پولات قانداق داتلاشتى؟ ھەر نەرسىنىڭ ئۆزىگە خاس گۈزەللىكى بولىدۇ ، مەيلى ئۇ قۇشنىڭ پىيى بولسۇن ، ياكى زىمىنغا ئىغىر بەستى بىلەن چىڭ تاقېلىپ تۇرغان ھەيۋەت تاغلار بولسۇن . ۋە ياكى ئەتتىگەندە گۈل بەرگىدە پەيدا بولغان شەبنەم بولسۇن، ۋە ياكى ئادەم ئاياغ باسمىغان چۆللۈكلەردىكى بىر تال قۇم دانچىسى بولسۇن. ئەتىراپىدىكى مۇھىتقا ئاز تولا بولسىمۇ ھۆسۈن قوشىدۇ ، ئەمدى مىللەت توغىرسدا گەپ باشلىساق ، مەيلى ھازىرقى دەۋىردىكى پۈتۈن دۇنيانى ئىختىساس ئىگىلىرى بىلەن تەمىنلەۋاتقان يەھودى بولسۇن ، ياكى ئەينى زاماندىكى خاتالىقى تۈپەيلى ئۆزىنىڭ زىمىنىدىن ئايرىلىپ قالغان ئئىندىئانلا بولسۇن . ۋە ياكى ناخشا-ئۇسسۇل ئۈچۈن بارلىقىنى بىغىشلىۋەتكەن سىگانلار بولسۇن . ھەربىر مىللەت ئىنسانىيەتكە ئاز-تولا تۆھپە قوشۇپ ئۆتتى دىسەك خاتالاشمايمىز . مۇشۇ تەرىقىدە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەدەنيەت ، ئىلىم-پەن، كەشپىيات ، ۋە ياكى سەنئەت جەھەتتىكى تۆھپىلىرىنى ھەر قانداق بىر كىشى بىلىدۇ ،ھەم بىلىۋاتىدۇ.
پولات_ ئۇ ھەربىر كىشىنىڭ نەزىرىدە ھەر قانداق بېسىمغا چىداشلىق بىرەلەيدىغان . توپراقنىڭ ئاستىدا نەچچە مىڭ يىل ياتسىمۇ يەنىلا ئۆز خۇسۇسيىتىنى يوقاتمايدىغان جىسىمدۇر ، بۇ ئاتالغۇنى كىشلەرگە باغلىساق ، چىداملىق ، غەيرەتلىك ،غۇرۇرلۇق كىشلەرنى پولات دىسەك بولىدۇ ، يەنە پولاتنى, زەربىسىدىن قۇرقمايدىغان ، ئىزىلمەيدىغان ، تاجاۋۇزچىلارنىڭ تىغلىرى كار قىلمايدىغان ، ئۆزلىگىنى يوقاتمايدىغان مىللەت دىسەك خاتا كەتمەس، ئۇنداقتا پولات داتلىشامدۇ؟
ماناپولاتقا ئوخشاتقان ئۇيغۇرمىللىتىمىزدىكى ئىسىل-ئەخلاق ، ۋىجدان داتلاشىۋاتىدۇ؟نىمىشقا داتلىشىۋاتىدۇ؟
مەن پەقەت ئۆز خائىشىم بويچە بىر نەچچە نوقتىغا يىغىنچاقلايمەن
1.مىللەتنىڭ بېشىغا چۈشكەن كىسلاتالىق يامغۇر_ ئەيدىز.
