
«گۈلبېكە» ئەنۋەر ئابدۇرېھىم تەڭرىتاغ كىنو ئىستۇدىيەسىنىڭ دۇنياغا كېلىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كىنوچىلىق تارىخىدىكى بىر زور ۋەقە بولدى. بۇ ئىستۇدىيە بېسىپ ئۆتكەن يول كىنوچىلىقىمىزنىڭ گۈزەل ئەتىسىدىن دېرەك بەردى. تەڭرىتاغ كىنو ئىستۇدىيەسى 2009-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە شىنجاڭ رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ ئىشلىگەن «گۈلبېكە» ناملىق ھېكايە فىلىم ياراتقان يۇقىرى ئېستېتىك قىممەت ۋە ئۇ قوزغىغان كۈچلۈك تەسىر كىنو سەنئىتى ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك، ئەڭ زۆرۈر بولغان بايلىقلارنىڭ ئۆزىمىزنىڭ ئەتراپىمىزدىلا ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. بۇ فىلىمگە كىرگۈزۈلگەن، كىرىشتۈرۈلگەن قىشلىق، يازلىق مەنزىرىلەر ۋە ئۇنىڭدا يورۇتۇلغان قويۇق مىللىي مەدەنىيەت ئۆزىنىڭ روشەن خاسلىقى، تەڭداشسىز كۆركەملىكى، ئاجايىپ رەڭدارلىقى ھەم جەلپكارلىقى بىلەن تاماشىبىنلارنىڭ ۋۇجۇدىنى ئىختىيارسىز لەرزىگە سالىدۇ. بۇ فىلىمنى شىنجاڭ كىنو سەنئىتىنىڭ تەقلىدچىلىك، قېلىپبازلىق، ئۇقۇملاشتۇرۇش ئىللەتلىرىنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، ئېستېتىك قىممەت يارىتىش يولىدا تىنىمسىز ئىزدىنىۋاتقانلىقىنىڭ، تەرەققىيات سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈۋاتقانلىقىنىڭ بىر نامايەندىسى دېيىشكە بولىدۇ. بىزگە مەلۇم، كىنو — ئۇنىۋېرسال سەنئەت. شۇڭا، كىنو سەنئەتكارلىرىدا ئالدى بىلەن ئۇنىۋېرسال ساپا، سەنئەتكارلارغا خاس روشەن كۆز، ئوتلۇق ئىشتىياق، سۇنماس ئىرادە، تىنىمسىز ئىزدىنىش ۋە دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىش روھى بولۇشى شەرت. «گۈلبېكە» ناملىق ھېكايە فىلىم — ئىقتىدارلىق كىنو رېژىسسورى شىرزات ياقۇپنىڭ سەنئەتكە، گۈزەللىككە بولغان تەڭداشسىز چوڭقۇر مۇھەببىتىنىڭ ۋە دادىللىق بىلەن يېڭى يول ئاچقانلىقىنىڭ مەھسۇلى. سەنئەتكە بولغان مۇھەببەت قانچە يالقۇنلۇق بولسا ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھى قانچە كۈچلۈك بولسا، ئەتراپىمىزدىكى گۈزەللىكلەرنى كۆرەلەيدىغان كۆزمۇ شۇنچە روشەن ۋە ئۇلارنىڭ يورۇتۇپ بېرىدىغان قىزغىنلىق بىلەن ئىقتىدارمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. رېژىسسور شىرزات ياقۇپ گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىلەر بىلەن ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ جەۋھەرلىرىنى ماھىرلىق بىلەن تاللاپ، ئۇلارنى ئەسەر ۋەقەلىكى بىلەن بىر پۈتۈن بەدىئىي گەۋدىگە ئايلاندۇرۇۋەتكەچكە، «گۈلبېكە» ناملىق بۇ ھېكايە فىلىم قويۇق شېئىرىي پۇراققا تويۇنغان.

