ئاپتۇر:كامىلجان ناسىر(دىلداش)
سۆيۈنمەيدۇ سېنىڭدىن قەلبىم،
ھەم خۇرسەنلىك كۈتمەيمەن پەقەت.
تۇيغۇلۇرۇم ھېس قىلىپ تۇرار ،
دىلىڭدا بار پايانسىز ھەسەت.
چۆچەكچىسەن سۆزلىرىڭ تالاي،
بىر يۇسۇندا سۆزلەيسەن جەزمەن.
نەپ مىزانىڭ،شۆھرەت تاماھىڭ،
نەپسىڭ ئۈچۈن سەن ماھىر سۆزمەن.
مىڭ ئۆتۈنەي سەمىمىيەتتىن،
پىچىرلىما قۇلاقلىرىمغا .
سۆزۈڭ ئەمەس ھەتتا سىماھىڭ،
سىڭمىسىكەن قاراقلىرىمغا .
سۈخەنچىدىن مۇناپىقلىقتىن،
يۈزمىڭ چاقرىم ھەتتا يىراقمەن.
ئادىمىلىك يار بولسا ساڭا ،
گەر قاچساڭمۇ ساڭا ئامراقمەن.
ئاپتۇرنىڭ ئەسكەرتمىسى - مىنىڭ تىمىلىرىمنى رۇخستىمسىز باشقا مۇنبەرگە كۈچۈرۈشكە،خالىغانچە ئۆز نامىدا كۈچۈرۋىلىشقا بولمايدۇ.[/td][/tr]
|