- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-8-19
- تىزىملاش
- 2011-3-11
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 234سائەت
- جۇغلانما
- 8625
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 2146
- تېما
- 263
- توردا
- 234سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 32
- يازما
- 2146
- تېما
- 263
|
ئەتىگەندە، كەچتە بىر ئىستاكان سۈت ئىچىش نۆۋەتتە كىشىلەرنىڭ ئادىتىگە ئايلاندى، لىكىن، بىلسىڭىز كىرەك ، چۈشلۈك تاماقتا ياكى چۈشلۈك تاماقتىن كىيىن بىر پىيالە قىتتىق ئىچىش سالامەتلىككە پايدىلىق.
ئۇنداقتا، چۈشلۈك تاماقتا قىتتىق ئىچىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟
مۇتەخەسىسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى؛ قىتتىق تەركىبىدىكى زور مىقداردىكى سۈت كىسلاتاسى ، سىركە كىسلاتاسى، قاتارلىق ئورگانىك كىسلاتا قىتتىققا ئاچچىق-چۈچۈك ، يىيىشلىك تەم ئاتا قىلىپلا قىلماستىن ، بەلكى يەنە زىيانلىق مىكرو ئورگانىزىمنىڭ كۆپۈيىشىنى توسۇيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئۈچەي يولىنىڭ ئىشقارلىق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىپ ، كىسلاتالىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ ، ئاشقازان -ئۈچەي ھەركىتىنى ۋە ھەزىم قىلىش سۈيۈقلىقىنىڭ ئاجىرتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
قىتتىقنىڭ بۇ خىل رولىغا قەتئى سەل قارىماڭ ، بۇ چۈشلۈك تاماقنى يەپ بولۇپلا كومپىيۇتىر ئالدىدا ئولتۇرۋالىدىغان ، ھەركەت قىلمايدىغانلارغا ، ھەزىم قىلىشى ناچارلاشقان ياكى ماي قەۋىتى يىغىلىپ كەتكەن خىزمەتچىلەرگە نىسپەتەن ئىيىتقاندا ئىنتايىن پايدىلىق ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە قىتتىق تەركىبىدىكى تىرامىن كىسلاتاسى روھى بىسىمنى پەسەيتىش ، جىددىلىشىش ۋە تىت-تىت بولۇشتىن كىلىپ چىققان ھىرىپ چارچاشقا نىسپەتەن ئالاھىدە پايدىلىق ، سۈت كىسلاتاسى باكتىرىيىسى ئېچىش ئارقىلىق ، قىتتىق تەركىبىدىكى ئاقسىل ، پىپتىد، ئامىنو كىسلاتاسى قاتارلىق دانچىلەر كىچىكلەپ ، ئىئونلاشقان تىرامىن كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن سۈمۈرلىشى تىخىمۇ ئاسان بولىدۇ، چۈشلۈك تاماقتا ياكى چۈشلۈك تاماقتىن كىيىن بىر پىيالە قىتتىق ئىچكەندە ، خىزمەتچىلەرنىڭ كەيپىياتىنى جانلاندۇرۇپ، چۈشتىن كىيىنكى خىزمەتكە روھلۇق ئاتلاندۇرغىلى بولىدۇ، بۇ خىزمەت ئۈنىمىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق .
مەنبە؛<<ھاياتلىق>>
|
|