ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر تاغدىن-باغدىن ئاتا-ئانىڭىز ياشىنىپ قالغاندا....
كۆرۈش: 73|ئىنكاس: 4
go

ئاتا-ئانىڭىز ياشىنىپ قالغاندا....

توردا
102سائەت 
نادىر تېما
دوست
16 
يازما
953 
تېما
153 
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاتا-ئانىڭىز ياشىنىپ قالغاندا،ئىلگىرىكى ۋاقىتقا ئوخشىمايدۇ. ئۇلارنى چۈشىنىڭ.ئۇلارغا قارىتا سەۋىرچان بولۇڭ.
ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانىڭىز قورىمىنىڭ سۈيىنى كىيىمىگە تۆكىۋالغاندا ،ئايىغىنىڭ بوققۇچىنى قانداق چىگىشنى بىلمىگەندە،ئەينى ۋاقىتتا ئاتا-ئانىڭىزنىڭ سىزگە بۇ ئىشلارنى قولمۇ قول قانداق ئۈگەتكەنلىكىنى ئويلاپ قويۇڭ.
ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانىڭىز سىز ئاللاقاچان ئاڭلاپ زىرىكىپ كەتكەن گەپلەرنى قايتا-قايتا تەكرارلىغىنىدا ، ئۇلارنىڭ گىپىنىڭ بىلىگە تىپىۋەتمەي، سەۋىرچانلىق بىلەن ئاڭلاڭ.كىچىك ۋاقتىڭىزدا ئۇلار سىزنى خۇشال بولسۇن دەپ سىز كۈرمىڭ قىتىم تەكرارلىغان ھىكايىنى سۆزلەشكە مەجبۇر بولاتتى.
ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانىڭىز سىزنىڭ يۇيۇندۇرۇپ قويۇشىڭىزغا موھتاج بولغاندا ، ئۇلارنى ھەرگىزمۇ ئەيىپلىمەڭ.كىچىك ۋاقتىڭىزدا ئاتا-ئانىڭىزنىڭ سىزنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن بەزلەپ يۇيۇندۇرۇپ قويغان شۇ كۆرۈنۈشلىرى ھىلىمۇ ئىسىڭىزدىمۇ؟
ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانىڭىز يىڭى تىخنىكا ۋە يىڭى شەيئىلەرنى چۈشىنەلمىگەندە ، ئۇلارنى مەسخىرە قىلماڭ، ئەينى ۋاقىتتا ئاتا-ئانىڭىزنىڭ سىزنىڭ سورىغان ھەر بىر <<نىمە ئۈچۈن>> لىرىڭىزگە قانچىلىك سەۋىرچانلىق بىلەن جاۋاپ بەرگەنلىكىنى ئويلاپ قويۇڭ.
ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانىڭىز پۇتىدا ماغدۇر يوق ماڭالمىغاندا ، خۇددى تەمتىلەپ مىڭىشنى ئۆگىنىشكە باشلىغىنىڭىزدا ئاتا-ئانىڭىزنىڭ سىزنى يۆلەپ ماڭغۇزغىنىدەك ، ياش ھەم كۈچلۈك قولىڭىز بىلەن ئۇلارنى يۆلىۋىلىڭ.
ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانىڭىز دەۋاتقان گىپىنى ئۇنتۇپ قالغاندا ، ئۇڭلارنىڭ ئەسكە ئىلىۋىلىشىغا ئازراق ۋاقىت بىرىڭ، ئەمەلىيەتتە، ئاتا-ئانىغا نىسپەتەن ئۆزىنىڭ نىمە دىگەنلىكىنىڭ كارايىتى چاغلىق ، پەقەت قىز-ئوغۇللىرىنىڭ بىر تەرەپتە تۇرۇپ ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ بەرگەنلىكىدىن مەمنۇن بولىدۇ ،خالاس.
ياشىنىپ قلىۋاتقان ئاتا-ئانىڭىزغا قاراپ كۆڭلىڭىزنى يىرىم قىلماڭ، خۇددى ئەمدىلەتىن قانداق ياشاشنى ئۆگىنىۋاتقىنىڭىزدا ئۇلارنىڭ سىزنى قوللىغىنىغا ئوخشاش، ئۇلارنى چۈشىنىڭ ۋە قوللاڭ ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ سىزنى ھاياتلىق يولىغا يىتەكلىگىنىگە ئوخشاش ، بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يولىنى بىللە مېڭىشىپ بىرىڭ ، مۇھەببىتىڭىز ۋە سەۋىرچانلىقىڭىزنى ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانىڭىزغا بەرگىنىىڭىزدە ، ئۇلار مەمنۇنىيەت كۈلكىسى بىلەن سىزگە جاۋاپ قايتۇرىدۇ ، بۇ كۈلكە ئىچىگە ئاتا-ئانىڭىزنىڭ سىزگە بولغان چەكسىز مۇھەببىتى يۇغۇرۇلغان.
مەنبە؛<<ھاياتلىق>>

توردا
183سائەت 
نادىر تېما
دوست
50 
يازما
700 
تېما
66 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك كەن .....................

توردا
52سائەت 
نادىر تېما
دوست
13 
يازما
195 
تېما
25 
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاتا-ئانمىز ياشنىپ قالغاندا،ئۇلارغا يول قويشىمىز ھەممە ئىشتا ئۇلار نى ئويلىشىمىز كىرەك .

توردا
181سائەت 
نادىر تېما
دوست
22 
يازما
865 
تېما
81 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:58 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تىمىڭىزغا كۆپ رەخىمەت . بەك ياخىشى تىما ئىكەن ، داۋامىلىق يوللاپ تۇرۇڭ .

توردا
64سائەت 
نادىر تېما
دوست
14 
يازما
559 
تېما
151 
يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:46 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئادەم ياشىنىپ قالغاندا ھەممە ئىشى قولايسىز ،ئۇنىتۇغاق ،تولا سۆزلەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. بىز بۇنىڭغا سەۋىرچان بولساقلا چوقۇم ئۇلارنى خۇشال قىلالايمىز .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-4-30 19:46

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.