- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-8-30
- تىزىملاش
- 2010-7-20
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 199سائەت
- جۇغلانما
- 2978
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 527
- تېما
- 151
- توردا
- 199سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 9
- يازما
- 527
- تېما
- 151
|
دادا مەن كەتتىم
(ھېكايە)
دادا، بۇ خەتنى يىغلاپ تۇرۇپ يېزىۋاتىمەن،قەلبىمدىكى ئازاپ داغلىرىنىڭ مېنى قانچىلىك قىيناۋاتقانلىغىنى سەن بىلمەيسەن، شۇ تاپتا ئاچچىغىڭ كېلىۋاتقاندۇ ھە؟، بىلىمەن ماڭا نەپرەتلىنىۋاتىسەن،خۇددى ئۆزەڭنىڭ گۆشىنى ئۆزەڭ يىگۈدەك بولۇپ جىلە بولىۋاتىسەن. بىراق دادا مەندىمۇ ئامال يوق،قانداق بالا ئۆز دادىسىنى تاشلاپ ئۆيدىن چىقىپ كەتكۈسى كېلىدۇ؟ بىراق مەن چىقىپ كەتتىم، ئەگەر تاسادىبى ساڭا ئۇچراپ قالسام ياكى ئۆيگە قايتىپ بارسام مېنى ئۆلتۈرۋەتمىگەن تەغدىردىمۇ جان-جەھلىڭ بىلەن قاتتىق دۇمبالايسەن؟ يىغلاپ، قاھشىغىنىم قۇلۇغىڭغا كىرمەيدۇ. بۇنداق ئىشلار تالاي قېتىم بولغان، شۇڭا سەن پەيلىڭدىن يانمۇغىچە، ئەسكى قىلىقلىرىڭدىن قالمۇغىچە، پۇشايمانلىق ياشلىرىڭ بىلەن مېنى باغرىڭغا باسقۇدەك بولمىغۇچە ھەرگىز ئۆيگە قايتىپ بارمايمەن. مەن ئانامغا ئوخشاش ئاقىۋەتكە قېلىشنى خالىمايمەن، ھاياتقا تەلپۈنۈپ قارايمەن، ئەركىنلىكنى، ئازادە، خاتىرجەم تۇرمۇشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن. ئەسلەپ باقسام مېنىڭ كىچىك ۋاقىتلىرىمدا سەن بۇنداق ئەسكى ئەمەستىڭ، دائىم مېنى كۆتۈرۋىلىپ ئەركىلىتەتتىڭ، مەن ياخشى كۆرۈدىغان نەرسىلەرنى ئەكىلىپ بېرەتتىڭ، ئىشتىن ھېرىپ كەلسەڭمۇ دەمال ئارام ئالماي قولۇمدىن تۇتۇپ پىشانەمگە سۆيۈپ قوياتتىڭ، ئانامغىمۇ ئېغىرچىلىق سالمايتىڭ، ئۇنى قەدىرلەيتىڭ، ئاناممۇ سېنى شۇنداق ياخشى كۆرەتتى، سەندىن دائىم« دادىسى بۈگۈن نىمە يىگۈڭىز بار»دەپ سورايتى، سەن خىېلى كەچلەردە كەلسەڭمۇ ھەممە نىمىنى تەييار قىلىپ قويۇپ تاماقنى قازانغا سالماي سېنىڭ كېلىشىڭنى كۈتۈپ تۇراتتى، ئەگەر سەن كەلمەي قالساڭ چىراقنى يورۇتۇپ قويۇپ ئۇخلىماي ئولتۇراتتى. شۇ كۈنلىرىمىز نىمە دىگەن بەخىتلىك ھە؟ مەن ئائىلىمىزنىڭ مەڭگۈ شۇنداق بولىشىنى ئارزۇ قىلاتتىم، ئۆزەمنىڭ شۇنداق بىر ئائىلىنىڭ بالىسى بولغانلىغىم ئۈچۈن پەخىرلىنەتتىم. ئەپسۇس! دادا تولىمۇ ئەپسۇس!! ئۇ كۈنلەر ئۇزاققا بارمىدى،بىزنىڭ خوشاللىغىمىزنىڭ ئورنىنى قايغۇ، كۈلكىمىزنىڭ ئورنىنى يېغا بېسىشقا باشلىدى. سەن باشتا ھاراققا ئۈگەندىڭ، بارا-بارا ھاراقتىن مېھرىڭنى ئۈزەلمەيدىغان بولۇپ قالدىڭ. سەن كۈندىلا ئىچەتتىڭ، ئانامدىن ئاڭلىسام قىمارمۇ ئوينايدىكەنسەن.