ھاياتقا تەبىر

بىر ناخشا بار شۇنداق يېقىملىق،
ئۇنىڭ ئىسمى ھاياتتۇر پەقەت.
ئاڭلىغاندا ئاھ، ئۇنى تەكرار،
قوزغىلىدۇ دىلدا جاراھەت.

بىر بۇلاق بار شۇنداق سۈپسۈزۈك،
ئۇنىڭ ئىسمى ھاياتتۇر ھامان.
ئەمما ئاشۇ بۇلاق تۈۋىدە
قاپلاپ تۇرار دىلنى زىمىستان.

بىر تېپىشماق بار بەك مۇرەككەپ،
ئۇنىڭ ئۆزى ھاياتتۇر، دېمەك.
تاپالمايدۇ مېنى تۈندە ھەم،
چۈشلىرىمگە كىرگەن كىپىنەك.

تۇرمۇشۇمنىڭ دېرىزىسىدىن
چۈشلىرىمگە تاشلايمەن نەزەر.
ئۆلۈم ئۇلۇغ بولغاچقا پەقەت،
ھايات چەكسىز گۈزەل شۇ قەدەر.

تېنىمدەكلا ئاجىزمەن بۈگۈن،
ھىسلىرىمنى قىلىشقا ئىنكار.
تۇرمۇش غەمكىن شىلدىرلىماقتا،
ئەمما ھايات شۇنداق جەڭگىۋار.

مەنبە : قەلىمىم