ئۆزبېك خەلق ماقال- تەمسىللىرى -گەر ئايرىلساڭ ئېلىڭدىن،قۈۋۋەت كېتەر بېلىڭدىن. -بېلىق سۇ بىلەن تىرىك،ئادەم ئەل بىلەن تىرىك. -بۇلبۇل چىمەننى سۆيەر، ئادەم ۋەتەننى سۆيەر . -ۋەتەن ئۈچۈن ئۆلسەڭ شەرەپ . -ۋەتەن قەدرىنى بىلمىگەن، ئۆز قەدرىنى بىلمەس . -ۋەتەنگە پالاكەت، ئۆزۈڭگە ھالاكەت . -ۋەتىنى بارنىڭ بەختى بار،مېھنىتى بارنىڭ تەختى بار. -ۋەتىنىڭ تېنىچ، سەن تېنىچ . -ۋەتەنسىز ئىنسان، كۈيسىز بۇلبۇل . -دۈشمەنگە نەپرىتى بولمىغاننىڭ، ۋەتەنگە مۇھەببىتى بولماس . -ئەردىن ئايرىلساڭمۇ، ئەلدىن ئايرىلما . -ئانا يىرىڭ تۇپرىقى-ئانا سۈتىڭدىن ئەزىز . -ئانا يۇرتۇڭ- ئالتۇن بۆشۈكىڭ. -ئەل يار بولسا، ئەر خار بولماس .
|