«ئۈرۈمچى ئاسمىنى» شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سۈرەتتەك كۆركەم تەبىئىي مەنزىرىلىرى ئادەمنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەيۋەتلىك، پايانسىز، چىرايلىق، داڭلىق تاغ-دەريالىرى، يايلاقلىرى، قۇملۇقلىرى فىلىم ئىشلەشنىڭ ئەڭ تەبىئىي، ئەڭ كەڭ، ئەڭ قولايلىق سەھنىسى ھېسابلىنىدۇ. بىز فىلىم ئىشلەش جەريانىدا ئادەمنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان بۇ سىرلىق، رەڭدار مەنزىرىلەردىن بىمالال پايدىلىنالايمىز. نەچچە مىليون پۇل خەجلەپمۇ ۋۇجۇدقا كەلتۈرگىلى بولمايدىغان بۇ ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىلەر فىلىمنىڭ قىممىتىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇۋېتەلەيدىغانلىقىدا شەك يوق. «گۈلبېكە» ياراتقان قىممەت — بۇنىڭ ئەڭ روشەن دەلىلى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ رەڭدار مەدەنىيىتىدە مەڭگۈ قازسىمۇ تۈگىمەيدىغان ئاجايىپ قىممەتلىك، بىباھا جاۋاھىراتلار بار. بىز ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كۆپ ھاللاردا ئۇقۇملاشتۇرۇش، مەنپەئەتپەرەسلىك قاتارلىق ئىللەتلەرنىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قېلىپ، زېھنىي كۈچىمىزنى ئانا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بىباھا گۆھەرلەرنى قېزىشقا مەركەزلەشتۈرەلمەي قالدۇق. شۇڭا بىز ئىشلىگەن بەزى فىلىملەردە ئانا مەدەنىيەتتىن ياتلىشىش، يىلتىزدىن چەتلەش ھادىسىلىرى كۆرۈلدى. «گۈلبېكە» ناملىق ھېكايە فىلىم بىزنى گويا ئېسىل مەدەنىيەتنىڭ ئىللىق قوينىغا قايتىدىن باشلاپ كەلگەندەك بولدى. بىز بۇ فىلىم تەقدىم قىلغان كۈچلۈك ھاياجان ئىلكىدە شۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇقكى، بىزنىڭ ئۇلۇغ ئانا مەدەنىيىتىمىزنىڭ خەزىنىسىدە كىنو قاتارلىق سەنئەت ۋاستىلىرى ئارقىلىق يورۇتۇپ بېرىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرغان قىممەتلىك بايلىقلار سان-ساناقسىز. بۇ ئېسىل بايلىقلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالايدىغان ئىقتىدارلىق سەنئەتكارلىرىمىز كىنوچىلىقىمىزنىڭ گۈزەل ئەتىسىنى جەزمەن يارىتالايدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا كىنو سەنئىتىنى چىن دىلىدىن سۆيىدىغان، كىنو سەنئىتىگە ئۆزىنى بېغىشلىغان، كىنو سەنئىتىنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى پىششىق ئىگىلىگەن ۋە بۇ ساھەدە گەۋدىلىك نەتىجە ياراتقان سەنئەتكارلاردىن تەشكىل تاپقان زور بىر قوشۇن بار. بۇ كاتتا قوشۇندىكى سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ بەزىلىرى ئېلىمىزنىڭ، جۈملىدىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كىنوچىلىق سەھىپىلىرىدە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان. بەزىلىرى بولسا، ئۆزىگە خاس تالانتى، خاسلىقى، ئىزدىنىش روھى بىلەن كىنوچىلىقىمىزغا بۆسۈش خاراكتېرلىك يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كىرگەن. بىز تالانتى چاقناپ تۇرغان بۇ سەنئەتكارلارغا ئۆزىنىڭ كارامىتىنى كۆرسىتەلەيدىغان كەڭ سەھنە ھازىرلاپ بېرەلىسەك، ئىشىنىمىزكى، ئېلىمىزنىڭ غەربىدىكى بۇ مۇقەددەس زېمىننىڭ بىپايان ئاسمىنىدىمۇ بىر-بىرىدىن نۇرلۇق چولپانلار كەينى-كەينىدىن چاقنىيالايدۇ. قىسقىسى، ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كىنو سەنئەتكارلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ تالانتىنى چاقنىتالايدىغان تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ يورۇق، تېخىمۇ جەلپكار سەھنە كېرەك.

