ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ئەدەبىي يازمىلار گېزىتچى بالا پاھىشە ئانا

      

كۆرۈش: 275|ئىنكاس: 5
go

گېزىتچى بالا پاھىشە ئانا

توردا
300سائەت 
نادىر تېما
دوست
34 
يازما
798 
تېما
49 

ئۈلگىلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-9 15:28 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ئانا ھېچقانداق ئىنسان بالىسىنىڭ ئەيىبلىشىگە ھەققى يوق نۇقسانسىز ئىنسان. ئەمما جەمىئىيىتىمىزدە تۆۋەندىكى ئەسەردىكى ئانىمۇ يوق ئەمەس. بۇ ئانىنى ئەيىبلەش كېرەكمۇ يوق؟ قالغىنىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئويلىنىشىغا سۇندۇم.




- سەت كۆرۈنمەي ئۆتە ھارامتاماق شۇم؟
-ئاكا،بۈگۈننىڭ يېڭى گېزىتى،ئۇنداق قىلماي ئېلىڭە!ئۆتۈنۈپ قالاي...

- گېزىتىڭدىكى ئىشلار بىلەن مېنىڭ نېمە مۇناسىۋىتىم بار؟!
-ماقۇل دەپ ئېلىڭە~ئەرزانغۇ؟
-بېشىمنى ئاغرىتما دەيمەن!يوقال!
-ۋايجان!...
گېزىتلەر چېچىلىپ كەتتى،بىچارە بالا يەردىن تەسلىكتە ئۆمىلەپ تۇرۇپ چېچىلىپ كەتكەن گېزىتلىرىنى تېرىشقا باشلىدى.گېزىتلەر مەينەت لايغا چىلىنىپ كەتكەنىدى.بالا ئۆزىنى قىلچە رەھىم قىلماي ئىتتىرۋېتىپ كېتىپ قالغان سامان قورساق ئادەمنىڭ كەينىدىن يىغلامسىرىغانچە قاراپ قالدى.
قەيسەرنىڭ دادىسى قىمار سۇرۇنىدا ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىپ ئانا بالىنى تاشلاپ تۈرمىگە مەھكۇم بولغىلى ئۇزۇن بولمىدى.تۇرمۇشنىڭ ئۆزىگە كەلتۈرگەن ئېغىر كۈلپەتلىرىنى ئاشۇ ئۇماق بىر جۈپ كۆزىدىكى ياشلىرى بىلەن چاندۇرماي ئۆتكۈزۈپ،بىچارە ئانىسىنىڭ ئازراق بولسىمۇ يۈكىنى يېنىكلىتىپ گېزىت سېتىپ كۈنىگە بەش ئون تەڭگە بولسىمۇ خىراجەت قىلىۋاتقىنىدەك خىسلىتىنى نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئوغۇل قىزلىرىنىڭ بەدىنىنى چوخچىلاپ،كوچىلاپمۇ تاپقىلى بولمايدۇ.
ئۇنۋېرستېتتا ئوقۇيدىغان تۆت قىز ئىككى كۈندە بىر قۇر يېڭى كېيىم كېيىش ئۈچۈن بىر كۈن مېھمانخانىدا چوڭ خوجايىنلارغا ھەمراھ بولۇپ بىر كېچە ياتسىلا كۇپايە.بىرەر شەكلى ئۆزگەرگەن ساتراشخانىدىكى نايناقلارنىڭ ماختاپ قويۇشىغا لەيلەپ ،چاقىرىپ قويسا شۇ مەينەتلەرنىڭ قوينىدا <<جەننەت>>نىڭ لەززىتىنى سۈرۈش ئۈچۈن پۇل تاپالماي بۇلاڭچىلىق قىلىش،يانچۇقچىلىق قىلىش دېگەنلەر بەزى ئوغۇللىرىمىزنىڭ <<ئەڭ ياخشى پۇل تېپىش>> ئۇسۇلى.
كۈرمىڭلىغان ئادەملەر ئارىسىدىن مۇشۇنداق ھالال پۇل تېپىپ ئائىلىسىغا يۈكىنى كۆتۈرگۈزمەي ياشاش جەمىيىتىمىزدە يەنە قانچە 7ياشلاردىكى ئۆسمۈرلىرىمىزدە بار خىسلەت؟
قەيسەر مەينەت بولۇپ كەتكەن گېزىتلىرىنى كۆتۈرۈپ قاراڭغۇدا كوچا چىراغلىرى يورۇتۇپ تۇرىدىغان يەردە تۇردى.ئۇ بىرەر ئاقكۆڭۈل كىشىنىڭ كېلىپ ھەممە گېزىتىنى بىراقلا سېتىۋېلىشىنى،ئاران تاپقان پۇللىرىنى تېزراق ئۆيىگە ئاپىرىپ ئانىسىنىڭ قوللىرىغا ئۆز قولى بىلەن تاپشۇرۇشنى ئۈمىت قىلاتتى.ئەمما ئۈمىت دېگەن شۇنداق تاتلىق نەرسىكەن.تاتلىقنىڭ ھەممىسى كىشىگە نېسىپ بولمايدىكەن.
