ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر بەدىئى فوتو-سۈرەتلەر خاپا بولماي « ئۇيغۇرچە » گەپ قىلسىڭىز[باغۋە ...
كۆرۈش: 616|ئىنكاس: 17
go

خاپا بولماي « ئۇيغۇرچە » گەپ قىلسىڭىز[باغۋەن]    

توردا
187سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
482 
تېما
129 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-29 15:52 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەركىم يازسا ئۆزتىلدا ئەسەر ،
ئانا-تىل ئۈچۈن جېنىم مىڭ پىدا.
يوقالسا ئانا-تىل ئەتە ئەگەر !!!
بۈگۈنلا مەن بولاي جېنىمدىن جۇدا .....


تىلمىزدىكى سۈيئستىمال قىلىنغان سۆزلەر ھەم « خەن » لىشىشىكە يۈزلىنىپ كەتكەن سۆزلەرنى ئاڭلىسا ئادەمنىڭ ئىچى ئاچچىق بۇلىدو!!
مەن ساپ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ ئىشلىتىمەن دىگەن كىشىنىڭ ئاغزىدىنمۇ يۈز پىرسەنتلىك ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ چىقمايدۇ .......
بۇنى زادى نىمىگە باغلاپ تەھلىل قىلىش كېرەك ؟؟
تارىخ ؟ تەرەققىيات ؟ ۋەزىيەت ؟ يا بولمىسا مىللەتنىڭ ئاڭ سەۋىيەسى ؟
بۇنىڭغا مۇكەممەل جاۋاب بىرىشكە ئامالسىزمەن
نۆۋەتتكىسى بىزنىڭ تائاملىرىمىزدىكى ئاتالغۇ ، ۋە ئەسلى ئاتالغۇ !
1.سۇ پولۇ ئەمەس،گۆشسىز پولۇ
2.جىيامەن ئەكىلىڭ ئەمەس،چۆپ ئەكىلىڭ دېسىڭىزمۇ بولىدۇ.
3.خوگۇ ئەمەس،داڭقان شورپىسى.
4.داپەنجى ئەمەس،توخۇ قورۇمىسى(يۇمتال،ئىلىكتاب ،ئېلخەت ...دېگەندەك يېقىشلىق ئاتالغۇلىرىمىز چىقتى،مۇشۇنداق نام-نىشانسىز قالغان تاماقلىرىمىزغىمۇ مۇشۇنداق ئەپچىل ئىسىملارنى ئويلاشساق بولاتتى)
5.بەممىيەن ئەمەس!!!!!لەغمەن
............................................................................................
خاپا بولماي « ئۇيغۇرچە » گەپ قىلسىڭىز !!

ئائىلىدە

يولدىشى : كېلەر ھەپتە ۋاقىت چىقىرىپ چوڭلارنى بىر يوقلاپ كىلەيلى !
ئايالى : مەن بارالمايمەن .... كېلەر ھەپتە يەنە چۇچەي (كاماندوروپكا) گە چىقىمەن
يولدىشى : چۇچەي ؟؟؟؟؟؟
ئايالى : كاماندوروپكىچۇ ؟
يولدىشى : ئەمسە ئەتىچۇ ؟
ئايالى : مەن ئەتە جىبەر (نۆۋەتچى ) بۇلۇپ ئىشلەيمەن ...
يولدىشى : نىمە ئۇ چۇچەي ، جىبەر دىگەن ؟ ؟؟ ؟ ؟ ؟؟ ؟ خاپا بولماي ئۇيغۇرچە سۆزلىسىڭىز

تېلفۇنخانىدا

ئالىم : ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
ئەخمەت : ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام !
ئالىم : مەن گۈلنار بىلەن ئالاقىلىشالماي قالدىم ، ياردەم قىلسىڭىز ..
ئەخمەت : ئۇنىڭ شوۋجى (يانفۇن)سى يوق ..
ئالىم : شوۋجى ؟؟؟؟؟
ئەخمەت : يان تىلفۇن دەيمەن ...
ئالىم : ئەمىسە ئۆيىنىڭ نۇمىرىچۇ ؟؟
ئەخمەت : با ياۋ سەن . ...........
ئالىم : خاپا بولماي ئۇيغۇرچە سۆزلىسىڭىز

تورخانىدا

قەيسەر : ئاداش ! ئاۋۇ يەردە ئىككى جىزە (كومپيوتىر )باركەن
قۇدرەت : ئىككى ئۇرۇن دە !
قەيسەر : ھە ئىككى ئۇرۇن .... مەن بېرىپ لىن شى كا (ۋاقىتلىق كارتا ) بېجىرىپ كىلەي ..
قۇدرەت : نىمۇ ئۇ لىن شى كا دىگەن
قەيسەر : ۋاقىتلىق كارتىچۇ ؟
قۇدرەت : ھە !!!!!!
قەيسەر : ماۋۇ جىزى (كومپيوتىر) نىڭ شۇ بىياۋ (مائۇس) سى يوقكەن ..
قۇدرەت : ئاداش ، جېنىم ئاداش ! خاپا بولماي ئۇيغۇرچە گەپ قىلساڭ

ئاشخانىدا

خېىرىدار : ئاشخاناڭلاردا ئايرىمخانا بارمۇ ؟
كۈتكۈچى : يازورما ؟!؟!
خېرىدار : ئايرىمخانا دەپ ئىشلىتىڭ !
كۈتكۈچى : بار ، قېنى ئىچكىرگە مەرھەممەت !
خېرىدار : بىزگە ئىككە تەخسە لەغمەن ئون زىخ كاۋاپ !
كۈتكۈچى : سەل تەخىر قىلىڭلار
خېرىدار : بىزگە بىر چىنە ئاش سۈيى ، بىرتەخسە چۆپ ئەكىرىپ بەرسىڭىز
كۈتكۈچى : ميەنتاڭ (ئاش سۈيى ) بىلەن جىيامەن (چۆپما ) ؟؟
خېىرىدار : جېنىم ئۇكام ! خاپا بولماي ئۇيغۇرچە سۆزلىسىڭىز ....

يولدا

A : كەچۈرۈڭ بۇ يەردە بىرەر خۇابا (تىلفۇنخانا ) بارمۇ ؟
B : تىلفۇنخانا دەمسىز ؟ ئالدىڭىزغا 100 مىتىر مېڭىڭ ..
A: تىلفۇنغا پۇل چوڭلى(قاچىلىغىلى ) قىلغىلى بولامدۇ ؟
B: پۇل چوڭلى قىلغىلى بولمايدۇ ... پۇل قاچىلغىلى بۇلىدۇ ...
A: نىمە ؟!؟!!!
B: .................................... بۇندىن كىيىن خاپا بولماي ئۇيغۇرچە سۆزلىسىڭىز

ئىشخانىدا

كاتىپ : خوجايىن بۈگۈن ماڭا چىڭ جىيا (رۇخسەت) بەرسىڭىز ...
خوجايىن : پۈتۈن كۈنما ؟
كاتىپ : ياق ! بەنتىيەن (يېرىم كۈن ) ....
خوجايىن : نىمە ئىش قىلاتتىڭىز ؟
كاتىپ : بىر دوستۇمنى سۇڭ لى (ئۇزۇتاتتىم ) قىلاتتىم
خوجايىن : رۇخسەت بەرسەممۇ بىرەي .... بۇندىن كىيىن خاپا بولماي ئۇيغۇرچە سۆزلىسىڭىز

دەرسخانىدا

تايىر : ئاداش ! گاۋكاۋغا (ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا )بەك ئاز قالدى ، بۇلى (تۇلۇقلايدىغان)قىلىدىغان دەرسلىرىم بەك كۆپ مىنىڭ
تۇرسۇن : نىمۇ ئۇ بۇلى قىلىدىغان دىگەن ؟؟؟
تايىر : تۇلۇقلايدىغان دەرسلىرىم دىمەكچى .
تۇرسۇن : قايسى پەندىن
تايىر : شۇ شۆ (ماتىماتىكا ) بىلەن خۇاشۆ (خېمىيە )
تۇرسۇن : جىنىم مىن كاۋ خەن ئادىشىم ئۇيغۇرچە سۆزلىسەڭ قانداق ؟؟

دەرۋەقە تىلمىزغا سېڭىپ كىرىۋاتقان مۇشۇنداق ئاتالغۇلار ساماندەك ....
ئاغزىمىز قانداق سۆزلىسە شۇنداق كۈنىدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قوغدايمىز دەيدىكەنمىز .. ئاۋال ئۆزىمىزدىن باشلىساق ..
ئەگەر ئۇيغۇرچە ئاتالغۇسى يوق سۆز بولسا مەسلىھەت بىلەن ئاتالغۇسىنى تاپساق !


