ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر يۈرىكىمنى تۇتىمەن ساڭا (شىئىرلار توپلىمى )
كۆرۈش: 90|ئىنكاس: 5
go

يۈرىكىمنى تۇتىمەن ساڭا (شىئىرلار توپلىمى )

توردا
372سائەت 
نادىر تېما
دوست
73 
يازما
1428 
تېما
140 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-7 17:30 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

كەپتۇ دەپ
مۇھەممەدجان راشىدىن

بىزنى يەنە بىر ئۆمەك گوللىغىلى كەپتۇدەك،
نەلەرگىدۇ «ئىلغار»دەپ يوللىغىلى كەپتۇدەك.
«پىچچىر-پىچچىر»گەپتولا:كۇتىۋالسام كىم ياخشى،
ئەڭ ئاۋۋىلى شۇلارنى قوللىغىلى كەپتۇدەك.

مۇپەتتىشكەن ئاتىقى،مېھمانخانا ياتىقى،
قانمۇغىچە ئويۇنغا ئېچىلمايدۇ قاپىقى.
ئىچىۋالسا ئازئەمەس مۇلازىمغا چاتىقى،
ئۇنىمىسا،ئۇلارنى زورلىغىلى كەپتۇدەك.

كىمدە بولسا ئەمەل-تاج،شۇنىڭ بىلەن گېپى بىر،
ئوينايدىغان مەشرىپى،چالىدىغان دېپى بىر.
تارتىدىغان ئوغلىقى،مىنىدىغان ئېتى بىر،
شۇلار بىلەن يەپ-ئىچىپ،ئوينىغىلى كەپتۇدەك.

بىزنىڭ باشلىق چېچەندۇر،باشلىۋەتتى سەيلىنى،
قوشۇپ بېرىپ قىز-چوكان،تارتىۋالدى مەيلىنى.
ھاڭرالماسكەن ئېشەكمۇ مايلاپ قويسا كەينىنى،
ماراپ يۇرۇپ قىز-چوكان ئوۋلىغىلى كەپتۇدەك.

شەنبە كۇنى يېشىل باغ ئۇلار ئۇچۇن خىزمەتتە،
قېلىشمايدۇ شەنبىدىن يەكشەنبىمۇ ئەلۋەتتە.
قاتارلىشىپ پىكاپتا تاغقا ماڭدى رەت-رەتتە،
ئەسلى ئۇلار بۆرە بوپ قوي يىگىلى كەپتۇدەك.

ساھىپخاننى قىستاركەن،قىشتا قېمىز تاپقىن دەپ،
بايتاللىرىڭ بولمىسا،ئاتلىرىڭنى ساغقىن دەپ.
بۇيرۇق قىلار:ئورماندىن قىرغاۋۇللار ئاتقىن،دەپ،
بىزنى سېلىق-ئالۋانغا بۇيرۇغىلى كەپتۇدەك.

ياساپ قويغان ئۆيلەرنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنچىقماس،
قۇرۇپ كەتكەن ئېتىزنى كۆرۇپ تۇرۇپ ئۇنچىقماس.
ئەگىز سۇدا كۇندە قول يۇيۇپ تۇرۇپ ئۇنچىقماس،
ئۇزگىنىمۇ ئۇزىدەك بۇلغىغىلى كەپتۇدەك.

ئىشتىھاسى ئۇلارنىڭ بۆرىدىنمۇ قالمايمىش،
ئاش ئاغزىغا بارغۇچە كالپۇكلىرى يالمايمىش.
قوي سويمىغان سورونغا سۆرىسىمۇ بارمايمىش ،
ئۇلار شۇنداق بىر مەھەل يايرىغىلى كەپتۇدەك.

كەپكۇردىنمۇ ئۇلارنىڭ قالمايدىكەن ئالقىنى،
ئەسلىتەركەن چىشلىرى بىلەپ قويغان پالتىنى.
ئېلىپ كەپتۇ يانچۇق دەپ بەش-ئالتىدىن خالتىنى،
بىزنى ئەمەس،ئۇزىنى ئويلىغىلى كەپتۇدەك.

تىلى بارۇ،سۆزى يوق پۇقرالارغا ياققۇدەك،
ئۇزى بارۇ،كۆزى يوق نامراتلارغا باققۇدەك.
لازىملىقنى ئۇزىگە ئەمما پۇراپ تاپقۇدەك،
بىزگە ياقماس بىر ناخشا توۋلىغىلى كەپتۇدەك.

