شۇ يازغان خېتىمنىڭ......
ئايرىلىش ئالدىدا تەلمۇرۇپ ماڭا، كۆزۇڭگە ياش ئېلىپ<ئۇنۇتما>دىدېڭ. ئۇن-تىنسىز تۇرساممۇ ئەممە كۆڭلۇم غەش، <باغرىڭنڭ ئۇنچىلىك تاش قىلما>دىدېڭ.
ئايرىلدۇق كۆپ ۋاقىت ئۆتتى ھەجەپ تېز، بۇ ھايات سىنىدى سېنى ۋە مىنى. سىغىنىش ئوتىدا يالقۇندەك يىنىپ، شۇ يازغان خېتڭمنىڭ جاۋابى قىنى؟
نىگارىمغا
نىگارسەن بىخەۋەر،ئېشقىڭ بالاسىغا خىرىدارمەن، زەئىپ ھىجران ئارا جىسمىم ئەلەملەتگە گىرىپتار مەن.
يۈرۇكىم لەختە قان ،مىسكىن چىرايىم بورىغا ئەنداز، ھاياتىم تاپمىدى لەززەت،سىنىڭ ئالدىڭدا بەك خارمەن.
ۋىسالنىڭ ئوتلىرى قىيناپ دىلىمنى ئەيلىدى غەمخان، كۇلۇشتىن ھىچ نىسىۋەم يوق مىسالى چوڭ گۇناھكارمەن.
يولۇڭغا تەلمۈرۇپ يىغلاپ كۆزۈم ياش،قان بىلەن تولدى، ھىساپسىز ئاھۇ-دەرت ئىچىدە ساقايماس قەلبى بىمارمەن .
يۈرىكىڭ تاشمىكىن دىلدار،بىلەلمەي باشقا ئاق كىردى، نىچۇن يەتمەيسەن ھالىمغا ئۇنى قىلغاندا ئېزھارمەن.
سىنىڭدىن باشقىغا كۆز يوق قىيا باقماق ئۇچۇن بىر رەت، تىرىكلىككە ۋىسالسىز نە بولاي ئىقرار مەن.
ئېرپاننىڭ بولغىنى بولغان جۇدالىق دەشتىدە ۋەيران، نە ئارمان جان پىدا ئەتسەم كۆيۇپ دەردىڭدە دىلدارمەن.
مەنبە :1990 يىلى تەڭرىتاغ ژورنىلى
مەن ئېلان قىلدىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا AIYIGIT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-30 03:18
|