ئۆزىڭىزنى ئالدىماقچىمۇ، ئۆزگىنىمۇ
(زۇلپىيە زۇمرەتشاھ )
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ھارپا كۈنى ئاپتۇبۇستا ئىككىيلەننىڭ قىلىشقان پارىڭى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى.
ــ ئۆيدىكىلەر ئوقۇتقۇچىلارغا تاپىلاپ قويماقچى ئىكەن، ئىمتىھانغا كىرىدىغانلار تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ئىكەن. ئاتا-ئانام كۆچۈرىدىغانغا بىر نېمە تەييارلاپ قوي دەيدۇ، ــ دېدى بىر قىز تارتىنمايلا.
ــ ئەمىسە تەييارلاپ قويمامسەن. مەنمۇ خېلى تەييارلاپ قويدۇم...
دەل شۇ ئەسنادا ئۇنىڭغا تېلېفۇن كەلدى.
ــ ۋەي ئاداش، تۈنۈگۈن ساڭا دېدىمغۇ، دېيىشكىنىمىزدەك بولسۇن. بىزمۇ بىر نەچچە مۇئەللىمگە دەپ قويدۇق. سەن ئۆزۈڭ دېگىنە، مەن دېيىشتىن خىجىل بولىدىكەنمەن.
ئۇلارنىڭ تەقى-تۇرقى، ياسىنىشىدىن ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكىنى قىياس قىلىش تەس ئىدى. ئۆزۈمچە ئۇلارنى ئالىي مەكتەپنىڭ 2-يىللىقلىرىدا ئوقۇسا كېرەك دەپ ئويلىغانىدىم. ئۇلارنىڭ ئەتە ئۈچۈن قىلغان ئەندىشىلىرى ئويۇمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.
ئويلاپ قالدىم. ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا كۆچۈرمىكەشلىكنى ئۆگىتىشى، ئۇلارغا ئىمتىھان مەيدانىدا «ئالاھىدە ئىمتىياز» ھازىرلاپ بېرىشكە ئۇرۇنىشى بالىلاردا تەييارتاپلىقتەك روھىي پۈچەكلەرنى ھەدىيە قىلماسمۇ؟ توغرا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بالىلارغا نىسبەتەن مۇھىم ئۆتكەل. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا بىرەر يىل قالغاندىن باشلاپ بالىلاردىنمۇ بەكرەك ئاتا-ئانىسى جەڭگىۋار ھالەتكە ئۆتۈپ، بالىلىرىنى ئائىلە ئىشلىرىدىن مۇستەسنا قىلىدۇ. ئۇلارغا ئۆگىنىش شارائىتى ھازىرلاپ بېرىشكە تىرىشىدۇ. ئىمتىھان ۋاقتى كېلەي دېگەندە، بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ سەمىمىيلىك بىلەن ئىمتىھان بېرىشكە ئەمەس، «ئەقىل» ىنى ئىشلىتىپ ئىمتىھان بېرىشكە ئۈندەيدۇ.ئويلاپ باقساق، بۇ يەردە قاتلاممۇ قاتلام ئالدامچلىق شەكىللىنىدۇ. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى كۆز بۇيامچىلىق قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ. بالىلار نازارەتچىلەرنىڭ كۆزىنى غەلت قىلىپ، ئۆتكەلدىن ئۆتۈشكە ئۇرۇنىدۇ. بالىلار نازارەتچىلەرنىڭ نەزىرىدىن قېچىپ قۇتۇلغىنىدىن، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا «ئەقىل» ئۆگەتكىنىدىن شادلىنىدۇ.
خوش، يۇقىرىقىدەك ۋاستىلەرنى قوللىنىپ، پەرزەنتلەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىنغۇ ئۆتۈپ كەتسۇن، لېكىن ئۇلارنىڭ قورسىقىدا ئۇمىچى بولمىسا، ئالىي مەكتەپتە قانداق ئوقۇيالايدۇ؟ ئالىي مەكتەپكە قەدەم قويغاندىن كېيىنكى نۇرغۇن ئىمتىھانلارغىمۇ ساختىلىق بىلەن مۇئامىلە قىلسۇنمۇ، ئۆزگىلەرنى ئالداپ ئۆتكەللەردىن ئۆتۈۋالغانلىقىدىن پەخىرلىنىپ يۈرسۈنمۇ؟
بىلىشىمچە، چەت ئەللەردە كۆچۈرمىكەشلىكىنى كەچۈرگىلى بولمايدىغان گۇناھ دەپ قارايدىكەن. مەكتەپلەردە كۆچۈرمىكەشلىك قىلغانلار باش كۆتۈرەلمەيدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالىدىكەن، ئەمما بىزچۇ؟ ئەمما شۇ ئېسىمىزدە بولسۇنكى، بىلىمگە ساختىلىق قىلغانلىق ئۆزىمىزنى ئالدىغانلىق بىلەن باراۋەر. ئۆزىمىزنىمۇ، ئۆزگىلەرنىمۇ ئالدىماي، ئاز بىلسەكمۇ، ساز بىلىپ، ھەقىقىي ياشىساق ــ قانداق؟!
مەنبە: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى |