ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر يۇمۇر چاقچاقلار ئالامەت يۇمۇرلار
كۆرۈش: 142|ئىنكاس: 6
go

ئالامەت يۇمۇرلار

توردا
371سائەت 
نادىر تېما
دوست
73 
يازما
1423 
تېما
140 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-28 18:34 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
كەينىچە مېڭىش
ئوقۇغۇچى دەرسكە كېچىكىپ قاپتۇ، مۇئەللىم سەۋەبىنى سوراپتۇ:
--- بۈگۈن يول بەك تېيىلغاق بولۇپ كېتىپتۇ. ئالدىمغا بىر قەدەم ماڭسام، كەينىمگە ئىككى قەدەم چېكىنىپ كەتتىم.
--- ئەگەر دېگىنىڭدەك بولسا، مەكتەپتىن يىراقلاپ كەتكەن بولمامسەن؟
--- كېيىن ئامال تاپتىم، مەكتەپكە كەينىمچە مېڭىپ كەلدىم.
سېتىپ بېرىش
بىر كىشى ماگىزىن ئارىلاۋېتىپ، چىرايلىق ھەم ئوماق بىر ئوغۇل بالىدىن سوراپتۇ:
--- دادڭ سېنى ماڭا سېتىپ بېرەلەمدۇ؟
--- كەچۈرۈڭ ئەپەندىم، ماڭا تېخى باھا قويۇلمىغان.
پەقەت بىرلا
مېھمان قورۇمىدىكى بىر تال چىۋىننى كۆرۈپ قېلىپ، كۆڭلى ئېلىشىپ ئاشپەزنى چاقىرىپتۇ. ئاشپەز ناھايىتى خىجىل بولغان ھالدا:
---مېھمان، بىر تاللار چىۋىن ئىكەنغۇ، ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇ تەخسىدىكى قورۇمىنى سىزدىن بالدۇر يەپ بولالمايدۇ،- دەپتۇ.
مايمۇن
بىر كۈنى باغدادتىكى بىر ئاقسۆڭەك بىرسىدىن سوراپتۇ:
--- قانداق قىلسام مايمۇننى كۆرەلەيمەن؟
--- ئەينەككە قارىسىڭىزلا.
مەست
ئىككى مەست رېلىس ئۈستىدە كېتىپ بېرىپ قاقشاپتۇ:
--- نېمانداق تۈگىمىگەن پەلەمپەي بۇ؟
---شۇنى دەيمەن، تۇتقۇچى تېخى يەردىكەن.
ئۇخلاپ قالدى
ئوغلى ئۇخلىغىلى ئۇنىماپتۇ. دادىسى ئۇنىڭغا ھېكايە ئېيتىپ بېرىپ ئۇخلاتماقچى بوپتۇ. بىر سائەت ئۆتۈپ كېتىپتۇ، دادىسى ئوغلىنىڭ ھۇجرىسىدىن چىقماپتۇ. بىر چاغدا ئاپىسى ئىشىكنى ئاستا ئېچىپ پەس ئاۋازدا:
--- ئۇ ئۇخلىدىمۇ؟- دەپ سوراپتۇ.
--- ئۇخلاپ قالدى، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئوغلىمۇ پەس ئاۋازدا.
لوگىكىلىق خۇلاسە
پروفېسسورنىڭ قىزىنى مەكتەپتىكى ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىكەن. بىر كۈنى پروفېسسور لوگىكا دەرسىدە: <<كىتاب ئۈستەلنىڭ ئۈستىدە، ئۈستەل يەرنىڭ ئۈستىدە، شۇڭا كىتاب يەرنىڭ ئۈستىدە>> دەپ سۆزلەۋېتىپ، ئالدىنقى قاتاردا ئولتۇرغان ئوقۇغۇچىغا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مىسال كۆرسىتىشنى بۇيرۇپتۇ. ئوقۇغۇچىسى جاۋاب بېرىپ: << مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن، سىز قىزىڭىزنى ياخشى كۆرىسىز، شۇڭا مەن سىزنىڭ قىزىڭىزنى ياخشى كۆرىمەن>>دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
ئوقۇتقۇچىغا ئوخشايمەن
ئوقۇتقۇچى: دەرس باشلانغاندىن تارتىپ توختىماي سۆزلەپ چىقتىڭ، قېنى دەپ باقە، سەن زادى ئوقۇغۇچىغا ئوخشامسەن؟
ئوقۇغۇچى: ئوخشىمايدىكەنمەن.
ئوقۇتقۇچى: ئۇنداقتا، سەن كىمگە ئوخشايدىكەنسەن؟
ئوقۇغۇچى: ئوقۇتقۇچىغا.
نېمىنى ئويلىدىڭ
قاتتىق سوغۇق بولغان بىر كۈنى، بىر ئوغرى پاختىلىق چاپان ئوغرىلاپ تۇتۇلۇپ قاپتۇ.
سوتچى: بۇ چاپاننى ئوغرىلىغان چاغدا سەن نېمىنى ئويلىدىڭ؟
ئوغرى: ئەگەر تۇتۇلۇپ قالمىسام ئىسسىق پاختىلىق ئېرىشىدىغىنىمنى، تۇتۇلۇپ قالسام ئىسسىق تۇرار جايغا ئىگە بولىدىغىنىمنى ئويلىدىم.
يەڭگە بىلەن سىڭىل
سىڭلىسى: يەڭگە، سىز دەپ بېقىڭە، لايىق تاللىغاندا ئاپىسى يوقنى تاللايمۇ ياكى يەڭگىسى يوقنى تاللايمۇ؟
يەڭگىسى: ئەڭ ياخشىسى سىڭلىسى يوقنى تاللاڭ.
مەنبە : ئوقۇغان كىتاب شۇ .............
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iziz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-28 19:08