1. « ۋاڭبا » 网吧 = تورخانا
2. « شۇجى » 手机 = يانفۇن
3.« چاۋشى » 超市 = تاللا بازىرى
4. « دۈۋەن شىن » 短信 = قىسقا ئۇچۇر
5. « گاۋداڭ » 高档 = ئىسل
6. « جىيامەن » 加面 = قۇشۇلما چۆپ
7.« بەن چې » 班车 = نۆۋەتچى ماشىنا
8. « خۇا فېي » 话费 = تىلفۇن ھەققى
9. « گاۋ كاۋ » 高考 = ئالى مەكتەپ ئىمتھانى
10 . « نۇيۇ زەيكۇ » 牛仔裤 = پادىچى ئىشتان
11. «شۇيۇ شەن » 秀鲜 = كۆركەم
12. « يىيجىيا » 依架 =كىيىم ئاسقۇچ
13.« بىڭجىلىن » 冰淇淋 = مۇز قايماق
14. « يېچاڭ » 夜场 = كىچىلىك مەيدان
15 . « جىزە » 机子 = ماشىنا
16.« سەي لېڭ » 彩铃 = رەڭلىك قۇڭغۇراق
17 . « جىيى ۋۇ » 街舞 = كوچا ئۇسۇلى
18. « جۇجى » 主机 = باش ئاپرات
19 . « بۇكاۋ » 补考 = تۇلۇقلىما ئىمتىھان
20. « دا پەنجى » 大盘鸡 = چوڭ تەخسلىك تۇخۇ قۇرۇمىسى
21. « ما بۇ » 抹布 = سۈرتكۈچ
22. « شىن شى » 信息 = ئۇچۇر
23. « شۇبىياۋ » 鼠标 = چاشقىنەك
24. «چۇ كۇەن جى » 取款机 = پۇل ئېلىش ماشىنىسى
25. « خوگو » 火锅 = ساماۋەر شورپىسى
26 . « گۇاڭ چاڭ » 广场 = خەلىق مەيدانى
27. « شۆ فېي » 学费 = ئۇقۇش پۇلى
28. « جىاڭ جىن » 奖金 = مۇكاپات
39. « لۈۋ شېيى » 旅鞋 = ساياھەت ئايىقى
40. « خو چى جىيەن » 火车站 = پويىز ئىستانىسى
41.« سەن تىڭ جى » 餐厅纸 = تاماق قەغىزى
42. « دىيەن زى يوۋ جىيەن » 电子邮件 = ئىىلكتورۇنلۇق پوچتا يوللانمىسى
43. « جۇاڭ شىيۇ » 装修 = زىننەتلەش
43 .« چۇزۇ » 出租 = تاكىسى
44. « سۇلىياۋ » 塑料 = خاشو
45. « ئېر جى » 耳机 = نائۇشنىك
46. « پىجىيۇ » 啤酒 = پىۋا
47. « شى مىيەن نەي » 洗面奶 = يۈز يۇيۇش سۇيۇقلىقى




مەنبە؛رىتم مۇنبىرى

توردا
236سائەت 
نادىر تېما
دوست
33 
يازما
2148 
تېما
263 
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-29 16:11 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەھمىيەتلىك تىما ئىكەن ھارمىغايسىز، رەھمەت سىزگە

توردا
371سائەت 
نادىر تېما
دوست
73 
يازما
1423 
تېما
140 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-29 16:45 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەجرىڭىزگە رەھمەت ...............

توردا
284سائەت 
نادىر تېما
دوست
49 
يازما
1354 
تېما
79 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-29 16:48 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەھمەت سىزگە.

توردا
584سائەت 
نادىر تېما
دوست
42 
يازما
1575 
تېما
39 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-29 18:51 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەخمەت سىزگە ،بۇ ئىشلار مەندىمۇ بار ئىدى ،ئەمدى چوقۇم تۈزىتىمەن....

توردا
7سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
28 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-29 18:51 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخشى يې زىپسىز ، جېنىم تۇققانلا ھەممىز ئانا تىلىمىزنى ئۇنتۇپ قالمايلى جۇمۇ !

توردا
123سائەت 
نادىر تېما
دوست
34 
يازما
582 
تېما
57 

ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-29 21:21 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخشى يىزىپسىز،.

توردا
432سائەت 
نادىر تېما
دوست
47 
يازما
2440 
تېما
387 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-29 21:52 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخىشى يىزىپىسز . باركالا . نادىرلىرڭىز ئۇزىلۇپ قالىمىسۇن . ئەجىرڭىز كەلىسۇن . داۋامىلىق يوللاپ تۇرۇڭ

توردا
203سائەت 
نادىر تېما
دوست
19 
يازما
797 
تېما
10 

تىرىشچان ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-29 23:18 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
نەق تۇرمۇشتىكى سۆزلەركەن

توردا
52سائەت 
نادىر تېما
دوست
20 
يازما
728 
تېما
23 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-30 03:14 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەجرىڭىزگە رەھمەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-21 11:25

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.