قۇلاقلىرى بار ،ئەمما ئەرىز-ئىنكاس تىڭشىماس،
ئون كەلسىمۇ يوقسۇلنىڭ ھال-كۇنىنى ئوڭشىماس.
تاپىنىدا ئۇلارنىڭ ئەسلا خامان يۇمشىماس،
خۇيى تۇتسا پۇقرانى تىللىغىلى كەپتۇدەك.

ياخشىلارنى ماختىماس،يامان بىلەن كارى يوق،
دۇتتار ئىكەن گويا بىر،قۇلىقى يوق،تارى يوق.
تۇگىتىدۇتەكشۇرۇپ،تەدبىرى يوق،چارە يوق،
بىزنى كالۋا-دۆت كۆرۇپ كوملىغىلى كەپتۇدەك.

كۆپكۆرگەنمىز بۇ يەڭلىغ تەكشۇرگۇچى ئۆمەكنى،
تەڭلەپ قويۇپ قايتىشتا،ئاغزىمىزغا جۇمەكنى.
بۆلەپ قويۇپ بۆشۇككە،سېلىپ قويۇپ شۇمەكنى،
چىداملىقنى بىز كەببى خللىغىلى كەپتۇدەك.

قايتىپ بېرىپ ئاشۇلار باشلىىقىغا نېمە دەر،
بۇ يەردىغۇ كۇندە گۆش ئۆيلىرىدە نىمە يەر؟
مىڭ پاتمانلىق خىزمەتنى قىلىپ قويدى .ئالتە سەر،
شەرەپ-شاننى دەيۇزلەر خورلىغىلى كەپتۇدەك.


دېھقان بولماق تەس

رۇزى سايىت

شائىرمەن، قىلمىغاچ يالغانغا ھەۋەس،
سۆزلەيمەن ھەق گەپنى يالغاننى ئەمەس.
بىر ئوت بار يالقۇنى قەلبىمدە پەۋەس،
شۇ ئوتنىڭ ئۆرتىشى ئەتتى مېنى مەس،
مەسلىكتە دەپ ئالاي لېكىن مەن پەخەس،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

ئالەمنىڭ گۈللىشى ئۇنىڭ تەرىدىن،
چۆللەرنىڭ ئەبەدى ئۇنىڭ بەھرىدىن.
ئۇ باقار شەھەرنى كېچىپ مەرىدىن،
ئۇنىڭ يوق تاماسى «تاختىپەرى» دىن.
پەرقى يوق تۆھپىدە ھەسەل ھەرىدىن،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

ئۇ مۆمىن، بەك ياۋاش، ساددا مۇلايىم،
بوشىماس ئالقىنى كەتمەندىن دائىم.
دەر؛ئىشلەي ساق بولسا يەتتە ئەزايم،
تەقدىردە ئېتىزدىن ئېلىنمىش رايىم.
رىزقىمنى، ئەجرىمنى بەرسۇن خۇدايىم،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

پاراغەت دىلبىرى ئاچقۇچە قۇچاق،
تۆت پەسىل توختىماي كۆرسىتەر ئوتۇن.
قىشتا سوغ، يازدا ئوپ، باھاردا قۇيۇن،
گاھ كەلكۈن، گاھ تومۇز، قىستۇرار بويۇن.
قىسمەت دەر «جاپاغا كېكىر-تويۇن!»
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

قاراشلىق كەل -بار يالغۇز بېشىغا،
يۈگرەيدۇ ئۆستەڭگە دامبا بېشىغا.
ئىشلەيدۇ شۇلارنىڭ توپا -ئىشىغا،
ۋاقىتنىڭ ئاشقىنى ئېتىز بېشىغا.
قورۇقلار ماس كەلمەس ئۇنىڭ يېشىغا،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

ئۇ ئۆكۈز، توختىماي تارتىدۇ ساپان،
شاكراپ تەر دەستىدىن شورلايدۇ تاپان.
كۆيىدۇ چوققىسى، كۆيىدۇ تاپان،
چاك -چاك يېرىلىپ قانايدۇ ئالقان.
ئەمما ئۇ«ۋايجان!» لاپ كۆتۈرمەس چۇقان،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