ئەيدىز ، بۇ ئاتالغۇنى ئاڭلېغىنىمغا خىلى يىللار بولغاندۇ . يىڭى ئاڭلىغان چاغلىرىمدا مەن شۇنچىلىك خاتىرجەم ئىدىم ،مىنىڭ ئىڭىمدە ئەيدىز بىزدىن تولىمۇ يىراق ، ئەيدىز ئامىرىكىدا ياكى ئافىرىقىدا، بۇ نىجىسنىڭ نەچچە قىتئە ئاتلاپ ، نەچچە ئوكيان كىچىپ بىزنىڭ يېنىمىزغا كىلىشكە ماغدۇرى يۇق دەپ ئويلاتتىم ، ئەمما كەلدى ، ئۇ كىلىشنى خالىمىغان بولىسمۇ بىز چىللاپ كەلدۇق ، ھەتتا بەزى كىشلىرىمىز ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئەيدىزنىڭ ئالدىغا چىقتۇق . يەنە بەزىلىرىمىز مەخسۇس چەتئەللەرگىچە بىرىپ باشلاپ كەلدۇق . ئۆيىمىزگە ئورۇن-كۆرپە راستلاپ ئۇنى قوندۇردۇق ، ئەمما بىز شۇنى ئويلاپ يەتمىگەن ئىدۇق .ئەمەليەتتە ئۇ مىھمان ئەمەس ئىدى . بەلكىم بىزگە كەيىپ-ساپا ، بۇزۇقچىلىق شۇنداق تاتلىق بىلىنسە كىرەك ، بەزىلىرىم قىزلىرىمىزنى ناپۇت قىلىپ بەزىلىرىمىز ئائىلىمىزنى ۋەيران قىلىپ دىگەندەك بۇ ئەيدىز ئاتلىق ئاداشقا ئاران ئىرىشتۇق. تىخى مۇشۇ ئەيدىزنى تالىشىپ قىرىنداشلار ئوتتۇرسىدا جەڭ بولۇپ كەتتى . يىگىتلىرىمىز يانچۇقىدىكى پۇللىرىنى خەجلەپ بولالماي ئاداشلارنى چاقىرپ :" يۈرۈڭلار ، ئەيدىز بولايلى!" دەپ توۋلاپ خلىۋەت كوچىلاردىكى قىزىل چىراقلىق ئۆيلەرگە ئاتلاندۇق. قىزلىرىمىز ئەقىل ساتمىدى ، كۈچ ساتمىدى ، ئەمما تەن ساتتى ، ھىلىقى ئەيدىزنىڭ مال توشۇغۇچىلىرى قىزلىرىمىزغا ئەيدىزدىن ئازىراق بەردى ، قىزلىرىمىز ئۇنىڭدىن ئازىراق بۇنىڭدىن ئازىراق ئېلىپ يۈرۈپ ئەيدىزنى يانچۇقلىرىغا لىق قاچىلاپ ھىلىقى «مەرت» يىگىتلەرنىڭ يەنە كىلىپ ئېلىپ كىتىشىنى ساقلاپ تۇرىدى . شۇنىڭ بىلەن مىللەت بېشىغا كىسلاتالىق يامغۇر چۈشۈشكە باشلىدى ، ئادەتتىكى يامغۇردىن پاناھلانغان كۈنلۈكلەر ئىشلىمەي قالدى . بۇنىڭلىق بىلەن بىزدىكى ئىپپەت ئېڭى داتلاشتى. ئەجىبا بىز مۇشۇ يامغۇردىن پاناھلىنىش ئۈچۈن يىگىتلىرىمىزنى دوستلىرىدىن نىرى قىلامدۇق؟ قىزلىرىمىزنى ئۆيگە سولاپ قويامدۇق؟
مىللەتنى ئورىۋالغان قىلىن تۇمان- زەھەرلىك چىكىملىك.2
