- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-8-30
- تىزىملاش
- 2011-3-11
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 241سائەت
- جۇغلانما
- 8771
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 2184
- تېما
- 263
- توردا
- 241سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 33
- يازما
- 2184
- تېما
- 263
|
ئۇ سودا ساھەسىدە مۇۋاپىقىيەت قازانغان ئايال ئىدى، رەھىمسىز تەقدىر ئۇنى بۇ دۇنيادىن ئىلىپ كىتىش ئالدىدا تۇراتتى، ئۇنىڭ قىزى شىركەتنىڭ بىردىن بىر ۋارىسى ئىدى، شىركەت باشقۇرۇشتا ھىچقانداق تەجىربىسى بولمىغان قىز كۆز ئالدىدىكى رىئاللىقتىن گاڭگىراپ قالدى، ئۇ كىسەل كارۋىتىدا ياتقان ئانىسىغا يىغلاپ تۇرۇپ؛<<ئانا، سىزگە يۈز كىلەلمەيدىغان بولدۇم، سىز مىڭ تەستە تىكلىگەن ئىگىلىك مىنىڭ قولۇمدا ۋەيران بولىدىغان بولدى!>> دېدى. ئانا كۈلۈپ تۇرۇپ ياستۇقىنىڭ ئاستىدىن يىپيىڭى بىر لەۋسۇرۇقنى ئالدى -دە ، قىزىغا بىرىپ؛<<سەن مۇشۇ لەۋسۇرۇقنى پاك-پاكىز ئىشلىتىپ بولالىساڭ، شىركەت ۋەيران بولمايدۇ، >>دېدى، ئانا شۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولۇپ بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدى.
ئىلگىرى، ئۇ لەۋسۇرۇقلىرىنى پاك-پاكىز ئىشلىتىپ بولالماستىنلا تاشلىۋىتەتتى، ئۇنىڭدا سەۋىر -تاقەت كەم ئىدى ، بۇ ئۆزىگىمۇ ئايان ئىدى، ئانىسى ئۇنى تىخىمۇ ئوبدان چۈشىنەتتى، بۇ قىتىم قىز ئانىسىنىڭ گىپىنى ئاڭلىدى، بارا-بارا لەۋسۇرۇقنىڭ ئايلاندۇرۇپ چىقىرىدىغان قىسمى تۈگەپ ، قاپنىڭ ئىچىدىكى قىسمى قىپ قالدى، قىز لەۋسۇرۇق چوتكىسىدىن بىرنى سىتىۋىلىپ، قاپنىڭ ئىچىدىكى لەۋسۇرۇقلارنى ئىرىنمەي چىقىرىپ ئىشلەتتى، ئاخىرى ئۇ ئانىسى بەرگەن لەۋسۇرۇقنى پاك-پاكىز ئىشلىتىپ بولدى، قىز ئىشلىتىپ بولغان لەۋسۇرۇققا قاراپ ئىنتايىن ھاياجانلاندى؛<<ئەسلىدە مەنمۇ سەۋىر -تاقەتلىك ئىكەنمەنغۇ ، نىمىشقا بىر ئىشنى ئاخىرىغىچە قىلىشنى سىناپ باقمايمەن!>> قىز ئانىسىنىڭ مەقسىتىنى چۈشەندى؛ ئانا ئەسلىدە مۇشۇ كىچىككىنە ئىش ئارقىلىق قىزىغا مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلارغا خاس سەۋىر- تاقەت ۋە قەتتىيلىكىنى يىتىلدۈرمەكچى بولغانىكەن.
ئارىدىن بىر قانچە يىل ئۆتتى، ئانىسى قۇرغان شىركەت ئۇنىڭ قولىدا ۋەيران بولۇپلا قالماستىن ، تىخىمۇ روناق تىپىشقا باشلىدى، ئۇ سەۋىر-تاقەت ۋە قەتتى ئىرادىگە تايىنىپ، بارلىق قىيىنچىلىقلار ئۈستىدىن غالىپ كىلىپ، سودا ساھاسىدە يىڭىدىن باش كۆتۈردى.
ئۇ توي قىلىپ بىر قىز پەرزەنت كۆردى، قىزى چوڭ بولۇپ مەكتەپكە كىردى، قىزى كىيىنچە ئانىسى ۋە مومىسىنىڭ ئۇتۇق قازانغان ئاياللار ئىكەنلىكىنى بىلدى ، بىر كۈنى قىزى ئانىسىدىن؛<<ئانا ، مەن قانداق قىلسام سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە 1-بولۇپ ماڭالايمەن؟>>دەپ سورىدى، ئانا بۇنى ئاڭلاپ كۈلۈپ قويدى، ۋە يانچۇقىدىن يىپيىڭى بىر ئۆچۈرگۈچنى چىقىرىپ قىزىغا بىرىپ؛<<سەن مۇشۇ ئۆچۈرگۈچنى پاك-پاكىز ئىشلىتىپ بولالىساڭ، سىنىپ بويىچە 1- بولۇپ ماڭالايسەن!>> دېدى.
مۇۋاپىقىيەت قازىنىش ئەمەلىيەتتە تەس ئەمەس، تەس يىرى بىزدە مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلارغا خاس پەزىلەتنىڭ يوقلىقىدا، ئۇنداقتا، مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ پەزىلىتى نەدە؟ كۆز ئالدىمىزدىكى ھەر بىر كىچىك ئىش بىزدە مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلارغا خاس پەزىلەت يىتۈلدىرىدىغان بازا، بۇ بازىدا يىتىلدۈرۈلگەن پەزىلەت بىزنىڭ بۈيۈك مۇۋاپىقىيىتىمىزدۇر.
مەنبە<<ھاياتلىق>>
|
|