- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-4-25
- تىزىملاش
- 2010-10-16
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 216سائەت
- جۇغلانما
- 4076
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 993
- تېما
- 148
- توردا
- 216سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 43
- يازما
- 993
- تېما
- 148
|
مىنى جەلىپ قىلالماس بولۇپ قالدىڭ ، ماۋۇ ئىككى كۈچۈكىڭ بىلەن كۈزۈمىدىن يوقال !
ئەمدىلا 30 ياشقا كىرگەن سانىيە گۈزەل ئەخلاقىلىق ،نازاكەتلىك، كامالىي پەزىلەتلىك خۇشپىچىم ياش چوكان بولۇشىغا قارىماي ، ھاراقكەش شاللاق بىر ئەرنىڭ خورلىشغا ئۇچراپ ئىككى ئوغلى بىلەن يالغۇز قالىدى تۇمۇچۇقتەك جەزبىدار ياش تۇل ئايال سانىيەگە گاھى ئەرلەر كۆز تاشلىسا گاھىلىرى سۆز تاشلايىتتى . بەزىلىرى دىزىزە چىكىپ ، بىراۋلىىرى ئىشك قىقىپ ئۇنى ئارامىدا نورمال ياشىغىلى قويمايتتى . سانىيە بولسا سىرتقى تەسىردىن غىدىقلىنىپ تۇرغان شاش ياشلىق ھىسسيات تۇلپارىنى فىزىئولوگىيلىك تەلەپنىڭ ئىسيانكار تۇيغۇلىرىنى ئەقىل - پاراسەت سەۋرى تاقەت بىلەن يۈگەنلەپ ئوتتەك مۇھەببىتىنى ئانىلىق مىھرىگە خام ئەشيا قىلىپ يۇغۇرۇپ ئىككى ئوغلىغا بىغشلاپ شاللاق ئەرلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۇنسىز جەڭ قىلماقتا ئىدى .
(قول يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق ، ) دىگەندەك سانىيە نى ئىندەككە كەلتۇرەلمىگەن ئۇنىڭ ئالتۇن پىيالىسىدىن مەي ئىچەلمىگەن ،ئۇنىڭغا ئىرىشەلمىگەن ، خالىغانچە قونچاق ئىتىپ ئوينىيالمىغان ،شۇنچە ئۇرۇنۇشلىرى نەيرەڭلىرى ئاقمىغان ئاۋارە ئىشقىۋازلار ئۇنىڭ كەينىدىن چىداپ تۇرغۇسىز ھاقارەتلىك چۆچەكلەرنى توقۇشتى . يوق ئىللەتلەرنى يۈكلەشتى بىخىل دەپ لەقەم قويۇشتى بۇلەقەم ئىغىزدىن قۇلاققا قۇلاقتىن ئىغىزغا ئۇنىڭ فاملىسىگە ئايلانىدى . بىخىل دىگەن گەپنىڭ تىگىدە گەپ بارلىقىنى ھىچكىممۇ خىيالىغا كەلتۇرمەيىتتى . ھەئە ، سانىيە ئىپپەت نۇمۇسغا كەلگەندە ھەرگىزمۇ سىخىي بولالمايتتى .خەق نىمە دىسە دەۋەرسۇن ئۇنىڭ پەرۋايى پەلەك !
سانىيە ئىسسق سوغۇقى يوق بىر ئايال ھىسسياتسىز بىر نىمە ئەر كىشى بىلەن خۇشى يوق
ئەركەك جىنى بارمىش كىچىكىدە جىن ئەپقاچقانمىش ياق ئەيدىز كىسىلى بارمىش شۇڭا ئىرى قويىۋەتكەنمىش جاھاندا يەنىلا ياخشلار كۆپ ،ئاقكۆڭۈل ئاليجاناپ ئىسل تەبىئەتلىك كىشلەر سانىيەنىڭ پاك قەلبىنى كۈرەلىگەچكە ئۇنى ئىنتايىن قەدىرلەيتتى ، سانىيەنى كولدۇرلاتماقچى بولغانلار ساپلا كاززاپلار ئىدى سانىيەنى چۈشىنىدىغان ئۇنىڭغا ھەقىقىي شەيدا بولۇپ ، توي قىلش ئارزۇسىنى ئوچوق يۇرۇقلۇق بىلەن ئىپادىلىگەن بويتاقلارمۇ خىلى چىقتى . سانىيە يۈكسەك پەزىلەتلىك بويتاقلاردىن بىرەرسىنى ياخشى كۈرۈشكە غۇلاپ چۈشكەن تۇرمۇشىنى ئۇنتۇپ يىڭىدىن ھۇل قۇرۇشقا ھەقىلىق ئىدى ، ئىناق ئائىلىنىڭ باغۇ بوستانلىرىدا جەننەت ھۇزۇرىنى سۈرۈشكە ،مۇھەببەتلىك ھاياتنىڭ بەخىت شارابىنى ئىچىشكە چاقماقتەك ياشلىقنىڭ ئوتتەك لاۋۇلداپ تۇرغان پەيزىنى سۈرۈشكە ھەقلىق ئىدى ، بىراق ئاشۇ بوتىلاقلىرىنى كۆز قارچۇقلىرىنى ئۆگەي دادىنىڭ ئالدىدا كۈز يوپۇرمىقىدەك سارغايتىشنى ئۈشۈك تەكگەن