ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
كۆرۈش: 79|ئىنكاس: 4
go

ھايات

توردا
123سائەت 
نادىر تېما
دوست
20 
يازما
713 
تېما
114 
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-5 18:01 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ يەردە بىر مۇنار بار، ئۇنىڭغا بارلىق ئادەملەرنىڭ جەزمەن يامىششىغا توغر كېلىدۇ. بۇنىڭدا ناھايەت يۈزچە پەلەمپەي بار. بۇ ئېگىز مۇنارنىڭ ئوتتۇرىسى كاۋاك. ئادەم ئۇنىڭ چوققىسىغا چىققان ھامان يىقىلىپ چۈشۈپ سۆڭەكلىرى كۇكۇم - تالقان بولۇپ كېتىدۇ. بىراق، ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ بۇنداق ئېگىزلىكتىن يىقىلىپ چۈشۈشى تەس. بۇ ھەربىر ئادەمنىڭ تەقدىرى: ئەگەر ئۇ پۈتۈلگەن مەلۇم پەلەمپەيگە چىققىنىدا، پەلەمپەي ئۇنىڭ پۇتى ئاستىدىن غايىپ بولىدۇ، بۇ خۇددى توزاقنىڭ قاپقىقىغا ئوخشايدۇ، ئادەممۇ شۇنىڭ بىلەن غايىپ بولىدۇ. شۇنىسى ئادەم ئۇنىڭ 20- ياكى 63- پەلەمپەي ۋە ياكى ئۇلاردىن باشقا پەلەمپەي ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ؛ ئادەمگە ھەقىقەتەن ئايان بولغىنى پەلەمپەيلەردىن بىرىنىڭ جەزمەن ئۇنىڭ پۇتى ئاستىدىن غايىپ بولىدىغانلىقىلا ، خالاس.
دەسلەپكى يامىشش ئاسان بولىدۇ، بىراق ناھايتى ئاستا بولىدۇ. يامىششىنىڭ ئەسلىدە ھېچقانداق مۈشكۈللىكى يوق، ھالبۇكى، ھەربىر باسقۇچتا مۇناردىكى كۆرۈش تۆشۈكچىلىرىدىن كۆرۈنگەن مەنزىرىلەرمۇ ئادەمگە يېتەرلىك لەززەت بىغىشلايدۇ. ھەربىر شەئىي يىپيىڭى بولىدۇ. مەيلى يېقىندىكى ياكى يىراقتىكى شەئىيلەر بولسۇن، ھەممىسىلا مېھرىڭىزنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرىدۇ. يۇقىرىغا چىققانسىرى يامىشش تەسلىشىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆزمۇ شەيئىلەرنى ئانچە پەرقلەندۈرەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ، قارىماققا ئۇلار ئوخشاشتەكلا كۆرىنىدۇ. ھەربىر باسقۇچمۇ تارتىشقۇدەك ھېچ نەرسە قالمىغاندەك بىلىنىدۇ. بۇۋاقىتتا تېزراق مېڭىش لازىم ياكى بىر نەچچە پەلەمپەيگە ئۇدا چىقىپ كېتىش لازىم، بىراق بۇنداق قىلىش مۇمكىن ئەمەس.
ئادەتتە بىر ئادەم يىلىدا بىرلا پەلەمپەيگە چىقىدۇ، ئۇنىڭ سەپەرداشلىرى ئۇنىڭغا شادلىق تىلەيدۇ، چۈنكى ئۇ تېخى يىقىلىپ چۈشمىگەندى . ئۇ ئون پەلەمپەينى بېسىپ يېڭى بىر سۇپىغا چىققىنىدا ئۇنى تەبرىكلەش تېخىمۇ قىزغىنلىشىدۇ. ھەر قېتىمدا كىشلەر ئۇنىڭ داۋاملىق يامىششىنى ئۈمىد قىلىدۇ، مانا بۇ ئۈمىد تېخىمۇ كۆپ زىددىيەتنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ. ياماشقۇچى بۇ ئادەم چوڭقۇر تەسىرلىنىدۇ، بىراق ئارقىدا قالغانلىرىدىن ئۆزى قانائەت ھاسىل قىلغۇدەكلىرىنىڭ ناھايىتى ئازلىقىنى ئۇتنۇپ قالىدۇ ھەمدە قانداق ئاپەتنىڭ ئالدىغا يوشۇرۇنغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ.
شۇنداق قىلىپ نورمال ئاتالغان كۆپ ساندىكى كىشلەرنىڭ ئۆمرى مۇشۇنداق ئۆتۈپ كېتىدۇ، روھىي جەھەتتىن ئالغاندا ئۇلار ئوخشاش بىر يەردە توختاپ قالىدۇ.
ھالبۇكى، بۇ يەردە يەنە بىر ئۆڭكۈر بار، كىرگەن ئاشۇ كىشلەر تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ كىرىش ئۈچۈن ئۆزلىرى لەخمە قېزىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. يەنە بەزى كىشلەر بولسا نۇرغۇن ئەسىرلەر ئىلگىرى ئەجدادلار قازغان لەخمە يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.
يىللار بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى قوغلىىشپ، بۇ كىشلەر بارغانسىرى يەر ئاستىغا كىرىدۇ، ئاشۇ قېزىلما بايلىقلار بار يەرلەرگە بارىدۇ. ئۇلارغا يەر ئاستى دۇنياسى تونۇش، ئۇلار تىلسىماتقا ئوخشايدىغان لەخمە يوللىرى ئىچىدە يول ئىزدەيدۇ، يەر ئاستىنىڭ چوڭقۇر قىسمىدىكى خىزمەتكە يىتەكچىلىك قىلىدۇ ياكى ئۇنىڭ بىلەن تونۇشىدۇ ۋە ياكى ئۇنىڭغا قاتنىشىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا بېرىلىپ كەتكەچكە ، ۋاقتىنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنمۇ بىلمەي قالىدۇ.