كېيىنچە ئىش ئوقەتنىمۇ تاشلىدىڭ،مەس بولغان كۈنلىرىڭ جىم ياتمايتىڭ ئانام بىلەن ئېچىشاتتىڭ، يوق يەردىن قۇسۇر چىقىرىپ ئۇنىڭ بىلەن جىدەللىشەتتىڭ، تىللايتىڭ ئۇراتتىڭ،مەن چىدىماي يىغلاپ تۇرۇپ ئالدىڭغا بېرىپ«دادا ئۇنداق قىلما، ئاپامنى ئۇرما، سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي» دىسەم« قاپىغىڭنى سەت تۈرۈپ«ماڭ نېرى»دەپ دولامدىن ئىتتىرەتتىڭ، مەن يىقىلىپ چۈشۈپ يەنە يىغلايتىم، سەندە قىلچە رەھىم شەپقەت يوق ئىدى. ئانامنىڭ يىغلاش يالۋۇرۇشلىىغا قىلچە پەرۋا قىلمايتىڭ. يوقسىزلۇق،تاياق-توقماق، كۆڭۈلسىز تۇرمۇش ئانامنى ھالىدىن كەتكۈزگەن ئىدى. بىچارە ئانامنىڭ چىرايى سارغىيىپ تېزلا ئورۇقلاپ كەتكەن ئىدى،ئانام گەرچە ئانچە قېرىپ كەتمىگەن بولسىمۇ چېكە چاچلىرىنى ئاق ئارلاپ قالغان ئىدى. كەچلىرى ئانام مېنى باغرىغا بېسىپ يىغلايتى، بەزىدە ئۆزىنى تۇتالماي ئۆكسۈپ=ئۆكسۈپ يىغلاپ كېتەتتى ھەم ھەم ئاچچىق ئەلەم بىلەن« مەن خۇدانىڭ ئالدىدا ھېچ بىر گۇنا ئۆتكۈزمىگەن ئىدىم، نىمىشقا بۇنداق ئازاپلارنى چېكىشكە مەجبۇر بولىمەن، زادى نىمە ئۈچۈن...» دەپ نالە قىلاتتى.يەنە بەزىدە مېنىڭ غەمكىن چىرايمغا قاراپ پىشانەمنى سىلاپ تۇرۇپ، ماڭا تەسەللى بېرىپ«قىزىم دادىڭىز بۇنداقلا كېتىۋەرمەس، ئۇمۇ ئادەم بولغاندىن كېيىن بىر كۈنى كۆڭلىگە ئىنساپ بېرەر، كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ»دەيتى.كېيىن ئانام ئاغرىپ قالدى، دوختۇرلار ئانامنى ئۆپكە كېسەل دەپتۇ، ئانامغا قاراپ يۈرۈگۈم مۇجۇلاتتى، ئانامنىڭ ھالى بارغانسىرى ئوساللىشىپ بەك ئورۇقلاپ كېتىپ باراتتى، ئانامنىڭ سارغايغان چىرايىغا قاراپ ئۈنسىز يىغلايتىم، ئانام بولسا خىرەلەشكەن كۆزلىرىنى مەندىن ئۈزمەيتى.ئائىلىمىزدە پۇل ياكى پۇلغا يارىغۇدەك بىر نەرسە بولمىغاچقا ئانامنى داۋالىتالمىدۇق، داۋالىتالمىدۇقلا ئەمەس ئانام ھەتتە تۈزۈگرەك تاماقمۇ يىيەلمىدى. بەلكىم ئېسىڭدە يوق بولىشى مۈمكىن، بىر كۈنى ئانام شۇنداق ئاغرىق تۇرسا سەن يەنە مەس كەلدىڭ، سەن ئۆيگە كىرىپلا تۆردە بىرتېرە-بىر ئۇستىخان بولۇپ ياتقان ئانامغا بىر ئالىيىپ قويۇپ ئىشكەركى ئۆيگە كىرىپ كەتتىڭ، بىر ۋاقتا ئانام ھاسىراپ بولالمىدى، ئاندىن قاتتىق يۆتۈلۈپ قان قۇستى، مەن قورقۇپ كېتىپ «دادا...داد» دىگىنىمچە سەن ياتقان ئۆيگە كىردىم، لېكىن سەن خورەك تارتىپ ئۇخلاۋاتىتتىڭ، يەنە يىغلاپ تۇرۇپ« دادا...دادا... ئانام بولمىدى، تۇرە ئورنىڭدىن»دەپ يىغلاپ تۇرۇپ ۋاقىردىم. سەن يەنىلا تۇرمۇدۇڭ. مەن يۈگرەپ ئانام ياتقان ئۆيگە چىققىنىمدا ئانام ئاغزىنى ئاشقان پېتى جىم ياتاتتى.