- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-8-30
- تىزىملاش
- 2011-3-11
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 241سائەت
- جۇغلانما
- 8771
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 2184
- تېما
- 263
- توردا
- 241سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 33
- يازما
- 2184
- تېما
- 263
|
ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان ھاياتلىق سەپىرىدە بەزىلەر بەخىت ئىزدەپ تاغ دەريالاردىن ھالقىپ جاپالىق يول يۈرىدۇ، بەزىلەر بەخىت يارىتىش ئۈچۈن جان تىكىپ ئىلىشىدۇ، ئەمما بەخىت دىگەن زادى نىمە ئۇ قەيەردە؟
ئەمەلىيەتتە ، بەخىت شۇنداق ئاددى نەرسە، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۇنى كۆز بىلەن كۆرگىلى ، قول بىلەن تۇتقىلى بولىدۇ.
دوختۇرلار<<بىر جاننى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇپ قالغىنىمىزنىڭ ئۆزى بىر بەخىت>>دېسە، ئوقۇتقۇچىلار<<ئوقۇغۇچۇمنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇپ چىققىنى بىر بەخىت>> دەيدۇ، سودىگەرلەر<<تۈنۈگۈنكىدىن بىر پۇڭ پۇلنى كۆپ تاپقىنىمنىڭ ئۆزى بىر بەخىت>>دەيدۇ...
بەخىت تەلەپ قىلىپ ئىرىشىۋالىدىغان نەرسە ئەمەس، ئۇ، ئۆزىمىزدە بار بولغان، ئىچىپ تەرەققى قىلدۇرۇشقا بولىدىغان بايلىق، خالاس.
بىزمۇ ئۆز-ئۆزىمىزدىن ؛<<بەختىمىنى ئۆزۈم تاشلىۋەتكەن ، ئۆز-ئۆزۈمگە ئاۋارىچىلىك تىپىۋالغان چاغلىرىم بولغانمۇ يوق؟>> دەپ سوراپ كۆرسەك بولىدۇ.
بەخىت دېگەن نىمە؟ ئۇنىڭغا ئەزەلدىن << ئۆلچەملىك جاۋاپ >> بولۇپ باقمىغان ، بەخىت بىر خىل تۇيغۇ ، ئۇنى قەلبىمىزدىن ھىس قىلغىنىمىزدىلا ئۆزىمىزنىڭ بەخىت ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىمىزنى بىلەلەيمىز.
داۋۇت ساۋۇت(ت)
|
|