تېرىمنىڭ كەينىدىن مايسا پەرۋېشى،
ھە دىمەي بولىدۇ يىغىم تەرۋىشى.
ئېتىزدىن بوشىسا ئۆينىڭ تەشۋېشى،
ئېشەكنىڭ ھاڭرىشى، قوينىڭ مەرىشى.
يىل بويى ئۆكسىمەس پىشىپ تەرلىشى،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

كېلىدۇ بايراملا ئايەمگە تۇتاش،
دىھقاننىڭ بايرىمى «ئوتاش ھەم پۇتاش».
ئوي پىكىر ھېيىت ئەمەس-ھوسۇلنى بوداش،
ئايەم شۇ قازناققا كۆپۈرەك كىرسە ئاش.
مەشرىپى ماتىمى خاماندا، ئاداش،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

ئۇ ئەمەس ئۇنۋاندار تەلەيلىك كىشى،
توشمايدۇ بىر ئۆمۈر پىنسىيە يېشى.
يوق «تۆمۈر تاۋىقى» ئۆرلەش ئىشى،
يوق مائاش، دەرىجە ئۆستۈرۈش ئىشى.
ھەر ئايدا ئوتتۇز كۈن ئىشلەر ياز قىشى،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

يەكشەنبە، شەنبىلەر يوقلىماس ئۇنى،
شىيەنجاڭمۇ، شىياڭجاڭمۇ يوقلىماس ئۇنى.
كانىكول تەتىللەر ساقلىماس ئۇنى،
يوقلايدۇ، ساقلايدۇ ئەمگەك خاس ئۇنى.
شۇ «خاس » لىق باغاشلاپ راست سۆيەر ئۇنى،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

ئۇ تەرگەن پاختىدىن بىزنىڭ ئۈستى باش،
ئۇ چەشلەپ يىققان دان -بىزنىڭ يىگەن ئاش.
ھەم شۇنىڭ لىگەنگە چىققان گۆش -ئوتياش،
ئۇ باققان پىلىدىن بىزنىڭ يوتقان تاش.
ئۇ بولغاچ مەرد ھاتەم بىز مۇشۇنداق شاش،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

«مەن، سەن، ئۇ» -سەھرالىق يېزىدىن ئەسلى،
دىمەك بىز ئەسلىدىن دىھقاننىڭ نەسلى.
نەسلىدىن ياتلاشقان كۆرمەس بەخىت ۋەسلى،
قەدىرىنى بىلگەنگە ئۇ ئىللىق يەسلى.
«يەسلى» گە سوزمىسۇن قول ئاياز پەسلى،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

بەزىلەر دىھقاننى ساغار كالىدەك،
ساغقانچە بىلىنەر سۈتى چالىدەك.
ئۆزىلا«ئاق » ئۇنىڭ كۆڭلى ئالىدەك،
مۇڭلانسا تۇيىلار تۆھمەت -يالىدەك.
رىزقىغا چاڭ سالار ئۆگەي بالىدەك،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

ۋاھ خەقلەر كەتتىغۇ ئەجەپ سوللۇشۇپ،
ھيلىسى يىلسىرى باردى موللۇشۇپ.
سەھنىدە تۈزۈشۈپ «توختام» -قوللۇشۇپ،
«قاتلىشىپ ئاشتى » دەپ دوكلات يوللۇشۇپ.
مۇكاپات ئېلىشتى «تۆر» نى گوللۇشۇپ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

ئەللىك كۈن تۇرۇقلۇق خالىس ئەمگىكى،
يىل بويى ئىشلەيتى ھاشار بەگلىگى.
رەت قىلسا تۆلەم بار-قالتىس دەللىكى،
ئەرز قىلسا چار قونداقلار پەللىكى.
دىھقانغا مۇشۇنداق ياشاش تەڭلىكى،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

«تەكىت» تە ئاجايىپ دىھقاننىڭ رولى،
دىيىلەر «ئاساسنىڭ ئاساسى -ئۇلى».
ئەمەلدە بېشى كەڭ، تار ئاياغ يولى،
شۇڭىمۇ تىرنىقى ئۆسمەيدۇ غولى.
ئون فۇڭنى خەجلەشكە تىتىرەيدۇ قولى،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