توردا
234سائەت 
نادىر تېما
دوست
32 
يازما
2146 
تېما
263 
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-28 19:34 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
كۈلكە ئاتا قىلغىنىڭىزغا رەھمەت.

توردا
510سائەت 
نادىر تېما
دوست
69 
يازما
2466 
تېما
324 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-28 19:39 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىشلەۋېرىپ گالۋاڭ بۇلۇپ قالغانتىم، يۇمۇرلارنى كۆرۈپ شۇنداق كۈلۈپ كەتتىم دېسە

Rank: 8Rank: 8

توردا
763سائەت 
نادىر تېما
10 
دوست
70 
يازما
1474 
تېما
231 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-28 21:12 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
يۇمۇرلىرڭىز بىر-بىرىدىن قىزقارلىق، كۈلۈپ ئۈچيىم ئۈزلۈپ قالاي دىدى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-28 21:12

توردا
431سائەت 
نادىر تېما
دوست
47 
يازما
2429 
تېما
387 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-28 21:26 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
يۇمۇرلىرڭىز ھەقىقەتەن بەك قىزىق ئىكەن . ھېرىپ چارچاپ ئاران ئولىتۇرغان ئىدىم . سىزىنىڭ بۇ يۇمۇرلىرڭىزنى ئوقۇپ ھاردۇقۇم چىقىپ قالىدى . كۈلىكە ئاتا قىلىغىنىڭىزغا كۆپ رەخىمەت . بۇنىدىن كىيىنمۇ داۋامىلىق يوللاپ تۇرۇڭ .

توردا
284سائەت 
نادىر تېما
دوست
49 
يازما
1354 
تېما
79 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-29 17:13 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
كۈلكە ئاتا قىلغىنىڭىزغا رەھمەت.بولسا يەنە يوللاپ تۇرۇڭ.

توردا
176سائەت 
نادىر تېما
دوست
41 
يازما
1753 
تېما
252 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-29 18:13 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
گۈلمىرە، يازغان يۇمۇرلىرڭىز ھەقىقەتەن بەك قىزىق ئىكەن .داۋامىلىق يوللاپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-20 15:29

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.