قەيسەر توڭلاپ كەتتى،قىشنىڭ سوغۇقى كېچىدە ھەقىقىي كۈچىنى كۆرسىتەتتى.ئۇ ئاخىر ئەمدى بىرەرسىنىڭ ئۆزىدىن گېزىت ئالمايدىغانلىقىنى پەملىدى-دە،گېزىتلىرىنى قۇچاقلىغىنىچە كوچىنىڭ ئارقا تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتتى.بۇنچە كەچتە گېزىت ئالىدىغان ئادەمنىڭ بولىشى مۇمكىن ئەمەستى.ئۇنىڭ ئۈستىگە گېزىت بۈگۈن كۈندۈزىلا قىممىتى بولىدۇ،ئەمدى بولغاندا ئۇنىڭدىكى خەۋەرلەر كونىراپ بولغانىدى...
قەيسەر گېزىتلىرىنى بىريەرگە جۇغلىدى،يېنىدىن تەييارلاپ قويغان سەرەڭگىسىنى ئېلىپ گېزىتكە ئوت تۇتاشتۇردى.ئوت گۈررىدە تۇتاشتى دە ،لاۋۇلداپ كۆيۈشكە باشلىدى.قەيسەر ئەزەلدىن سېتىپ بولالمىغان گېزىتلىرىنى كۆيدۈرمەيتتى.بۈگۈن ئاڭلىغان ھاقارىتى ئۇنى ئۈمىتسىزلەندۈرۈپ ،نازۇك قەلبىنى خېلىلا بوزەك قىلىۋالغانىدى.ئوتقا قاراپ قەيسەرنىڭ بىرجۈپ سەبىي كۆزى قانداقتۇر بىر خىياللارغا كەتتى،جىسمى بولسا بارا بارا ئىللىدى...
قەيسەر ئۆچكەن ئوتتىن قىيمىغاندەك ھالدا ئايرىلىپ بۇ يەردىن ئايرىلدى.ئۆيگە كېتەي ئاپىسىنىڭ چۈشتە<< بالام بۈگۈن ئۆيدە يېگۈدەك ھېچنىمە قالمىدى،كەچتە سېتىلىپ بولغان گېزىتلىرىڭنىڭ پۇلىغا ئانچە مۇنچە بىر نېمە كەلسە ئالغاچ كەلگىن...>>دېگەن سۆزى كاللىسىغا كېلىۋالدى.ئەمەلىيەتتە قەيسەر بۈگۈن ئاران ئۈچ دانە گېزىت ساتالىدى.تېخى خېرىدارلىرى يېرىم باھادا بەرگىن دەپ پۇلنىمۇ ئاز بەردى....
قەيسەر مېڭىپ مېڭىپ داڭلىق ئاشخانىلار قاتار تىزىلغان بىر كوچىغا كەلدى.قورسىقى ئېچىپ ئىختىيارسىز ئاشخانىنىڭ يوغان دېرىزىلىرىدىن ئىچىگە تەلمۈردى.ئۈستەل-ئۈستەللەرگە تىزىۋېتىلگەن كاۋاپ،قورداق،چۆپ...قەيسەر تېخى ئۆمرىدە كۆرۈپ باقمىغان ھەرخىل تائاملار...ھاراقلار...خېرىدارلار قوپۇشقا باشلىغان ئۈستەللەر،يېيىلمىگەن تائاملار....
ھەي...مۇشۇ ئۈستەللەردە قانچىلىغان توق قورساق ئادەملەر ئۆزىنى كۆرسىتىپ ئولتىرىدىغاندۇ؟قانچىلىك يولى بارلار يول تېپىۋاتقاندۇ؟قانچىلىك ھالال،ھارام ئارلاش سودىلار پۈتىۋاتقاندۇ؟قانچىلىك قورسىقىدا ئىلىمنىڭ سۇنىقى يوقلار مۇشۇ <<ھۆرمەت>>لەر يۈزىسىدىن خىزمەتكە ئورۇنلىشىۋاتقاندۇ؟بۇنى قەيسەرنىڭ ساددا قەلبى ھېس قىلىپ يېتەلمەيدۇ،ئۇنىڭ خىيالىدا پەقەت ئاپامغا مۇشۇ تائاملاردىن ئازراق ئېلىپ كېتەلىسەم...دېگەن ئىنتايىن ئاددى ئارزۇ ئەكس ئېتەتتى...توساتتىن بىر ئاشخانىنىڭ ئامانلىق ساقلىغۇچىسى قوپاللىق بىلەن كېلىپ قەيسەرنى <<ماڭ!مەينەت شۇم،نېرى بېرىپ قارا!!>>دەپ قوپاللىق بىلەن ئىتتىرۋەتتى...نېمىشقا كىچىككىنى بىر بالىنى شۇنچە چوڭ بىرى قوپاللىق بىلەن ئىتتىرۋېتىدۇ؟بۇنى قەيسەر بىلمەيتتى،بىلىشنىمۇ خالاپ كەتمەيتتى،چۈنكى ئۇ بۇ شەھەردە بۇنداق تىللار بىلەن ئاز قوغلانمىدى...