ساتقىلى ئەپ كىرسە ياڭاق يا گۈلە،
ئۇ كىلەر: يەر ھەققى تاپشۇرغىن، بولە؟...
ئۇ كىلەر :دەپ قېنى رەسمىيەت تۆلە!...
دەپ قالسا:سەل توختاڭ. ..دەر «يوقال ئۆلە!» ،
ئۇنىڭغا ھەممىسى توقۇيدۇ مۆلە،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

ئۇ دىسە:قىغ- تېزەك ھىدى بەستىدە...
ماۋۇ دەر:يول قىستاڭ ئۇنىڭ دەستىدە...
يولنى ئۇ ياسسىغان تۇرسا ئەسلىدە،
ھارۋۇسى ماڭالماس كوچا رەستىدە.
ئاھ، گويا ھەممىسى ئۇنىڭ قەستىدە،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

خەزىنە تارقاتسا «يۆلەش پۇلى» نى،
بانكىر دەر:«ئۇ بىلمەس بېيىش يولىنى».
يۇيامدۇ بىزنى، بىز يۇيساق قولىنى؟
چىقىرىپ تۇرسا كېيىن دولا -غولىنى!
كۆزىمىز كۆرمىسۇن قەرزى تولىنى!
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

مۇشۇنداق ھالەتتە دىھقان بىچچارە،
كۆزى ياش، دىلى خۇن يۈرىكى پارە.
ئەپتى جۇل، گېلى ئاچ، مىسكىن، ئاۋارە،
ھالىغا ۋاي ئۇنىڭ قەيەردە چارە.
ھەتتاكى جانغىمۇ تۆلەر ئىجارە،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

ئۈزۈلەي دىگەندە ماغدۇر- يىلىكى،
يۇقۇرغا ئاڭلىنار ئارمان -تىلىكى.
ھال سوراپ كېلىشەر خىزمەت ئۆمىكى،
«يېتەمدۇ يىلىغا -دەپ ئوزۇق يىمىكى؟».
بارى -بار، نە ھاجەت «ئۇ-بۇ » دېمىكى،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

دىھقان دەر تەكشۈرۈپ كەلگەن ئۆمەككە،
«ئوخشايدۇ ھالىمىز ئەتسەز مۇنەككە».
بىز گويا قارچۇغا چۈشكەن خۇنەككە،
مۇھتاج بىز يۇرۇققا، بىر يار -يۆلەككە.
(دىمەك تەس بۇ گەپنى سىزدىن بۆلەككە)،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

جەدىۋەللەر« ئاشتى» غا يوللايدۇ ساننى،
ئالىدۇ سۈپۈرۈپ ئاخىرقى داننى.
ئالدايدۇ ئۆزىنى، كۆر بۇ زىياننى،
پوچىلىق -«نوچىلىق» قىينايدۇ جاننى.
جەرىمانە توختىماي كولايدۇ ياننى،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

كۆرۈڭلار ھالىمىز شۇ قەدەر ناچار،
ئاش تۆككەن قازناقتىن چاشقانمۇ قاچار.
يەي دېسەك تۈگىدى، يىمىسەك ئاچار،
بىز نىچۈن بوپ قالدۇق شۇ ھالغا دۇچار؟!...
كەتسەڭلار «چاقتىڭ!» دەپ قەھرىنى چاچار،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

ئىشقىلىپ بىرسى بار پەيلى بەزگەكتىن،
ئىمتىياز تەختىدە تۇرۇپ ئەزگەكتىن.
چىقمىسا بۇ قەستنى بىلگەك، سەزگەكتىن،
بولىمىز سەرگەردان -«جاھان كەزگەك» تىن.
گاراڭ بىز توختىماس تېپىك تەستەكتىن،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

يۇرت-يۇرتتىن تەڭلەيدۇ كۆڭلەك، چاپان، كەش،
ھەشقاللا ئېيتىمىز بولسىمۇ نىم كەش.
بىز شۇنداق تىلەمچى -گاداي، كۆڭلى غەش،
قىززىق ئىش، يەر مۇنبەت ھەر خاماندا چەش.
بىلمىدۇق كىم جەمشىت، كىملەر لەيلىۋەش،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

«ئوغۇتمۇ پۇل!» دەيدۇ، يالتىراقمۇ ھەم،
«تۈگمەنمۇ پۇل! » دەيدۇ جېن چىراقمۇ ھەم.
«پۇل» دەيدۇ تاغارمۇ، توقۇناقمۇ ھەم،
«پۇل» دەيدۇ يولدىكى بوغۇناقمۇ ھەم.
پۇل قېنى؟پۇل نەدە؟ غەم ئۈستىگە غەم،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