يۇقارقى ئەيدىزگە ئۇل سالغان يەنە بىر ئىسىل تائام بولسا زەھەرلىك چىكىملىك ، ئەجدادلىرىمىز ناسۋال چىكىپتىكەن ، ئۇلارنىڭ چەككىنى يىتەر ئىدى ، ئەمما بىز چىكىملىكنى بىر نەچچە دەرىجە ئۈستىگە كۆتۈردۇق . بۇرۇنقى ئاجىز كەيىپلەر بىزنىڭ «كۈچلۈك بەست»ىمىزنى مەست قىلالمىدى ، تۈنۈگۈننى ئاختۇرساق ئەنگىليەنىڭ جوڭگۇغا ئەپىيۇن كىرگۈزۈپ بارلىق ئەسكەر ، قۇماندانلارنى ئاجىزلاتقىنى ھەممىمىزگە ئايان . ئەمما بىز " ئىشەك" چىلىك ئەقىلگە ئىگە بولالماي قالدۇق . بىر قىتىم پۇتىمىز كىرىپ كەتكەن كۆۋرۈكتىن يەنە ئۆتتۇق ھەم ئۆتىۋاتىمىز ،چۈنكى بىز پارلاق كەلگۈسىنى كۈتىۋاتىمىز . شۇ كۆۋرۈكنىڭ ئۇ يېقىدىكى تۈتۈنلەرگە بۆلەنگەن ھىسسي تۇيغۇنى كۈتىۋاتىمىز . دۆلىتىمىز ئىسلاھات ئاچتى ، پەقەت ئىشىكنىلا ئاچتى ، ئەمما بىز ئىشىك-دىرىزە ، ھەتتا تۈڭلۈكلەرنىمۇ ئاچتۇق ، قولىمىز سىخى بولغاچقا ئاچتۇق . « بالدۇر ئويغانغان» كىشلىرىمىز زەھەرلىك چىكىملىكنى ئۆزىگە ھەمرا قىلدى ، « سودىگەر» لەر ئۆز يېنىدىن ھەمكارلاشقۇچى تاپتى ، شۇنىڭ بىلەن «دادام »مال بىلەن تەمىنلىدى ، «ئاكام» ساتتى ، «ئىنى-سىڭىل»لىرىم چەكتى ، «بالام »ئىسىنى پۇراپ قالدى ، شۇ سەۋەب بۇ قەۋىمدىكى ھەممەيلەن زەھەرلىك چىكىملىكنىڭ سادىق پۇقراسى بولدۇق . بۇنىڭ بىلەن بىرگە يىگىتلەر تۈن بويى قويۇق تۇمان ئىچىدە ، قىزلار كۈن بويى قاراڭغۇ كىچىدە يۈردى . بۇ تۇمان دەستىدىن بىزدىكى غۇرۇر ، ۋىجدان ، يىگىت-قىزلارنىڭ ئەخلاقى ھەم ئارزۇسى داتلاشتى . بىر قەۋىم داتلاشتى،،، ئۇنداقتا بىز شۇتۇماندىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يىگىتلەر پۇۋلەپ ، قىزلار يەلپۇگۈچ تۇتۇپ ئەتىراپىمىزىكى تۇمانلارنى قوغلامدۇق؟ بىزدە تۇماننى تاراتقىدەك ئەقىل-ئىدىرەك يوقمۇ؟
مىللەتنىڭ ئەقلىنى بوغۇپ قويغان نۇقتا - مال-دۇنيا.3
پۇل يامان نەرسە ئەمەس ، ئەمما مۇشۇ پۇل توغۇرلۇق يولدىن ئىزىپ كەتكەن ئۇيغۇرلىرىممۇ ئاز ئەمەس . ئۇيغۇرلارنىڭ پۇلى بارمۇ؟ ئەلۋەتتە بار . ھەممە كىشىدە بار . ئەمما . بىراق ، ۋەلىكىن ھەقىقى پۇلى بارلار قانچىلىق؟ بەلكىم نۇرغۇندۇ ، ئۇنداقتا ئۇيغۇرلار نىمە ئۈچۈن پۇل ئۈستىدە كۆرەش قىلىدۇ ؟ جان بېقىش ئۈچۈن ، جان بېقىش ئۈچۈن پۇل تاپقان بولسا ئۇيغۇرلاردا پۇل يوقكەنغۇ! مانا مۇشۇ راھەت ئاتا قىلىدىغان نەرسىنى ئۆز يانچۇقىمىزغا تولدۇرۇش ئۈچۈن يۇقارقى ئىككى سەۋەبكە تۇتىشىپ قالدۇق ، بىز پۇلنى دەپ ئەيدىز بولدۇق ، پۇلنى دەپ زەھەرلىك چىكىملىككە ئۈگەندۇق دىيىشكە تامامەن ھەقلىقمەن . بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالساق مەيلى ئىدى ، ئەمما بىز ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يول ئالدۇق ، ئۆزىمىز يالغۇز ماڭمىدۇق ، سەبى بالىلارنى ئېلىپ ماڭدۇق ، ئۇلار ئۇيغۇرنىڭ يۈزىنى ئامالسىز تۆكتى ، بىز مىللەتنىڭ يۈزى بەدىلىگە كەلگەن مال-دۇنيانى يانچۇققا تۆكتۈق . يىراقتىكى تىخى چوڭېراق شەھەرنى كۆرۈپ باقمىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ سەبى بالىلىرى " دۇنيا" نى كۆرۈپ بولدى . ئىچكىرىنى تاشلاپ ئەتىراپىمىزغا نەزەر سالايلى ، پارىخورلۇق ، بۇلاڭچىلىق ، يانچۇقچىلىق يەنە شۇ مال دۇنيانى دەپ ئۆزلىگىنى سېتىش ، ئازغىنە مائاشنى دەپ مىللەتتىن يۈز ئۆرۈش ...... مانا نۇرغۇن سەۋەبلەرگە باشلامچى بولغان مال-دۇنيا بىزنىڭ ئاپئاق كۆڭلىمىزنى داتلاشتۇردى ، قىرىنداشلىق مىھرىمىزنى داتلاشتۇردى . ئۇنداقتا مۇشۇ داتنى يۇيۇش ئۈچۈن پۇل تاپماي جىم ئولتۇرامدۇق؟ مال-دۇنيادىن مىھرىمىزنى ئۈزەمدۇق؟
بەزكىشلىرىمىزگە بىكارغا سوۋغا قىلىنغان ئىنئام -غەيۋەت. 4
باشقىلار بىرلكتە كەشپىيات ياراتسا ، بەزكىشلىرىمىز غەيۋەت يارىتىمىز ، باشقىلارنىڭ يۇلتۇزى ئاسماندا چاقنىسا ئۇلار ئىپتىخارلىق ئىچىدە ھوزۇرلانسا ، بەزكىشلىرىمىز غەيۋەتلىرىمىزنى شۇ كۆكتىكى يۇلتۇزلارغا يەتكۈزىمىز ...... بەزكىشلىرىمىز پۇل تېپىش ئۈچۈن ھەممە نەرسىدىن كەچكەن تۇرسا غەيۋەت قىلىشقا ۋاقتى چقامدۇ؟ چىقىدۇ ، بەزكىشلىرىمىز ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرالايمىز . چۈنكى غەيۋەتكە دەسمىي كەتمەيدۇ ، باج ئالمايدۇ . بەزكىشلىرىمىزدە يىقىلغان كىشلەرنى يۆلەپ قويغۇدەك كۆڭۆل يوق ، ئامال بولسا يىقىلغان يىرىدىن قۇپقۇزمىساق دەيمىز . ئادەم ئىغىزدىن كىتىدۇ ، مەنمۇ غەيۋەت قىلغان بەلكىم مۇشۇ بۆلەكنى ئوقىغان كىشلەرمۇ قىلغاندۇ ، ئەگەر بىز غاجاشقا ئادەم تاپالمىساق خۇيى ئەسكى بىرەر ئىشەكنى ياكى قوي-كالىنى غاجاپ باقىمىز . يامانلارغا قامچا كىرەك ،غەيۋەت ئامەس ، ياخشىلارغا ئالقىش كىرەك غەيۋەت ئەمەس . شۇ غەيۋەتلەر بىلەن مىللەت ھەرگىزمۇ ئالغا باسمايدۇ . بەلكى باشقىلارنىڭ كۈلكىسىگە قالىدۇ . مىللەتنىڭ ئەڭ كىچىك بىرلىگى سىز ۋە مەن ، شۇغەيۋەتنى سىز ھەم مەن قىلىمەن، كىملەرگە ئۇۋال قىلدۇق بۇنىمۇ سىز ۋە مەنلا بىلىمەن . مانا مۇشۇ غەيۋەت تۈپەيلى بىزنىڭ ئادىمىيلىكىمىز داتلاشتى ، بىزنىڭ قوشنىدارچىلىقىمىز داتلاشتى.... ئۇنداقتا غەيۋەتتىن خالى بولۇش ئۈچۈن سايە تاشلىغان دەرەخ ئاستىدىكى
ئورۇندۇقلارنى ئېلىۋىتىش كىرەكمۇ؟ ھەممىمىز گاس-گاچچا بولىۋالساق بولارمۇ؟
5.بەزكىشلىرىمىزگە تاقاپ قويۇلغان قارا كۆزئەينەك-يات مەدەنيەت
تۇرمۇش سۈپىتىمىز يۇقىرى كۆتۈرۈلدى . ئەزەلدىن يىڭىلىق كۆرۈپ باقمىغان بەزكىشلىرىمىز تەرەققىياتقا دۈم چۈشتى ، ئەمما بۇ تەرەققىيات ئىلىم-پەن ئۈستىدە بولماي ، بەدەن ، خاتا ئاڭ ، قارغۇلارچە قۇبۇل قىلىشتا ئىپادىلەندى . تىخى نەچچە يىللار ئىلگىرى كوچىلاردا قول تۇتۇشۇپ مېڭىشقا خىجىل بولىدىغان ياشلار ھالا بۈگۈن چوڭلارنى خىجىل قىلىپ قويىۋاتىدۇ ، يات مەدەنيەت بېشىنى بەكلا پىقىرتىۋەتكەن بولسا ئىسلامغا يات بولغان پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ . تىقىمىغا كىلىدىغان چاچلار قالمىدى . قوللىرىنىڭ ئۇچى ئارانلا كۆرىنىدىغان كىيىملەر ئۇنتۇلدى ، يىگىتلەرنىڭ چىڭ باغلانغان پوتىلىرى ، بادام دوپپىلىرى قاياقلارغىدۇ ئۇچۇپ كەتتى ، بۇغۇ سىرتقى نامايەندە م ئەمما ئىچىمىزمۇ يات مەدەنيەتنىڭ تەسىرىدىن قىچىپ قۇتۇلالمىدى . بىزدىكى ئۆرۈپ-ئادەت ، قوشنىدارچىلىق ... ھەممىسى بۇ قۇيۇننىڭ قوينىدا قالدى . ئەلۋەتتە مەدەنيەت قۇبۇل قىلىش ياخشى ئىش ئەمما بىز شاكىلىنى ئايرىپ مىغىزىنى قۇبۇل قىلمىدۇق ، تىخى مىغىزىنى تاشلاپ شاكىلىنى قۇبۇل قىلدۇق . گىلىمىزگە تۇرۇپ قالغان بولسىمۇ زورىغا قۇبۇل قىلدۇق . ئاۋال ئۆز مەدەنيىتىمىزنى پۇختا ئىگەللىمەي ، ئۇنى ئەۋلادلارغا تولۇق يەتكۈزمەي تۇرۇپلا يات مەدەنيەتنى ئارلاشتۇرۇپ نەچچە مىڭ يىللاردىن بىرى ساقلىنىپ كىلىۋاتقان مەدەنيەتلىرىمىزنىڭ يۈزىگە لاي سۈركەلدى . دىمەك يات مەدەنيەت ئۆزلۈگىمىزنى داتلاشتۇرىدى ، ئۆرۈپ-
ئادىتىمىزنى داتلاشتۇردى... ئۇنداقتا بىز يات مەدەنيەتتىن قاچامدۇق؟ چەتكە قاقامدۇق؟ .
