- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-8-25
- تىزىملاش
- 2011-3-11
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 237سائەت
- جۇغلانما
- 8693
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 2163
- تېما
- 263
- توردا
- 237سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 33
- يازما
- 2163
- تېما
- 263
|
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال، شۇنى بىلگىنكى ، ئامەتنىڭ ئۆز ئالدىغا قانۇنىيىتى بولىدۇ، ئەقىللىق ئادەمنىڭ ھەر قانداق ئىشتا پۇرسەتنى كۈتۈپ تۇرىشى ناتايىن ، تەلەي تىرىشچانلىقنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆز ئۈنىمىنى كۆرسىتەلەيدۇ، بەزىلەر تەقدىر-قىسمەت دەرۋازىسىغا تولۇپ تاشقان ئىشەنىچ بىلەن يىقىنلىشىدۇ-دە ، ئامەتنىڭ كىلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرىدۇ، بەزىلەر سەل جانلىقراق ئىش كۆرىدۇ، ئۇلار تەقدىر دەرۋازىسىدىن ئىھتىياتچان ئەمما يۈرەكلىك ھالدا مەردانە قەدەملەر بىلەن كىرىپ كىتىۋىرىدۇ، ئۇلار گۈزەل ئەخلاق ۋە باتۇرلۇقتىن ئىبارەت قانىتىنىڭ خاسىيىتىدىن ھەممىدىن ئۈستۈن جاسارىتى ئارقىلىق ئامەت بىلەن ئىلىشىدۇ، ئاخىرىدا پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ مەقسەت-مۇددىئاسىغا يىتەلەيدۇ.
ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، گالۋاڭ ئادەم بىلەن ئەقىللىق ئادەمنىڭ قىلغان ئىشى ئوخشاش بولسىمۇ، ۋاقتى ئوخشاش بولمايدۇ، ئەقىللق ئادەم مۇۋاپىق پەيىتتە قىلىدۇ، گالۋاڭ ئادەم نامۇۋاپىق پەيىتتە قىلىدۇ، ئەگەر سەن ئەقلىڭنى باشتىلا جايىدا ئىشلەتمىسەڭ ، باشقا ھەر قانداق ئىشنى تەتۈر قىلىپ قويىسەن ، يەنى بىشىڭغا كىيىدىغاننى ئايىغىڭ بىلەن دەپسەندە قىلىسەن ، ئوڭ قولۇڭ بىلەن سولنى ئالماشتۇرۇپ قويىسەن-دە ، سول قولۇڭنى ئوڭ قول ئورنىدا ئىشلىتىپ سالىسەن، ئەقىللق ئادەم قايسى ئىشنى ئاۋال قىلىش، قايسى ئىشنى كىيىن قىلىش كىرەكلىكىنى ئالدىن مۆلچەرلەپ چىقىپ ، ئاندىن كۆڭۈللۈك ھالدا قىلىشقا كىرىشىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ئابرۇيىنى ئۆستۈرىدۇ.
مەنبە؛<<خانىم قىزلارغا 100 نەسىھەت>>
|
|