بىزنىڭمۇ باي بولۇپ ئۆتكىمىز يوقمۇ؟
لەۋلىرى ماي بولۇپ ئۆتكىمىز يوقمۇ؟
نامراتلىق نومۇسقۇ، بىزگە ئوزۇقمۇ؟
قىسمەتنىڭ پۈتكىنى ئامانەت، دوقمۇ؟
يوق ھەتتا تەسەللى-«ۋاي نىمە قوق» مۇ،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

دىمىسىمۇ مەركەزدىن «باي بولسۇن دىھقان!»
قۇلاقنى يۇپۇرغاچ يەرلىك بەگ، خاقان.
ھەددىدىن ئاشماقتا«ئۈچ قالايمىقان» ،
بەس !ئەمدى سالمىساق بولمايدۇ چوقان.
چاچما دەپ سېلىقتەش يۈز -كۆزگە قوقان،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

دىھقاننىڭ بەختىگە سانىما قارا!
دىھقاننىڭ قەلبىنى ئەيلىمە يارا!
دىھقاننىڭ يولىغا قازمىغىن ئورا!
كىم دېدى:دىھقانىڭ قېنىنى شورا؟
دىھقاننىڭ بېشىنى سىلا ھال سورا،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

دىھقانمۇ ياشىسۇن، كۈلسۇن يايرىسۇن،
دىھقانمۇ جاراڭلىق ئۈندە سايرىسۇن.
دىھقانمۇ كۆكلىسۇن، ئۆسسۇن -ئاينىسۇن،
قازىنى ماي كۆرسۇن، شورپا قاينىسۇن.
«ئۇھ...» دېسۇن، ھېيىت -بايرام، مەشرەپ ئوينىسۇن،
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

سەن بىزدەك گەردىنى قاتقان نەدە بار؟
مىۋە يەپ، شاخقا تىغ چاپقان نەدە بار؟
تۇز بەرگەن تۇزلۇقنى چاققان نادە بار؟
ئەل يۇرتنى دىھقاندەك باققان نەدە بار؟
ئېيتمىساق بولمايدۇ ئۇنىڭ دەردى بار!
جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس.

شائىرمەن دىھقاننىڭ باغرىدا ئۆسكەن،
شائىرمەن ئۇ بەرگەن زاغرىدا ئۆسكەن.
شائىرمەن ئۇنىڭ ئاش تاغىرىدا ئۆسكەن،
شائىرمەن توي كۆرگەن -ناغرىدا ئۆسكەن.
يالغاننى يازماقتىن راست سۆزلەش تەسكەن،
تەس دىسە جاھاندا ھەممىدىن دىھقان بولماق تەس!!!



ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ

( ئوسمانجان ساۋۇت )

قەدەھكە قەدەھتەك سىغىدۇ شاراپ،
ئېرىقتا ئاقالماس دەريا كەبى سۇ.
قىل سىغماس ھەقىقەت بۇلۇپ ئەزەلدىن،
كىشلەر قەلبىگە ئورنىغان سۆز بۇ.

ۋە لىكىن ۋەتىنىم سەن باشقا دۇنيا،
مىھرىڭدىن تاشقىمۇ بەردىڭ سەن سەزگۈ،
مەن سىنىڭ پەرۋانەڭ،ئورناتتىڭ ئۆزۈڭ،
ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ.




يۈرىكىمنى تۇتىمەن ساڭا

ئوسمانجان ساۋۇت


بەختىيار ئوغلۇڭمەن پەقەت ساڭا خاس،
سەن مېنى بىر ئۇيۇل زەررەم دەپ سانا.
بەرگىڭمەن، قەترەڭمەن ۋەسلىڭگە تۇتاش،
كۆرسىتەي يۈرۈگۈم قولۇمدا، مانا.
سەن ئۈچۈن جۇش ئۇرغان قايناق ئەقىدەم،
زىھنىمنى ئۇچلايدۇ، بولىمەن دانا.
ياشايمەن سۆيگۈ ۋە پەخىر ئىلكىدە،
خىسلىتىم، سۆيگۈمگە سەن بولدۇڭ ئانا!
يۈرۈگۈم قولۇمدا، تۇتىمەن ساڭا،
ئانا يەر، بىر ئېسىل ئالەمسەن ماڭا!

