دېھقانلار مارشى،بوران114 
دېھقان بىز ،كەرەملىك ئاللا ياراتقان،
دېھقان بىز ،كەتمەندە دۇنيانى باققان،
دېھقان بىز ،ئەمگەكتەشۆھرەتلەر قۇچقان،
دېھقان بىز،قىش-يازدا ئۆستەڭنى چاپقان،
دېھقان بىز ،جاپاكەش ھەممىگە ياققان.

بارىمىز ھاشارغا،بىر پۇڭ ھەق ئالماي،
سىكىرتار تىللىسا،جاۋاپمۇ قىلماي،
بىې چىمدىم ئۇرۇقنى ئىسراپمۇ قىلماي،
خوش دەيمىز،نىمدىسە ئۇرماي-تىللىماي،
ئاشۇنداق مۇلايىم،يۇۋاش دېھقان بىز.

يەرلەرگە سۇ قويۇپ قىلىمز ئوسا،
تىلەيمىز خۇدادىن،مول-ھوسۇل بولسا،
بىز شۇنداق ساقاللىق،باشلىقلار كوسا،
دەرت تۆكۈپ بارساق،چىرايلق سورىسا،
خوشلۇقتا قايتقان،كەڭ قوساقلار بىز.

ياغاچ-تاش ،شاخ-شۇمبا كىسمىز باغدىن،
پارنىكنىڭ پۇلىسى قىستايدۇ-ياندىن،
تۆت كۈندە تەرگەن تاش ئۆتمىسە ساندىن،
جەرىمانەبەك تولا ،ئۆتتىغۇ جاندىن،
سىياسەت بەك ياخشى،كۆنۈپ كەتكەن بىز.

ئوغۇتىنى ئۆزىمىز ئالالمىساق يا،
ئۇرۇقنى تاللاپ سالالمىساق يا،
باھانى كىلىشىپ ساتالمىساق يا،
كىچىسى خاتىرجەم ياتالمىساق يا،
غورىگىل تۇرمۇشقا چۆكۈپ كەتكەن بىز.

قوينى بىز باقىمىز،يىيەلمەيمىز گۆش،
دۈمبمىز ئىگەرلىك،مەيدىمىزدە تۆش،
ئەمەلگە ئاشارمۇ،كىچە كۆرگەن چۈش،
ئامال يوق بىز شۇنداق قەپەزدىكى قۇش،
سايرىساق ھۇقۇشتەك سەت ئاۋازىمىز.

سىلقلار ئازايدى،كۆپەيدى ئالۋاڭ،
ئالۋاڭنى ئۈزىمىز،دېھقان بىز گالۋاڭ،
بەزلەيدۇ،ئاكىمىز،بولدى ۋايسىماڭ،
باشقىلار قۇم سانار،سىزلەر تاش ساناڭ،
تاش ساناپ تاشتەك قۇرۇپ كەتكەن بىز.

تېريمىز ھەر يىلى،بۇغداي- قوناق-ماش،
سەي-كۆكتات، لازا ھەم-شوخلا كۆك ئوتياش،
بىز شۇنداق سېخى،مۆئمىنگە قاياش،
بولدى قىل،شىلغىلى گۆشىمۈ يوق ئاداش،
ئورۇقلاپ،شالاقلاپ چۇۋۇق ھالىمىز.

ئەتتىگەندە كەنىتتە مەجلىس ئاچىدۇ،
سىكىرتار-دادۈيجاڭ شالىنى چاچىدۇ،
بوغالتىر گەدەنگە ھىساپ قوشىدۇ،
دەرت-ئەلەم يۈرەككە لىقلا توشىدۇ،
پۇل غېمى،ئۆي غېمى،ئويغا قالىمز.

ئۇلاغلار مەرىشەر سامان بەرگىن دەپ،
بالىمىز يىغلايدۇ،كيىم پۇلى دەپ،
باشلىقلار تويمايدۇ ھەققىمىزنى يەپ،
يۇقۇرنىڭ ياردىمى بىزگە بەرمەس نەپ،
پۇل ئالماي ھۆججەتكە ئىمزا قويىمىز.

تاڭىدۇ، بىزلەرگە توخۇ-چۈجىنى،
قاغا چوقۇيدۇ چۈجە كۆزىنى،
قىسۋالدى مەركەزنىڭ بەرگەن تۇزىنى،
يورۇق قىلىمىز كەنىت يۈزىنى،
دەرمان يوق -ئارماندا ياشاۋاتىمىز.

تىراكتۇر باشلقنىڭ،ئۇرۇقلۇقمۇ ھەم،
سۇلىياۋمۇ شۇنىڭكى ،دىگىنى-دىگەن،
بىرمو يەر يەتتەپۇڭ،ئاشقىنى ئىرىق ۋە تىگەن،
ئەمەلدار دېھقاننىڭ ھەققىنى يىگەن،
شۇندىمۇ شۈكىرى قىپ كىتپ بارىمىز.

مەركەز ئاچتى شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى،
مۇزاكىردە قىلدىغۇ دېھقان غىمىنى،
خوش بولدۇق ئاڭلاپ يىغىن روھىنى،
شاتلىققا تولسۇن دېھقان سورۇنى،
پارتىيە-ھۆكۈمەت باش پاناھىمىز.

ياشغىن پارتىيەم،گۈللىگىن جوڭگۇ،
دېھقاننىڭ قەلبىدە ئەبەدى -مەڭگۈ،
سەن بولغاچ دېھقىنىڭ شوخ ياشايدىغۇ،
نائەھلى-ھارامخور زىندانغا سولاندىغۇ،
سەھەردىكى قۇياشتەك پارلاۋاتىمز.

مەنبە؛كەنتىم ،،يەكەن،،،بوران114
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-5-11 19:03
|