قەيسەر بۇ يەردىنمۇ كەتتى.بىراق ئۆيىگە يەنىلا بارغۇسى كەلمىدى،چۈنكى ئانىسىغا ئۆزىنىڭ قۇرۇق قول كەلگەن قىياپىتىنى كۆرسەتكۈسى كەلمىدى.ھاۋا بەكلا سوغۇق،قەيسەر تىترىدى،بۇدرۇق قوللىرى بىربىرىگە سۈركەلدى،ئاچ قورساقلىق ئۇنى بەكلا قىينىدى.ئۇ ماڭدى ،مېڭىپ ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان ناتۇنۇش قاراڭغۇلۇقلارغا بېرىپ قالدى،ئۇ يەر بۇ يەرلەردە قىزىل چىراغ يېنىپ تۇرغان ئۆيلەر،ئۆيلەرنىڭ ئالدىدا قىزلارنىڭ نايناقشىغان،ئەرلەرنىڭ قاقاقلاپ كۈلىۋاتقان ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتاتتى.قەيسەر ئىختىيارسىز شۇ تەرەپكە قاراپ ماڭدى،ئۇنىڭ سەبىي خىيالىدا قايسى ئاكام ياكى قايسى ھەدەم ماڭا ئازراق يەيدىغان نەرسە بېرەركىن دېگەندە ئىدى.ئۇ مېڭىپ ھېلىقى قاقاقلاپ كۈلىشىۋاتقانلارنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلدى...كەلدىيۇ كۆزىگە ئىشەنمىدى!.!ئاھ!!!نېمە ئىش بۇ؟ئاپام ئۆيدە ئىدىغۇ؟بۇ يەردە كىم بىلەن تۇرىدۇ؟بۇ سەت سامان قورساق نەچچە سائەت ئىلگىرى گېزىتىمنى ئالماي مېنى تىللاپ ئىتتىرۋەتكەن ھېلىقى ئادەمغۇ؟!!
-ئاپا!!!
-ھە؟..با...بالام...قەيسەر؟...
-ئاپا بۇيەردە نېمە قىلىۋاتىسەن؟-،قەيسەر ئاپىسىنىڭ ھېلىقى ئادەمنى تۇنىيدىغانلىقىنى پەملەپ خېلى جۈرئەتكە كېلىپ-،ئاپا بۇ ئادەم بەك ئەسكىكەن.مېنىڭ گېزىتلىرىمنى چېچىۋەتتى.يۈرە كېتەيلى،ئۇنىڭ بىلەن تۇرمىغىن.
-ھەي كىمسەن؟نېمە دەپ جۆيلىۋاتىسەن؟-سامان قورساق قەيسەرنى تۇنىدى،لېكىن قەيسەرنىڭ ئاپىسىنىڭ ئالدىدا چاندۇرماسلىققا تىرىشىپ شۇنداق دېدى.
-بالام،قالايمىقان گەپ قىلما ھە،بۇ ئاكاش بەك ياخشى،بۈگۈن ماڭا جىق پۇل بېرىدىغان بولدى،-قەيسەرنىڭ ئانىسى ھېلىقى ئادەمگە كۆزىنى قىسىپ قويدى،-ساڭا ئۆيگە قايتقاندا جىق يەيدىغان نەرسە ئەپىرىپ بېرىمەن،ئۆيگە كەتكەچ تۇرغىن ھە،بۇ يەردە يۈرمە ،خەتەرلىك.
-ياق ئاپا،سېنى بەك سېغىندىم.قورسىقىم ئاچمىدى.سەن تاماق يە،مەن سەن بىلەن ئولتۇرىمەن،بۈگۈن سېنى بەك سېغىندىم.-قەيسەر يىغلاشقا باشلىدى.بالىسىنىڭ قەغىشلىق قىلىشىدىن ئانىسى خېرىداردىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرىدى بولغاي،قەيسەرنى سىلكىۋەتتى:
-ماڭە!كەت دېگەندىكىن كەتمەمسەن،گەپ ئاڭلىماس بولدۇڭما ئەمدى؟!!
-كىچىك بالىكەن ئەمەسمۇ ئامرىقىم،بولدى چېچىلماڭە،يۈرىڭە كىرىپ كېتەيلى-،ھېلىقى سامان قورساق قەيسەرنىڭ كۆز ئالدىدا قەيسەرنىڭ ئانىسىنى ئەركىلىتىپ ئۇنى قىزىل چىراقلىق ئۆيگە ھە دەپ تارتىشقا باشلىدى...
-مەن ھېلىغىچە بارىمەن ھە!تېز قايت!-ئانا نايناقلىغانچە ھېلىقى ئەر بىلەن قىزىل چىراقلىق ئۆيگە كىرىپ كەتتى.
قەيسەر ئۆيىگە قانداق بېرىش كېرەكلىكىنىمۇ بىلمەيتتى،ھېلىقى ئۆزىنى ھاقارەتلىگەن ئادەمنىڭ قانداق قىلىپ ئانىسىنىڭ تۇنىشى ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ بىلمەيتتى،ئۆيگە قانداق ماڭىدۇ؟مۇشۇ يەردە ساقلاپ تۇراي،ئاپام چىققاندا تەڭ قايتىمەن!سەبىي قەيسەر نۇرغۇن بىلمەسلىكنى،سۇئاللارنى ئويلىغىنىچە،ھەم ئېچىپ كەتكەن قورسىقىنى سىلىغانچە بايىقى قىزىل چىراقلىق،ئانىسى بىلەن سامان قورساق ئادەم كىرىپ كەتكەن ئۆينىڭ ئالدىدا زوڭزايغانچە ئولتۇردى.


