئارقىلىق گۈزەللىكنى نامايەن قىلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.
ئاياللار پەقەت يۇقىرىدىكىدەك تاشقى سۈپەت، خىسلەتلەر بىلەنلا ئىپادىلىگەن ئەمەس. ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىپتىخارى بولغان نۇزۇگۇم زۇلۇمغا قارشى قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن.«تاھىر-زۆھرە»داستانىدا تاھىر يارىلىنىپ ئۆلۈپ كەتكەندە، سۆيگىنىگە ۋاپادار، ساداقەتمەن زۆھرە ئۆلۈم يولىنى تاللىغان.
ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋاقتى كەلگەندە جەڭلەرگە چىقالىغان، ئادالەت ئۈچۈن كۈرەشلەرگە قاتنىشالىغان، پاك مۇھەببىتى ئۈھۈن جېنىنى قۇربان قىلالىغان.
بۈگۈنكى جەمئىيەتتىمۇ نۇرغۇن ئاياللار يۈرۈش-تۇرۇشتىكى ھايالىقلىقى، سۆز-ھەرىكەتتىكى ئىلمىي ھەم مۇلايىملىقى، كىشىلىك ئالاقە داۋامىدىكى خۇشخۇي، سەمىمىيلىكى بىلەن گۈزەللىكنى نامايەن قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، ھەرقايسى ساھەلەردە كەسپىگە ئىخلاس قىلىپ، نەتىجە يارىتىش ئارقىلىق گۈزەللىك يارىتىۋاتقان ئاياللارمۇ ئاز ئەمەس. لېكىن كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان رىئاللىق شۇكى، يات مەدەنىيەتلەرنىڭ تەسىرى بەزى ئاياللارنىڭ، قىزلارنىڭ گۈزەللىكىنى خۇنۇكلەشتۇردى.
قىزلار ئانا بولغۇچى، شۇ سەۋەبلىك قىزلار تەربىيىسىگە ئەزەلدىن ئەھمىيەت بېرىلگەن. بىراق بەزى قىزلارنىڭ ئەنئەنىدىن، ئۆز مەدەنىيىتىدىن ياتلاشقان ئىش-ھەرىكەتلىرىنى كۆرگىنىمىزدە ئاتا-ئانىسى ئۇلارنى شۇنداق يارامسىز بولسۇن دەپ تەربىيلىگەنمىدۇ؟ دەپ قالىمىز. قىزلارنىڭ قارىغۇلارچە مودا قوغلىشىپ، غەيرىي كىيىنىۋېلىشى، يىگىتلەرنىڭ پۇل-مېلىنى كۆزلەپ يېقىنلىشىشى، مۇھەببەتتىكى ئالا كۆڭۈللىكى، ئىستۇدېنت قىزلار ئارىسىدىكى كىيىم-كېچەك، زىبۇ-زىننەت، گرام-بۇيۇملىرىنى دەپ، خۇيلىنىپ، بىرەر ۋاق تۈزۈك تاماق يىمەسلىك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىرنى قىز-ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى ھەققىدىكى ئىزتىراپلىق ئويلارغا باشلايدۇ.
بىزدە قىسمەن قىز-ئاياللارنىڭ نازاكىتى، جەلپكارلىقىنى نامايەن قىلىدىغان بەلگىلەردە ئۆزگۈرۈش بولدى. مېنىڭچە، چىن مەنىدىكى گۈزەللىك بولۇشى ئۈچۈن«ئەجداد روھى ئۆلمەس، ئەنئەنىلىرىمىز مۇقەددەس»بولغان بولسا، خۇددۇ« گۈل ئۈستىگە گۈل كەلگەندەك، نۇر ئۈستىگە نۇر ياغقاندەك»ئىش بولاتتى.




مەنبە-ئۇلىنىش تورى

توردا
6سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
13 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-20 23:21 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىدىن يىراقلاشسا، شۇ قەۋىمنىڭ ھالاكەت قەدىمى تېزلىشىپ بارىدۇ. يوللانمىڭىز ئادەمنى ئويلاندۇردىكەن.

توردا
177سائەت 
نادىر تېما
دوست
54 
يازما
858 
تېما
113 
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-21 18:01 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن سىزنىڭ يوللىغان ئەسىرىڭىزدىكى ( مېنىڭچە، چىن مەنىدىكى گۈزەللىك بولۇشى ئۈچۈن«ئەجداد روھى ئۆلمەس، ئەنئەنىلىرىمىز مۇقەددەس»بولغان بولسا، خۇددۇ« گۈل ئۈستىگە گۈل كەلگەندەك، نۇر ئۈستىگە نۇر ياغقاندەك»ئىش بولاتتى ) دىگەن سۆزىڭىزنى بەك ياقتۇردۇم . ھەقىقىيى گۈزەللىك قەلىبتە بولىدۇ ئاندىن سىرىتقا تەسىر كۆرسىتىدۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-21 13:05

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.