سايىدەك خىياللار قوزغىغان ھەۋەس،
بىر قىيا قاراتسا گەر مېنى ياتقا.
بىقارار جاپالار سەۋرىمنى يىڭىپ،
قىستىسا ئوكۇنۇش ، نالە - پەرياتقا ؛
گۇزەردە قارىسام تەئەجقۇپ ئىچرە،
زەر لىباس ئەجنەبى ياكى سەيياھقا.
قۇيۇلغاي كۆزلىرىم بولۇپ گۇناكار،
ئىنسانلىق سۈپىتىم چىقسۇن بەرباتقا!
يۈرۈگۈم قولۇمدا، تۇتىمەن ساڭا،
ئانا يەر، بىر ئېسىل ئالەمسەن ماڭا!

چىگرىسىز ئۆيۈمنىڭ چېگرىسى پولات،
غەيرىي ئۆي ئۇرۇلسا بولۇر ئۇ تالقان.
ئېزىتقۇ جىلۋىلەر ئۈزگەن ئوقلارغا،
سەن بەرگەن مۇھەببەت بولىدۇ قالقان.
بەلگىسىز يۇتكۈچى ئۆمرۈمگە بەلگە،
سىنىڭدە ئاققان تەر،قاپار غان ئالىقان.
سەندىكى ھەر تاڭغا پۈتۈلگەن بەختىم،
ھاياتى نۇرلارنى ۋەسلىگە تاڭغان!
يۈرۈگۈم قولۇمدا، تۇتىمەن ساڭا،
ئانا يەر، بىر ئېسىل ئالەمسەن ماڭا!

تاج - تىللا گۈل قىلىپ ئىگەلمەس مېنى،
ئۆمرۈمنىڭ ۋەزنى ھەم جىلاسى سەندە.
قۇللۇقنى سۆكسەممۇ قاغاپ، قارىلاپ،
قۇلۇڭمەن ئەبەدىي، بىرساڭا بەندە.
تەبەسسۇم تارىتاي يۈلتۇزلارغا مەن،
يالاڭ گۈل كەبىمەن قىلىمەن خەندە.
نەپىسىم ئايرىلماس ئىپار ھاۋاڭدىن،
دىمەككى تاغدەك زور قۇدرەت بار مەندە.
يۈرۈگۈم قولۇمدا، تۇتىمەن ساڭا،
ئانا يەر، بىر ئېسىل ئالەمسەن ماڭا!

بەختىچۈن مىزان بار ھەركىمدە تەھقىق،
بۇچىگىش، مىڭ پۇتاق، تالاي خىل بىراق.
ئىشرەتتە ئۆلچەيدۇ بەزىلەر ئۇنى،
بەختتىن قىقىلىپ ئاسمانچە يىراق.
بەزىلەر دەيدۇكى، بەخت دېگەن شۇ،
ئاينىمۇ لەت قىلغان ئاي تەن، ئاي سىياق.
ئالەمنىڭ ھىكمىتى ئالەمنى ئېمىش،
ئۆزگىسى تاڭلايغا تاشلايدۇ قىياق.
مەن دەيمەن بەخت دەپ سىنىڭ ۋەسلىڭنى ،
ئىشقىمنى تاۋلايدۇ سەن سالغان پىراق.
بەختتۇر كىچىلەر باسقاندا سىنى،
جىسمىمنى پىلىك قىپ ياندۇرسام چىراغ.
يۈرۈگۈم قولۇمدا، تۇتىمەن ساڭا،
ئانا يەر، بىر ئېسىل ئالەمسەن ماڭا!

مەڭگۈلۈك رىزقى بار سەندە ئەۋلادنىڭ،
ھاۋا، سۇ باغرىڭدا ياتقان، پاك پەۋەس.
مېشىمدە كۆمۈر ئەمەس يانار يۈرىكىم،
ھەتتاكى ئاۋايلاپ ئالىمەن نەپەس.
بىھۇدە تۆككەنلەر تامچە سۈيۈئۇڭنى،
بىلىمەن، ۋاپادار پەرزەنتىڭ ئەمەس.
كۆرەلمەس سەندىكى چىن گۈزەللىكنى،
نەپسىنىڭ كويىدا يۈرگەن مەست - ئەلەس.
يۈرۈگۈم قولۇمدا، تۇتىمەن ساڭا،
ئانا يەر، بىر ئېسىل ئالەمسەن ماڭا!

