ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر يۇمۇر چاقچاقلار ئۆزىنىڭ بېشىغا چىقىش
كۆرۈش: 141|ئىنكاس: 5
go

ئۆزىنىڭ بېشىغا چىقىش

توردا
176سائەت 
نادىر تېما
دوست
41 
يازما
1753 
تېما
252 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-25 17:43 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىر خزمەتچى بار ئىدى .ئۇ قەھۋەگە ئۆچ ئىدى. لىكىن خوتۇنى بۇنىڭدىن خەۋەرسىز ئىدى. ئۇ خوتۇنىغا بۇ توغۇرلۇق گەپ قىلمىغان . شۇڭا ،ھەر كۈنى ئەتىگەندە تېرمۇسقا ئىسىسىق قەھۋە تەييارلاپ ،ئېرىنىڭ چۈشلۈك تامىقىغا قوشۇپ قوياتتى .
ئەر چۈشلۈك تامقى بىلەن قەھۋەنى ئىلىپ ئىشقا كىتەتتى . ئۇ تولىمۇ ئىقتىساتچان ئىدى. شۇڭا ، بىر يۇتۇممۇ ئىچمىگەن قەھۋەنى ئۆيگە شۇ پىتى قايتۇرۇپ كېلەتتى . ئۇ ئازراق بولسىمۇ پۇلنى تىجەپ قىلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلاتتى . چۈنكى ئۇنىڭ خوتۇنى قەھۋەگە شۇنداق ئامراق . ئۇنىڭ ئامىراقلىق دەرىجىسى ئەرنىڭ ئۆچلۈك دەرىجىسى بىلەن ئوخشاش ئىدى. شۇڭا ئۇ قەھۋەننى قايتۇرۇپ كىلىپ ئايالىغا كۆرسەتمەي قەھۋە چەينىكىگە قۇيۋىتەتتى . كەچتە ،ئۇيقۇنى قاچۇرۋىتىدۇ،دېگەن باھانە بىلەن قەھۋە ئىچكىلى ئۇنىمايتتى.
بىر كۈنى كىچىسى ،ئايال ئېرىنى ئۆزىگە خىيانەت قىلغان ھالەتتە چۈش كۆردى،بۇ چۈش ئەتىسى يەنە تەكىرارلاندى .ئايالنىڭ بۇنىڭغا تولىمۇئاچچىقى كەلدى .لېكىن ئىچىدىن چىقارمىدى. بىرەر ھەپتىلەردىن كىيىن ،بۇ چۈش ئۈچىنجى قىتىم تەكرارلانغاندا ،ئايال كۈندەشلىك ئازابىغا بەرداشلىق بىرەلمىدى.
‹‹ چۈشۈم خاتا ئەمەس ،ـ ئويلىدى ئايال ،ـ چوقۇم بىر ئىش بار ،ئۇ چوقۇم ماڭا خىيانەت قىلغان !›› شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆچ ئېلىشقا ئۆتتى .ھەر كۈنى ئېرىغا تەييارلىغان قەھۋەگە ئازىراقتىن مەرگۈمۇش سىلىپ قويدى .ئاخىردا بىرىپ ئۆزى زەھەرلىنىپ ئۆلدى .
ئۇنىڭ ئېرى گۇناھسىز بولۇپ چىققان سوتتا ،سوتچى شۇنداق دېدى ؛
- ئىشلار ھامان شۇنداق بولىدۇ؛ چۈشكە ئىشەنگەن ئادەم ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزىنىڭ بىشىغا ئۆزى چىقىدۇ .
مەنبە ؛‹‹ئوشۇ ھېكايەتلىرى›› دېگەن كىتاپتىن ئىلىندى.

توردا
237سائەت 
نادىر تېما
دوست
33 
يازما
2156 
تېما
263 
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-25 18:36 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
توۋا خۇدايىىم مۇنداقمۇ ئىش بولامدۇ ئەمدى؟ چۈشكە ئىشىنىپ ئۆز ئىرىنى قەسلەپتۇ، ئەقىلگە سىغمايدىغان بىر ئىشتە بۇ، تىما ئىگىسىگە رەھمەت...

توردا
520سائەت 
نادىر تېما
دوست
69 
يازما
2530 
تېما
331 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-25 19:21 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەجەپ نىيىتى يامان ئايالكىنا ئۇ ئۆزىنىڭ ئېرىگە قەسىت قىلىمەن دەپ ئۆزىنىڭ بېشىغا چىقىپتۇھەقىقەتەنمۇ بۇ جاھاننىڭ ئىشىلىرىغا بىر نېمە دىمەك تەسكەن جۇما

توردا
435سائەت 
نادىر تېما
دوست
47 
يازما
2448 
تېما
387 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-25 20:05 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
توۋا ئۇنىداق قازانىغا مۇنىداق چۇمۇچ دىگەنىدەك ئىش بوپىتۇدە . بۇ جاھانىنىڭ ئىشىلىرغا بىر نىمە دىمەك تەس . چۇش دىگەن ئۇيقۇنىڭ پوقى . ئەخىماق خۇتۇن . نادان خۇتۇن ئۆلەپىتۇ ئاخىرى . توۋا

توردا
372سائەت 
نادىر تېما
دوست
73 
يازما
1426 
تېما
140 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-25 20:15 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا ئامال يوق .................

توردا
91سائەت 
نادىر تېما
دوست
14 
يازما
263 
تېما
42 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-26 16:27 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەي....... نىمە دىگۈلۈك
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-24 13:11

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.