ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر ئۇيغۇر دىگەن مۇشۇنداق (مۇسلىمە12)
كۆرۈش: 165|ئىنكاس: 7
go

ئۇيغۇر دىگەن مۇشۇنداق (مۇسلىمە12)

توردا
284سائەت 
نادىر تېما
دوست
49 
يازما
1354 
تېما
79 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-4 00:17 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

يىغىپ يۈرگەن دۇنياسىنى تويغا دەپ،

تۆكۋىتىدۇ "مىھمان كەلدى ئۆيگە" دەپ.

دىسەڭ ئەگەر چۈشەنمەستىن"بۇ قانداق"،

بىلىپ قويغىن ئۇيغۇر دىگەن مۇشۇنداق.


ئۇيغۇرلارنىڭ قولى ئالتۇن كۆڭلى گۈل،

باغ -باراقسان ئۇلار تۇرغان دەشتى چۆل.

دوسقا ئۇلار مىھرى ئوچۇق كۆڭلى ئاق،

بىلىپ قويغىن ئۇيغۇر دىگەن مۇشۇنداق.



سەھەر- ئاخشام ئىشىكىنى ئىلمايدۇ،

قۇلۇپ سالماس قىزغىنىشنى بىلمەيدۇ.

چۈشەنمەستىن دىسەڭ ئەگەر بۇ قانداق؟

بىلىپ قويغىن ئۇيغۇر دىگەن مۇشۇنداق.



قايغۇ چۈشسە تەڭ بۆلۈشۈپ ئالىدۇ،

بىرسى كۈلسە ئۇنىڭ كۆڭلى قانىدۇ.

قىرىنداشتىن ئارتۇق كۆرۈپ خوشنىسىنى،

ئاتىسىدەك تىڭشايدۇ يار دۇستىنى.


خاپارىڭمۇ جاپادىن ئۇ قورقمايدۇ،

ئاغرىپ قالساڭ ئەڭ ئاۋال شۇ يوقلايدۇ.

دەردىڭ بولسا ئالىدۇ ئۇ بۆلۈشۈپ،

شاتلىق كۈنى ئولتۇردۇ كۈلىشىپ.


ناخشا -سازسىز،مەشرەپسىز ئۇ يۈرمەيدۇ،

سەن كۈلمىسەڭ ئۇ ئىچىلىپ كۈلمەيدۇ.

سەن ئىگىلسەڭ ئۇ سۇنىدۇ سەن ئۈچۈن،

ھە،سەن سۇنساڭ ئۇ ئۆلىدۇ سەن ئۈچۈن.

مەنبە ئاشپەز تورى

ئاپتور-ئىليار بەختىيار













قوشۇمچە ھۆججەت: كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەت كۆرەلەيسىز. تىزىملاتقانمۇ؟تىزىملىتىش

توردا
435سائەت 
نادىر تېما
دوست
47 
يازما
2448 
تېما
387 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-4 07:33 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخىشى شئېر ئىكەن . بۇنىدىن كىيىنمۇ داۋامىلىق يوللاپ تۇرۇڭ . ئەجىرڭىز كەلىسۇن ، مەن سىزىگە ئۇتۇق تىلەيىمەن .

توردا
237سائەت 
نادىر تېما
دوست
33 
يازما
2156 
تېما
263 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-4 10:43 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن ئۇيغۇر خەلقىمىز بەك مىھماندوس،،،،، تىمىڭىزغا رەھمەت، ھارمىغايسىز....

توردا
371سائەت 
نادىر تېما
دوست
73 
يازما
1423 
تېما
140 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-4 11:44 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىسىل شىئىركەن ، مۇسلىمە خىنىم ئىيتقاندەك ئۇيغۇر خەلقى ھەقىقەتەن مىھمان دوسىت ...................

توردا
381سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1376 
تېما
33 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى تۆھپىكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-4 12:39 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۇيغۇر خەلىقى ھەقىقەتەن مىھماندوس،ئىسىل پەزىلەتلىك مىللەت.ئەمما بەزى ياۋايى،مىللىتى ئۇيغۇر بولغان بىلەن ئۇيغۇرنىڭ شەنىگە داغ چۈشۈرۈپ يۈرىۋاتقان بىر قىسىم ناچار پارازىت ئەخلەتلەر پۈتۈن مىللەتنىڭ يۈزىنى تۆكىۋاتىدۇ.ئۇيغۇر دىگەن نامىمىزغا چۇشلۇق ئىسىل ياشايلى..قېرىنداشلار...

توردا
119سائەت 
نادىر تېما
دوست
19 
يازما
271 
تېما

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-4 13:24 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
hanjar731 يوللانغان ۋاقتى 2011-5-4 12:39
ئۇيغۇر خەلىقى ھەقىقەتەن مىھماندوس،ئىسىل پەزىلەتلىك م ...

شۇنداق توغرا دەيسىلار بىزھەرۋاقىت ئوزمىزنىڭ قەدىر-قىممىتىمىز بىلەن ياشايلى قىرىنداشلار

توردا
22سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
48 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-4 13:36 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىسىل ئىكەن

توردا
176سائەت 
نادىر تېما
دوست
41 
يازما
1753 
تېما
252 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-4 17:27 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مۇسلىمە ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىمىزنى ناھايىتى ئىسىل تەرىپلەپسىز . دېمىسىمۇ ناھايىتى ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلىرىمىزنى ھېسابقا ئالمىغاندا بىز ئۇيغۇر مىللىتى شۇنچىلىك مىھماندوس ،ئىسىل مىللەت.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-23 20:53

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.