ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى › مۇنبەر › شېئىر نەسىرلەر › ئۈستۈن ئاتۇش يېزامدا
كۆرۈش: 600|ئىنكاس: 20
go

ئۈستۈن ئاتۇش يېزامدا  

توردا
38سائەت 
نادىر تېما
3 
دوست
0 
يازما
245 
تېما
38 

ئىجادكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-16 12:01 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ئۈستۈن ئاتۇش يېزامدا


( مۇخەممەس )


ئۈستۈن ئاتۇش يېزامنىڭ، دىھقانلىرى زىيالى ،

بىر قولىدا كەتمەن بار، بىر قولىدا كىتاۋى ،

ۋۇجۇدىدىن قاينايدۇ، يۈكسەك نىشان قارارى ،

باياشاتتا ياشايدۇ، كۆز تەگمىسۈن بۇ ھالى ،

دىھقان بولساڭ نەزەر سال، بولما ھەرگىز خىيالى .



ئۆي سالىدۇ ئازادە، نەقىشلەنگەن گۈل ساراي،

پىشايۋىنى ئۆزگىچە، نۇسخىلىرى ھاي ھا ي ھاي ،

ھەر بىر ئۆيگە كىرسىڭىز ، كۆرىنىدۇ ھەممە باي ،

چاڭ-توزاڭدىن خالىدۇر، ئىشىك ئالدى قارىماي ،

دىھقان ياشاڭ ھوزۇرلۇق، كادىر سۈپەت زىيالى .



ساۋاتسىزلىق-نادانلىق، دۇشمەن دەيدۇ نىمىشقا ؟

ئىلىم-ھىكمەت يولىدا، ئىزدەن دەيدۇ نىمىشقا ؟

پەن-مائارىپ ئىشىنى، قوللا دەيدۇ نىمىشقا ؟

ئىلىم بىلەن يېزامنى، گۈللە دەيدۇ نىمىشقا ؟

دىھقان روھى مۇشۇنداق، نۇر چاچىدۇ باھارى .




ئادەملىرى تىرىشچان، ھورۇنلۇقتىن بەك يىراق ،

رىقابەتلىك ئېڭى بار، ھەممە ئىشتا تىرىشقاق ،

تىجارەتكە ئېپى بار، كۆزلىگىنى ھەم يىراق ،

تىپىلمايدۇ بۇ يۇرتتا، نادان، كالۋا ھەم ساياق ،

دىھقانلىرى مۇشۇنداق، ئەقىل تاپقان كامالى .




يۈرۈشلىرى سۈپەتلىك، ئۆيدە موتۇ، ماشىنا ،

قۇرۇق ئەمەس ھەر ئۆيدە، ئىغىل-قوتان ،قوي-كالا ،

ئەتراپلىرى جەننەت باغ، مېۋە كەڭرى قىر-سالا ،

ساخاۋەتلىك دىھقانغا، بەركەت بەرسۈن ھەي خۇدا ،

دىھقانلىرى تىرىشچان، راۋان ئىكەن يوللىرى .




ھۆسەينىيە مەكتىپى ، بۇ يېزامدا قۇرۇلغان ،

چىلىش، پۇتپول ماھىرى، خەلقاراغا تونۇلغان ،

دىھقان ئوغلى ئابدىرشىت، دوس خىنىمنى ئوقۇغان ،

ئۈستۈن ئاتۇش باللىرى، شەمۇ-شەنى سورىغان،

دىھقان ئوغلى ئىكەنغۇ، يۇرتىمىزنىڭ پەخىرى .




مائارىپنىڭ بۆشىكى ،بولغاچ ئەسلى بۇ يېزام ،

چىققان نى-نى زىيالى، تارىخىغا كۆز سالسام ،

تەرىپىنى يېزامنىڭ تۈگىمەيدۇ مەن يازسام ،

دۆلەت ئىچى-سىرتىدا ، داڭقى چىققان بۇ يېزام ،

ئەلمىساقتىن يېزامدا، دىھقان ئېڭى يۇقۇرى .