مانا بۇ ئۇلارنىڭ ھاياتى ، ئۇلار ئىدىيسىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىنى قېزىش ئەمگىكى ۋە ئىزدىنىشى بىلەن شۇغۇللانغاچقا ، شۇ ۋاقىتتىكى تۈرلۈك ۋەقەلەرنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى تاللىۋالغان تىنىچ خىزمىتى بىلەن ئالدىراشلىقتا ئۆتىدۇ، يىللار كەلتۈرگەن زىيان ۋە قايغۇ ئازاپ ھەمدە يىللار مەھرۇم قىلغان شادلىقلارنى باشتىن كەچۈرىدۇ. ئەزىرائىل كەلگىنىدە ئۇلار ئارخېمىد قا ئوخشاش " سىزغان چەمبەرلىرىمنى قالايمىقان قىلۋەتمەڭلار " دەپ ئىلتىماس قىلىدۇ.
كىشلەرنىڭ كۆز ئالدىدا يەنە چەكسىز سوزۇلغان بىپايان كەڭ دالا بار، بۇ دالا خۇددى شەيتان تاغدا نىجاتكاغا نامايەن قىلغان پادىشاھلىققا ئوخشايدۇ. ئۆمۈر بويى قانائەتسىزلىك قىلىدىغان ، باشقىلارنى باش ئەگدۈرۈشنى ئويلايدىغان كىشلەرنىڭ ھاياتى تېخىمۇ كەڭ زېمىن ئىگىلەشكە بېرىلىش ، تېخىمۇ كەڭ نەزەر دائىرىگە، تېخىمۇ يېتەرلىك تەجىربىسىگە ئېرىشش، تىخىمۇ كۆپ ئادەم ۋە شەيئىلەرنى كونتىرول قىلىشتنى ئىبارەت بولىدۇ. ھەربىي يۈرۈشلەر ئۇلارنى مەڭگۈلۈك ئارزۇسىنى ئەرلەرنىڭ كاللىسى ۋە ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى تېخىمۇ كۆپلەپ ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش. ئۇلار قانائەتسىز، سىرلىق، كۈچلۈك كېلىدۇ. ئۇلار يىللاردىن پايدىلىنىدۇ، شۇڭا يېللار ئۇلانى بىزار قىلمايدۇ. ئۇلار ياشلارنىڭ بارلىق ئالاھىدىلىكى بولغان تەۋەككۈلچىلىككە قىزىقىش، تۇرمۇشنى سۆيۈش، ئېلىششقا ھېرىسمەن بولۇش، زېھنى ئۇرغۇپ تاشقان وبلۇش، مېڭىسى جانلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكنى يوقاتمىغان بولىدۇ، ئۇلار مەيلى قانچىلىك قىرىپ كەتسۇن ئۆلگىچىلىك ياش بولىدۇ. خۇددى سالىمۇ بېلىقى جىددى ئېقىنغا قارشى ماڭىدۇ.
ۋاھالەنكى ، شۇنداقمۇ ئىش مەيدانلىرى بار - ئەمگەكچىلەر مۇش ئىش مەيدانىدا ئۆمرىنى شۇنچە بىمالال ئۆتكۈزىدۇ، ئۇلار كۈندە شۇ يەردە خىزمەت قىلىپ ھەر كۈنى مەنپەئەتكە ئىرىشدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىمۇ بىلمەيلا قېرىپ كېتدۇ ، دەرۋەقەم ئۇلار ئۈچۈن ئاز - تولا بىلم ۋە تەجىرىبە بولسىلا كۇپايە. ھالبۇكى ، ئۇلار ئەڭ ياخشى قىلالمىغان نۇرغۇن ئىشلار ئۇلار ئەڭ چوڭ چۈشىنىدىغان ، ئەڭ كۆپ ئۇچىرىغان ئىشلاردۇر. بۇ ئىش مەيداندىكى تۇرمۇشنىڭ شەكلى ئۆزگەرگەن بولۇپ، گۈزەل ھەم ئازادە بولىدۇ. شۇڭا ، بۇ يەردە خىزمەت قىلىدىغان كىشلەرگە ئۆزلىرىنىڭ پىرغا ئايلىنىش - ئايلىنالماسلىقىدا ئۆزىگە تايىنىش لازىملىقى ئايان. پىرلا ئۈچۈن بىر نەچچە يىلدىن كېيىن ئۆزى ئىزدەنگەن ۋە پىشقان ماھارەتتىن توختاپ قېلىپ ئىلگىرىلىمەسلىكنىڭ ئەڭ نادانلىق ئىكەنلىكى ئايان، ئۇلار ئۆزلىرىگە مۇنداق دەيدۇ: بىر خىل تەجىرىبە ( مەيلى ئۇ قانچىلىك ئازابلىق تەجىرىبە بولسۇن) ، ئانچىكى بىر كۆزىتىش ، بىر قېتىملىق تەلتۆكۈس تەكشۈرۈش ، شادلىق ۋە قايغۇ، مەغلۇبىيەت ۋە غەلبە ھەمدە غايە، پەرەز ، خىيال ياكى مۇنداق ، ياكى ئۇنداق ئۇسۇللار بىلەن ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدۇ، شۇڭا يېشىنىڭ چوڭيىشىغا ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ خىزمىتى تېخىمۇ مۇھىملىشىدۇ، تېخىمۇ موللىشىدۇ . ئۇلار تۇغما ئىقتىدارغا تايىنىدۇ، سەگەك كاللسى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىدارىغا ئىشىنىدۇ. كاللىسىنىڭ ئۆزلىرىنى دۇرۇس يولغا سالدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، چۈنكى تۇغما ئىقتىدار ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە مەنسۇپ . ئۇلار ئىش مەيدانىدا پايدىلىق ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
ئۇلارنىڭ ئىش مەيدانى چوڭ ئەمەس، بىراق ئۇلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، يېتەرلىك . ئىش مەيداننىڭ ماكانى ئۇلارنىڭ شۇ ماكان ئىچىدە ئوبراز يارتىشى ۋە ئىددىينى ئىپادىلىشىگە يېتىدۇ . ئۇلار تازا ئالدىراش بولىدۇ، شۇڭا بۇلۇڭغا قويۇلغان قۇم سائەتكە قارايدىغان چولىسى تەگمەيدۇ، قۇم توختىماي پەسكە سىرغىپ تۇرىدۇ. بەزى يېقىملىق ئىدىيلەر ئۇلارغا ھەدىيە بەرگىنىدە ئۇلار بۇنىڭ خۇددى سۆيۈملۈك بىر قول قۇم سائەتنى ئايلاندۇرۇپ ، سائەتنىڭ ئايلىنىشىنى ئاستىلىتىۋاتقانلىقنى بىلىدۇ.