«تۇرپاندىكى مۇھەببەت ناخشىسى» بەزى سەنئەتكارلار «سېنارىيە يوق» دېيىشكە ئادەتلىنىپ كەتكەن. ئەمەلىيەتتە، بىزدە ياخشى يېزىلغان سېنارىيەلەرمۇ، سېنارىيە قىلىشقا بولىدىغان ھېكايە، پوۋېست، رومانلارمۇ خېلى بار. لېكىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا سېنارىيە ئېلان قىلىدىغان ژورنال يوق. شۇڭا، فىلىم قىلىپ ئىشلەشكە بولىدىغان سېنارىيەلەر ئوقۇرمەنلەر بىلەن، جۈملىدىن رېژىسسورلار بىلەن ۋاقتى-ۋاقتىدا يۈز كۆرۈشەلمەيۋاتىدۇ. بۇ خىل نورمالسىز ھادىسە بەزى ئوقۇرمەنلەرنىڭ كاللىسىدا فىلىم قىلىپ ئىشلەشكە بولىدىغان ياراملىق سېنارىيە يوق بولسا كېرەك، دەيدىغان خاتا تۇيغۇنى پەيدا قىلىپ قويغان. قىسقىسى، بىزدە ياخشى ياكى بىر قەدەر ياخشى يېزىلغان سېنارىيەلەرمۇ، سېنارىيە يازالايدىغان ياكى ئېسىل ھېكايە، پوۋېست، رومانلارنى سېنارىيەگە ئۆزگەرتەلەيدىغان قەلەمكەشلەرمۇ بار. لېكىن، بىز ئۇلارنىڭ قەدرىگە زادى قانچىلىك يېتىۋاتىمىز؟ ئۇلارنى قانچىلىك ئىلھاملاندۇرۇۋاتىمىز؟ ئۇلارنىڭ رولىنى قانچىلىك جارى قىلدۇرۇۋاتىمىز؟ ئۇلارنى ماھىرلىق بىلەن تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ ئوتتەك قىزغىنلىقىدىن، ئىقتىدارىدىن، رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلنالىغان بولساق، تېخىمۇ سەر خىل، تېخىمۇ كۆپ سېنارىيەلەر مەيدانغا كەلگەن بولاتتى. شۇڭلاشقا ھەر مىللەت سېنارىستلىرىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇلارغا ھەر جەھەتتىن يار-يۆلەكتە بولۇش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپ مىللەتلىك كىنو سەنئىتىنى گۈللەندۈرۈشنىڭ زۆرۈر شەرتى ھەم كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ھالقىسى ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە، مەركەز شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى قوللاش سالمىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇۋاتىدۇ. قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ھەم بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەرمۇ بىزگە ھەر جەھەتتىن يار-يۆلەكتە بولۇۋاتىدۇ. بۇ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپ مىللەتلىك مەدەنىيىتىنى، جۈملىدىن شىنجاڭ كىنوچىلىقىنى گۈللەندۈرۈشنىڭمۇ ئىنتايىن ياخشى بىر پۇرسىتى. ئوڭايلىقچە قولغا كەلمەيدىغان، مىسلى كۆرۈلمىگەن بۇ پايدىلىق پۇرسەتتىن تولۇق پايدىلىنىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كىنو سەنئىتىنى مەملىكىتىمىزنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈش بىزنىڭ تارىخىي بۇرچىمىز. ئىشىنىمىزكى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ كىنوچىلىقىدىكى مەبلەغ يېتىشمەسلىك مەسىلىسى پەيدىنپەي ھەل بولىدۇ.