مەنبە ؛ئۇزچىن مۇنبىرى ...

توردا
176سائەت 
نادىر تېما
دوست
41 
يازما
1753 
تېما
252 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-9 18:43 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
نىمە دېگەن ئىچىنىشلىق ئىش بۇ ھە !

توردا
44سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
18 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-9 23:02 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
چوڭلارنىڭ قىلغان كىچىككىنە گۇنايى بالىلىرىنىڭ بىر ئۆمۇر دەرت تارتىشىغا سەۋەپچى بولدۇ

باھا سۆز

aktoxkan توغرا دەيسىز .............. يوللانغان ۋاقتى 2011-6-10 13:37

توردا
237سائەت 
نادىر تېما
دوست
33 
يازما
2156 
تېما
263 
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-9 23:03 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ۋاي ئىسىت ، سەبىي بالا ھازىرغۇ بىلمەس، كىيىن ئۇ بالا چوڭ بولماسمۇ، شۇ ئىشلارنى ئويلىغىنىدا ھىلىقى داپ يۈز ، سامان قورساققا، ھەم نايناق ئاپىسىغا نەپرەتلەنمەسمۇ؟ يەنە كىلىپ... ھەي بولدىلا سۆزلىمەي بەك سۆزلەپ كەتكۈدەكمەن... تىمىڭىزغا تەشەككۈر، ھارمىغايسىز...

توردا
209سائەت 
نادىر تېما
دوست
24 
يازما
1180 
تېما
251 
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-10 13:29 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
نىمە دېگەن ئىچىنىشلىق ئىش بۇ ، مۇشۇنداق تىمىلارنى كۆرسەملا يۇركۇم ئىزىلىپ كىتىدۇ......ھەم جاھاننىڭ مۇشۇنداق رەھمىمسىزلىكلىرىنى دەپ ئادالەتسىزلىكىنى دەپ ئۆلىۋالغىملا كىلىدۇ.......

باھا سۆز

aktoxkan ئۆلىۋېلىش بىلەن ئىش تۈگىمەيدۇ دوستۇم .ھەرئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى ... يوللانغان ۋاقتى 2011-6-10 13:43

توردا
138سائەت 
نادىر تېما
دوست
13 
يازما
955 
تېما
12 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-14 10:50 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنمۇ مۇشۇنداق ئىشلارغا پەقەت تاقەت قىلالمايمەن ! ئاشۇ ئىنسانلار شەيتاننىڭ چالغان دېپىغا نىمانچىلا ئاشۇرۇپ ئۇسۇل ئوينايدىغاندۇ ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-24 11:27

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.