توردا
209سائەت 
نادىر تېما
دوست
24 
يازما
1180 
تېما
251 
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-5 19:03 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تىما ئىگىسىگە كۆپ رەخمەت....ھارمىغايسىز..... تىمىڭزنى قايتا-قايتا ئوقۇغان بولساممۇ نىمە مەزمۇن ..نىمە مەخسەت بارلىقىنى بىلەلمىدىم.....

توردا
209سائەت 
نادىر تېما
دوست
24 
يازما
1180 
تېما
251 
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-5 19:05 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھە..... ئەمدى چۇشەندىم ..... توغرا ھاياتتا قاپارتارتىمايتۇرۇپ ...... ھالاۋەتكە ئىرىشكىلى بولمايدۇ..

توردا
176سائەت 
نادىر تېما
دوست
41 
يازما
1753 
تېما
252 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-6 10:59 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئادمگە ئىرادە ئاتا قىلىدىكەن . ھاياتتىن قانداق بەھىرلىنىش ئادەمنىڭ ئۆزىگە باغلىق .

توردا
177سائەت 
نادىر تېما
دوست
54 
يازما
858 
تېما
113 
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-6 11:58 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسىڭىزنىڭ تېمسى ياخشى بوپتۇ ، بىراق سىز ئىپادىلمەكچى بولغىنڭىزنى ئىنىق ئوتتۇرغا قويماپسىز . بۇنداق دىسەم سىزنىڭ قىزغىنلىقىڭىزغا تەسىر يەتمىسۇن . داۋاملىق تىرىشىڭ ، ئەجىرىڭىزگە تەشەككۈر .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-24 11:35

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.