6.ئەجداد بىلەن ئەۋلاد ئارسىدكى ھاڭ- پەرۋاسىزلىق
مىراسنى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش ھەربىر ئاتا-ئانىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ، ئەمما ئاتا-ئانىلار ئالدىراش بولۇپ كەتتى ، بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار تۇمان ئىچىدە قالغان بولسا يەنە بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار كۆزلىرىگە قارا كۆزئەينەك تاقاپ بولدى ، يەنە بىر قىسىملىرى غەيۋەت قاينىمىغا چۆكۈپ كەتتى ، شۇنىڭ بىلەن ئەجدادلارنىڭ مىۋىلىرى شۇ يارىماس ئاتا-ئانىلار تەرىپىدىن چەيلەندى . بالا تەربىيلەش دىگەن ئاڭ ، پەقەت بالىلارغا بىلىم ئۈگۈتۈش بىلەن چەكلەندى . ئەڭ مۇھىم بولغان ، مىللەت قارشى ، ئەخلاق ، ئادىمىيلىك ، غۇرۇر ، ئۈستىدىكى تەربىيلەشلەر ئۈنتۇلدى . " بالام چەتئەل تىلى ئۇقىدۇ ، بالام پالانچى ئالىي مەكتەپكە ئۆتتى ، بالام پۇلى بار بىر يىگىتكە تەگدى" دىگەندەك جۈملىلەر ئىغىزلاردىن چۈشمەي تەكرارلانغان بولسا ،" بالام ئۇيغۇر تارىخدىن مۇنچىلىك مەزمۇنغا ئىگە بولدى ، بالام غۇرۇرلۇق ، ئەخلاقلىق بالا بولدى ، بالام ..... " دىگەندەك جۈملىلەر ئايدا-يىلدا بىر قىتىم ئىغىزغا ئېلىنمىدى . بالىلارنى چىرايلىق كىيگۈزدۇق ، ئەمما شۇ كىيىمنىڭ بىزگە ماس كىلىدىغان كەلمەيدىغانلىقىغا سەپ سالمىدۇق . بالىلارنىڭ قورسىقىنى تويغۇزدۇق ئەمما شۇ ئاشلىقلارنىڭ كىلىش مەنبەسىنى ئەسكەرتمىدۇق. بالىلارغا چەتئەل تىلى ئۈگەتتۇق ، ئەمما ئانا تىلنى يادلاپ تۇرغۇزمىدۇق . ھەممە خاتالىقنى ئامال بار دەۋىرگە ئارتىپ قويدۇق . ئامال بار ئۆز مەسئوليىتىمىزدىن قاچتۇق . بارا-بارا ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنىت ئارسىدا بىر ھاڭ پەيدا بولدى ، بۇ ھاڭ چوڭقۇر ھاڭ ، ئەمما تولدۇرغىلى بولاتتى ، لىكىن بىز يەنىلا تولدۇرمىدۇق ، شۇنىڭلىق بىلەن بىزنىڭ ئانا تىلىمىز داتلاشتى . بىزنڭ كەلگۈسىمىز داتلاشتى... ئۇنداقتا بارلىق گۇناھنى دەۋىرگە ئارتىپ قويۇپ ئۆزىمىزنى ئاقلاپ ئولتۇرامدۇق؟ كەلگۈسىنى ئۆز قولىمىزدا نابۇت قىلامدۇق؟
پولات نىمىشقا داتلىشىۋاتىدۇ ؟ بۇنىڭغا مەن يۇقىردا ئىيتىپ ئۆتكەن ئامىللاردىن باشقا يەنە نۇرغۇن سەۋەپلەر بار . ئەلۋەتتە داتلاشقان نەرسىنى يەنە ئەسلىگە كەلتۇرگىلى بولىدۇ ، بارلىق دوسلۇرۇم قولىمىزغا ئىسىل-ئەخلاقلارنى ئېلىپ شۇ پولاتقا چاچايلى ،
ئادىمىيلىكىمىز بىلەن پولاتنىڭ يۈزىنى سۈرتەيلى ، دات ئىزلارنى قامچا ، نەسھەتلەر بىلەن يۇيۇپ تاشلايلى ، بىزدىكى ئىسىل ئەخلاق بىلەن پولاتنىڭ يۈزىگە قايتىدىن ھەل بىرەيلى ، بىزگە سىڭىپ قالغان ,زەھەرلىك چىكىملىك،ئەيدىزقاتارلىق، غەيۋەتخۇرلۇق ، كەيىپ-ساپالارنى يىراقلارغا تاشلاپ شۇ پولاتنىڭ يېنىدىن نىرى قىلايلى ...
[wمەنبە: ئانا تىل بىلوگ
|