ئاپتۇرى: يۈسۈپجان سابىر ئوتياق

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا otyak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-5-16 12:05

توردا
33سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
7 
يازما
405 
تېما
35 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-16 12:12 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاللاھ بۇيرىسا يۈرتىڭىزنى ساھايەت قىلغىلى نىسىپ ئەتكەي !

توردا
62سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
19 
يازما
335 
تېما
86 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-16 12:21 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
سىز شئىرنى بەك ياخشى يازدىكەنسىز . مەن ئاتۇش خەلقىنڭ ئەقىل - پاراسەتلىك ، سودىغا ماھىر ئىكەنلىكنى كۆپ ئاڭلىغان . بۈگۈن سىللىنىڭ بۇ شئىرلىرى ئارقىلىق تىخمۇ چۇڭقۇر بىلۋالدىم رەھمەت سىللىگە..ئىسل ئەسەرلىرىنى داۋاملىق يېزىشلىرىنى .ئۈمىد قىلمەن. قوللىرىغا دەرت كەلمىگەي سالامەتلىك سىللىگە مەڭگۈ يار بولغاي ...

توردا
0سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
0 
يازما
1 
تېما
0 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-16 12:30 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ناھايىتى ياخشى يىزىپ سېز .............

توردا
38سائەت 
نادىر تېما
3 
دوست
0 
يازما
245 
تېما
38 

ئىجادكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-16 12:57 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
dil-pirak يوللانغان ۋاقتى 2011-5-16 12:12
ئاللاھ بۇيرىسا يۈرتىڭىزنى ساھايەت قىلغىلى نىسىپ ئەتكە ...

ياز كۇنلىرى ساياھەت قىلىپ كېتىڭ. قىزغىن قارشى ئالىمەن.

Rank: 8Rank: 8

توردا
367سائەت 
نادىر تېما
6 
دوست
22 
يازما
486 
تېما
244 

تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-16 14:46 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ شېئىرىڭىز ئارقىلىق ئۈستۈنئاتۇش يېزىمىزنى شۇنداق ياخشى تەرىپلەپسىز... مەزمۇنى ھەقىقىتەنمۇ ئېسل چىقىپتۇ... سىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى بارلىق ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن...

Rank: 8Rank: 8

توردا
201سائەت 
نادىر تېما
10 
دوست
34 
يازما
391 
تېما
32 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-16 15:11 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن قايسى كۈنى ئاتۇشنىڭ ئاغۇغا چىقىپ ئويناپ كىرگەن بەك گۈزەلكەن.
دىل ئازار ، خۇدا بىزار

Rank: 8Rank: 8

توردا
575سائەت 
نادىر تېما
8 
دوست
54 
يازما
1083 
تېما
182 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-16 15:57 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىسىل شېئىرڭىز ئارقىلىق ئاتۇشنى ئوبدان تەسۋېرلەپسىز...ئوتياق ئاكا سىز ئەسلى ئاتۇشلۇقكەن سىز دە؟

باھا سۆز

otyak شۇندق مەن ئاتۇشلۇق .ۋاختىڭلار يەتسە ساياھەتكە كەلسەڭلار قارشى ئالىمەن . يوللانغان ۋاقتى 2011-5-17 00:01

توردا
179سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
20 
يازما
677 
تېما
16 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-16 17:17 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخشى يىزىپسىز ؟سىز ئۈستۇن ئاتۇشنىڭ قەيەرىدىن؟

باھا سۆز

otyak مەن ئۇستۇن ئاتۇشنىڭ ‹ئوتياق ›كەنتىدىن بولىمەن . يوللانغان ۋاقتى 2011-5-17 00:02

توردا
89سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
24 
يازما
416 
تېما
45 

ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-16 21:52 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن شىئىېرلىرڭىزنى بەك ياختۇرمەن.بۇ شىئىېردا ئاتۇشنى بەك ياخشى تەسۋىرلەپ بىرىپسىز.مەن ئاتۇشقا بىرىپ باقمىغان.پۇرسەت بولسا چۇقۇم بارمەن.ئەجرىڭىزگە كوپ رەھمەت.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-5-29 09:53

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.