داڭلىق رېژىسسور شىرزات ياقۇپ يۇقىرىقى پاكىتلار بىزگە شىنجاڭ كىنوچىلىقىنىڭ نۇرغۇن ئەۋزەللىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئەتىسىنىڭ ئىنتايىن گۈزەل بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. ئىگىلىشىمىزچە، «گۈلبېكە» ناملىق ھېكايە فىلىم چەت ئەللىك دوستلارنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن. قازاقىستانلىق دوستلار قاتتىق ھاياجانلانغان ھالدا: «بۇ فىلىمنى دۆلىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت دەرسلىكىگە ئايلاندۇرىمىز» دېيىشكەن. بۇ ئۇچۇر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون كىنوچىلىقىنىڭ خەلقئارا بازارلارغا يۈزلىنىشكە باشلىغانلىقىدىن ۋە چەت ئەللىكلەرنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، نادىر فىلىملەر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز كىنوچىلىقىنىڭ دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى تەسىر كۈچىنى ھەم نوپۇزىنى جەزمەن ئۆستۈرىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيادا مەدەنىيىتى بىز بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان دۆلەتلەر خېلى بار. بۇ شىنجاڭ كىنوچىلىقىغا نىسبەتەن بىر چوڭ بازار. بىز «گۈلبېكە» ناملىق ھېكايە فىلىمگە ئوخشاش نادىر ئەسەرلەرنى كۆپلەپ مەيدانغا چىقىرالىساق، بۇ كەڭ بازارلاردا جەزمەن پۇت دەسسەپ تۇرالايمىز. ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كىنو ئىستۇدىيەلىرى، كىنو سەنئەتكارلىرى ۋە كىنو سەنئىتى ئۈچۈن كۆپلەپ مەبلەغ سېلىۋاتقان داڭلىق چوڭ شىركەتلەر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جەننەتتەك كۆركەم تەبىئىي مەنزىرىلىرىگە ۋە بۇ يەردىكى مىللەتلەرنىڭ رەڭدار، جەلپكار مىللىي مەدەنىيىتىگە بەكمۇ قىزىقىدۇ. شۇڭلاشقا، بىز ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئىنتىلىشىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئۇلار بىلەن بولغان دوستلۇق، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىمىزنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇشىمىز شەرت. ئۇلارنىڭ مەبلىغىدىن، مول تەجرىبىسىدىن، بىلىم ۋە ئىقتىدارىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالىساق، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كىنو سەنئىتى مۇقەررەر ھالدا تېخىمۇ جانلىنىدۇ. شۇڭلاشقا، بېكىنمىچىلىك ھالىتىنىڭ قالدۇقلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل تازىلاپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى داڭلىق كىنو سەنئەتكارلىرىنى ۋە كىنو تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان چوڭ شىركەتلەرنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزغا كۆپلەپ جەلپ قىلىپ، ئۇلار بىلەن ئورتاق تىل ھاسىل قىلىشىمىزغا، ئۇلارنىڭ ئەندىشىلىرىنى تۈگىتىشىمىزگە، ئۇلارنىڭ ئاكتىپچانلىقى بىلەن قىزىقىشىنى تېخىمۇ قوزغىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بازارنى جانلاندۇرۇپ، دوستلۇق رىقابىتىنى ئەۋج ئالدۇرغاندىلا، سۈپەتلىك فىلىملەر بەس-بەس بىلەن مەيدانغا كېلىدۇ. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، شىنجاڭ كىنوچىلىقىدا تەڭداشسىز ئەۋزەللىكلەر، پايدىلىق ئامىللار، كۆمۈلۈپ ياتقان بايلىقلار، مەڭگۈ قازسىمۇ تۈگىمەيدىغان جاۋاھىراتلار ھەددى-ھېسابسىز. بىز ئۇلارنىڭ قەدرىگە يېتىپ، ئۇلاردىن تولۇق پايدىلىنالىساقلا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز كىنوچىلىقىنىڭ گۈزەل ئەتىسىنى پات ئارىدىلا كۈتۈۋالالايمىز. كىنوچىلىقىمىزنىڭ تەقدىرى ھەممەيلەننىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىغا باغلىق.
«تەڭرىتاغ ئېكرانى» ژورنىلىنىڭ 2011-يىللىق 1-سانىدىن ئېلىندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا world تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-5-4 15:37
|