ئېھتىياج تۇغۇلسا، ئامانلىغىڭچۈن
بەرمىنى قازاغا، بەرگىن خەيرىگە.
ئوغلۈڭمەن تۇغۇلغان بەختىڭچۈن جەڭگە،
خېرىدار ئەمەسمەن بەزمە، سەيلىگە.
ئاق يوللۇق قەسەمبۇ ئاق نىيەت تۇغقان،
ئوخشايدۇ قاردىكى ئاپپاق لەيلىگە.
ئازارلار يىسەممۇ پەي مىجەزلەردىن،
پۈكمەسمەن قەددىمنى باقماي مەيلىگە.
يۈرۈگۈم قولۇمدا، تۇتىمەن ساڭا،
ئانا يەر، بىر ئېسىل ئالەمسەن ماڭا!

ئېرىمەس قەھرىمنى ئالار پەقەتلا
يات ئىقلىم ئىشقىدا ئۆرتەنگەن ساياق.
ئۆلگىنى ھەركىمنىڭ ياقا يەرلەرگە
سىنىڭدىن قول ئۈزۈپ تاشلىسا ئاياق.
كەلگىندى ئاتىلىپ كەلگىندىلىكتە،
تاپقان زەر، جەزمەنكى، باشقا دەرد - تاياق.
مىڭ ئەلا توزىدىن خەقنىڭ، سەندىكى
قۇشقاچلار شاخلارغا تاشلىغان ماياق.
يۈرۈگۈم قولۇمدا، تۇتىمەن ساڭا،
ئانا يەر، بىر ئېسىل ئالەمسەن ماڭا!

شۇ مىنىڭ ئەقىدەم، ئۆتەر ئىلكىدە،
ئۆمرۈمنىڭ ھەر بەرگى - دەقىقەم ، سوتكام.
مىڭ جەننەت راھىتىدىن بېرىدۇ ماڭا،
لاي سۇۋاق ئۆيۈم ۋە قىيشايغان بوتكام.
بايلىقىم - دىلدىكى ساڭا مۇھەببەت،
ۋە سادىق ھەمرايىم قەلەم، چىش چوتكام.
خەقلەرنىڭ مىننەتلىك ئېشىدىن ئەلا،
ئۆزۈمنىڭ قازىنى بەرگەن ئاش، بوتقام.
يۈرۈگۈم قولۇمدا، تۇتىمەن ساڭا،
ئانا يەر، بىر ئېسىل ئالەمسەن ماڭا .







بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gulimire تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-5-7 17:31

توردا
584سائەت 
نادىر تېما
دوست
42 
يازما
1584 
تېما
40 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-7 20:41 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
گۈلمىرە سىڭلىم شېئرنى بەك ياخشى يازىدىغان بولۇپ كەتتىڭىزغۇ........ئوماق تېخىمۇ تىرشىڭ.........

توردا
436سائەت 
نادىر تېما
دوست
47 
يازما
2454 
تېما
387 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-7 23:24 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەخىمەت سىزىگە . بىر -بىرىدن ياخىشى شېئرلارئىكەن . . مەن بەك ياخىتۇرۇپ ئوقىدۇم . بۇنىدىن كىيىنمۇ داۋامىلىق نادىر تىلىملارنى سۈنىغايىسز . مەن سىزىگە ئۇتۇق تىلەيىمەن .

توردا
124سائەت 
نادىر تېما
دوست
34 
يازما
582 
تېما
57 

ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-8 12:53 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك قالتىس جىمۇ-سىز.

توردا
31سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
117 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-9 00:08 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مۇھەممەتجان راشىدىن دەپ ئەسكەرتىپتىغۇ ... مەن ئوقۇپ ھېرىپ قالدىم ..قانچىلىك ۋاقىتتا يېزىپ بوغانسز ھە

توردا
284سائەت 
نادىر تېما
دوست
49 
يازما
1354 
تېما
79 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-9 00:50 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
راست بىر بىرىدىن ئىسىل شىئىرلار ئىكەن .رەھمەت سىزگە.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-24 14:39

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.