مەن ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ بىر بىلىكىنى تۇتۇپ تۇرۇپ« ئانا ساڭا نىمە بولدى؟ كۆزۈڭنى ئاچا... مېنى تاشلاپ كەتمە... كۆزۈڭنى ئاشقىنە ئانا»دەپ زارلاندىم، لېكىن ئانام كۆزۈنى ئاشمىدى،مېنىڭ بۇ دۇنيادىكى بىردىن بىر يۆلەنچۈگۈم، نىجاتكارىم، مېھرىبان ئانام مېنى دەرىت ھەسرەتتە قالدۇرۇپ مەڭگۈلۈك كۆز يۇمغان ئىدى.بىز ئانامنىڭ ئۆلۈمىنى ئاددىلا ئۇزاتتۇق. ئانام تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن خىېلى كۈنلەرگىچە ئۇيقۇم كەلمىدى، ئۇخلاپ قالساممنى قار بېسىپ ياتالمايتىم، ئانام چۈشۈمگە تولا كىرەتتى. بىر قېتىم چۈشۈمدە ئانام ئاپپاق كىيىم كىيىۋالغۇدەك، مەن ئادەم يوق بىر يەردە« ئانا»دەپ يىغلاپ يۈرسەم، ئانامنىڭ«نازاكەت قىزىم مەن مەيەردە» دىگەن ئاۋازى ئاڭلاندى، ئەتراپقا قارىسام ئادەم يوق، بوشلۇققا قارىسام ئانام قاناتلىق پەرىشتەدەك ئۇچۇپ چۈشۈۋىتىپتۇ. ئانام چۈشۈشىگە مەن يۈگرەپ بېرىپ باغرىغا ئۆزەمنى ئاتتىم، ئانام مېنى باغرىغا چىڭ بېسىپ تۇرۇپ« قىزىم يىغلىما مەن ئۆلمىدىم، مەن باشقا بىر دۇنيادا ياشاۋاتىمەن ھازىر سېنى كۆرگىلى كەلدىم، بىراق ئازدىن كېيىن يەنە كېتىمەن، مۇشۇنداق سېنى يوقلاپ تۇرىمەن،داداڭغا دەپ قوي ئۇنى يوقلىيالمايمەن، ئۇنى يوقلىسام، سەن بىلەنمۇ مەڭگۈ كۆرۈشەلمەيمەن، داداڭ بىلەن مېنىڭ روھىم ئەسلا بىر يەردە بولالمايدۇ، ئەكە يۈزۈڭنى سېنى بىر سۆيۈۋالاي» دىدى، ئاندىن ئانام مېنى سۆيمەكچى بولۇپ ئۈمتىلۋىدى دەھشەتلىك بىر قۇيۇن ئۇنى ئۇچۇرۇپ كەتتى، مەن «ئانا... ئانا» دەپ قۇيۇننىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ ئويغۇنۇپ كېتىپتىمەن.
ئانام تۈگۈگەندىن كېيىن سەن ئوخشاشلا ھاراق ئىچىۋەردەڭ،ئانامنىڭ ئۆلۈمى سەن ئۈچۈن بەرىبىردەك خىيالىڭدا يوق يۈرەتتىڭ، مېنىڭ ئاچ توقۇم بىلەنمۇ كارىڭ يوق ئىدى،ھەتتا خۇدىڭنى يوقاتقان كۈنلىرى مېنى ئۇردۇڭ، ئاغزىڭنى بۇزۇپ تىللىدىڭ، شۇنداق ۋاقىتلاردا ئىچىمدە نالە قىلىپ« ئاھ ئانا سەن ئازاپتىن قۇتۇلغىنىڭ بىلەن مەن قۇتۇلمىدىمغۇ؟ نىمىشقا مېنىمۇ بىرگە ئېلىپ كېتىپ بۇ ئازاپلاردىن خالاس قىلمايسەن، سەن قەيەردە...مېنى ئېلىپ كەت جېنىم ئانا»دەيتىم. بىزنىڭ باشقا ئۇرۇق تۇققىنىمىز بولمىغاشقا مەن ھېچيەرگە پانا تارتىپ بارالمايتىم، مەن جىق ئويلايدىم، مەن ھازىر 16 ياشقا كىردىم، لېكىن سېنىڭ كاساپىتىڭدىن تۈزۈك مەكتەپتىمۇ ئوقۇيالمىدىم، مەن دائىم مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان تەڭتۈشلىرىمنى كۆرگەندە ياكى ئاتا-ئانىسى بىلەن كۈلۈشۈپ كېتىپ بارغان بالىلارنى كۆرگۈنۈمدە ئۆزەمنىڭ بەخىتسىزلىگىمنى ھېس قىلىپ غېرىپسىناتتتىم، ئاخىرى بىر قارارغا كەلدىم كاللامدىكى مۇنۇ خىياللار مېنى سەگىتتى« بۇ ئۆيدە مۇشۇنداق تۇرىۋەرسەم ئاقىۋىتى نىمە بولار؟ بىر كۈنلەردە ئانامغا ئوخشاش ئۆلۈپ كەتسەمچۇ؟ ياق مەن ياشىشىم كېرەك! ئەمما ئەمدى بۇ ئۆيدە ياشىماسلىغىم كېرەك، ئۇنداق بولمىغاندا ئىستىقبالىم بىراقلا نابۇت بولىدۇ. ئانام ھايات ۋاقتىدا مېنىڭدىن زور ئۈمۈتلەرنى كۈتكەن، منىڭ ياخشى ئادەم بولۇشىمنى، جەمىيەتتىن بىر كىشىلىك ئورۇنغا ئېرىشىشىمنى ئۈمۈت قىلغان. مەن ئانامنىڭ ئۈمۈدىنى يەردە قويمايمەن، ئەمدى بۇ ئۆيدە بۇرۇقتۇم بولۇپ ئولتۇرمايمەن»دادا مۇشۇ خىياللىرىم مېنى ئۆيدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلدى. مەن ئۆيدىن ئايرىلغان بىلەن ھەرگىز يامان يولدا ماڭمايمەن، ياخشى نىيەتلىك ئادەملەرنى تېپىپ ئۇلارغا ھال ئەھۋالىمنى ئېيتىمەن، مەن ئىشىنىمەنكى جەمىيەتتىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى سەندەك ئەمەس،باشقىلارغا كۆيۈنىدىغان، ئۇلارغا ياردەم بېرىشنى ئىنسانى بۇرۇچ دەپ قارايدىغان ئادەملەر يەنىلا كۆپ.
دادا گەرچە سىز مېنىڭ دادام بولساڭمۇ ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، سەن شۇ نەس باسقۇر ھاراقتىن ئۆزەڭنى بىردەم بولسىمۇ نېرى قىلىپ تۇرۇپ ياخشىراق ئويلىنىپ باق، مۇشۇنداق كېتىۋەرسەڭ ئاقىۋىتىڭ نىمە بولىدۇ؟ خەق سېنى نىمە دەيدۇ، ئادەم دىگەن ئادەمدەك ياشىشى كېرەك ئىدىغۇ؟ ھايۋان چېغىدا ئۆزىنىڭ بالىسىنى خارلىمايدۇ، ئۇنى ئاسرايدۇ، ھەتتا ئۆزىنىڭ تۇرىۋاتقان ئورنى ماكانىنىمۇ جان تىكىپ قوغدايدۇ،سەن بولساڭ ئۆينى ئۆي قىلمىدىڭ ،ئانامنى ئازاپلىنىپ ئۆلۈشىگە سەۋەپچى بولدۇڭ ،تىكەندەك قىزىڭ بولغان مەن بولسام ئامالسىز ئۆيدىن ئايرىلدىم. ئادەمدە نومۇس، ۋىجدان بولمىسا ئۇنى قانداقمۇ ئادەم دىگىلى بولسۇن! سەن نىمە دىگەن رەھىمسىز ھە؟ كەچۈر دادا ساڭا بۇنداق دىسەم بولمايتى، بىراق سەبىھ قەلبىمدىكى نەپرىتىمنى باسالمايۋاتىمەن، مەن سىز تۇرۇپ مۇشۇنداق بولۇپ قالغانلىغىمغا ئېچىنىمەن، مېھرىبان ئانامنىڭ ئۆز دادامنىڭ سەۋەبىدىن ۋاقىتسىز ئۆلۈپ كەتكەنلىگىگە ئېچىنىمەن،خوشال خورام ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ قورقۇنۇشلۇق چۈشكە ئايلىنىپ قالغانلىغىغا ئېچىنىمەن.... خەيىر دادا مەن سېنى ھامان ئىزدەپ كېلىمەن، قەلبى ئېغىر دەرىجىدە يارىلانغان يالغۇزۇڭ ئۇ ۋاقىتتا سېنى بۇ ھالەتتە كۆرۈشنى ھەرگىز خالىمايدۇ... جېنىم داد...ئاھ.. دادا ئەمدى ئويغان... ماڭا ئىچىڭ ئاغرىسۇن، سەن تۇرۇپ مەن ئازاپ كوچىسىدا بوينىمنى باش قىسىپ قالماي....
مەنبە: 8كوچا تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qaharbag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-30 01:01
|
|