غوزىلاردەك شۇمشەيتشنى خالىمىدى . ئانا باغ ئۇنىڭ باغىر ى بىر يايلاق مىھرى دەريا ، سانىيەنىڭ ئىش ھەققى چاغلىقلا بولۇپ تىجەپ ئىشلەتكەندىمۇ ئۇ ئايدىن بۇ ئايغا ئارانلا ئۇلىشاتتى ، ئەردىن ئاجراشقاندا ئوغۇللارنى چوڭ قىلغۇچە ئىيىغا 100 يوەندىن 200 يوەنگىچە تۇرمۇش راسخوتى بىرىشكە كىسىم قىلغان بولسىمۇ ھىلىقى جاناپ قانۇننىڭ بوسۇغىسىدىن چىقىپلا قۇيرۇق تۇتقۇزمىدى ، قانۇنغا سۈيلەپ بىرىشقا سانىيەنىڭ غۇرۇرى ئۇنىمىدى بالىغا چىدىغان بالاغا چىدايدۇ ، بالىلارنى تاشلىۋەتكەن ئۆز ھىمايسگە ئىلىشتىن قاچقان ئەر پۇل سۈيلەپ بىرىشقا ئەرزىمتى ،،،،
سانىيە ئىككى ئوغلىنى مىڭ ئۆلۈپ بىر تىرلىپ چوڭ قىلدى، كۈندۈزى بىرىلىپ ئەستايدىل خىزمەت ئىشلىدى ، چۈنىكى خەلىقنىڭ ئاشۇ خىزمىتىنى بىجانىدىل ئشلىگەندىلا خەلىقتىن كەلگەن ھالال مائاش ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى موھتاجلىقتىن قۇتۇلدۇرالايتتى ئۇ بالىلىرىنى لەززەتلىك تائاملار بىلەن توق غىزالاندۇرۇشقا ئۇلارنىڭ ياكىز رەتلىك كىيىنىشگە دەرس ئۆگىنىشگە ياخشى ئادەم بولۇش تەربىيسگە ئالاھىدە كۈڭۈل بۆلەتتى . كىر يۇيۇپ ياماق ياماپ ئەتىكى كۈننىڭ غەلبىلىك بولۇشى ئۈچۈن توخو چىللىغىچە ئىشلەپ ئاندىن ئازراقلا كۆز يۇمۇۋالاتىتى ئۇ تۇرمۇشنى تىجەشلىك باشقۇرۇپ ،بالىلارنى ئۇقۇتۇ پ ئالىي مەلۇماتلىق قىلدى ، ئوغۇللىرى كۆڭۈلدىكىىدەك ئىش ئورنىغا تەقسىم قىلنغاندا ھاردۇقى چىقتى تارتقان جاپا مۇشەققەتلىرى ئسىدىن كۈتۈرۈلۇ پ كۈڭۈل جاراھىتى شىپا تاپتى ئوغۇللىرى تۇنجى مائاشىنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزغاندا ئانا بالا ئۈچەيلەن نىمىشقىدۇر بۇقۇلداپ يىغلىۋىتىشتى ، ئۇلار نىڭ يىغىسى تارتقان جاپا مۇشەققەتلىرىنى ئۇنتۇش ئۈچۈن ئەسلەش يىغىسى ئىدى . بەخىتلىك كۈننىڭ خەيرلىك يىغىسى ئىدى ، سانىيە ئەمدىكى غىمى ئوغۇللىرىنى ئۆي ئوچاقلىق قىلىش ئۈچۈن برلىكتە پۇل توپلاش ئىدى ئوي ئوچاقىلق بولىدغان ۋاقتىڭلار كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچەكىلىدۇ ، يەنىلا تىجەشلىك ياشاپ بانكىغا پۇل قويايلىمىكىن ۋاقتى كەلگەندە خەق قىزىنى ئىلاھە ئامىنغا بەرمەس دىدى ئانا ئوغۇللىرىنى باشلىرىنى سىلاپ تۇرۇ پ
ئەي تۇرمۇش رەھىمسىز رىئاللىق ئەيشى ئىشرەت ئالۋاستىلىرى ئىزتقۇ مەخسۇمدەك سۈپكۈشلىدىمىكىن ؟.. بالىلار بىر بىرلەپ رىستۇرانغا يۇگرەيدىغان بولۇپ قالدى .ئانا ئوغۇللىرىنىڭ ئۇقۇش پۈتتۈرپ يىرىم ىىلغا يەتمىگەن ۋاقىتى ئىچىدىلا ھەشەمەتلىك تۇرمۇش قاينىمىغا كىرىپ كىتىۋاتقانلىقىنى سەزدى ئوغۇللىرىنىڭ توي مەسلىھەت چىيى ۋىچىركىلارغا يەتمەيتتى ئاي ئۇتتۇرىسى بولا بولمايلا ئۇلارنىڭ يانچۇقى قۇرۇغدىلىپ قالىدىغان بولغاچقا بۇلا ر ئانىسىدن پۇل سورايدىغان يامان ئادەتنى چىقىرىۋالدى . مائاشلىق بالىلارغا ئاپتۇبۇس بىلىتى ئۈچۈن پۇل بىرشكە قۇرسىقنى يەنىلا بىقىشقا ھەتتا گۈلدۈرلەپ كىلىدىغان ئاغىنىلىرىغچە بىقىشقا توغرا كەلدى .
3 ۋاق تاماق پەيتىدە مۇلدۇرلەپ قاراپ ئولتۇرىدىغان سۆلەتلىك ئوغۇللارغا تاماق بەرمەي يۇرەك چىدامدۇ ؟.. بىر خالتا ئۇن بىركىلو گۆش ئىككى باش پىياز ئەكەلمەك تۇرماق خىزمەتكە بىرىش ئۈچۈن ئاپتۇبۇس بىلتىگە پۇل قالمايۋاتقان بالىلارغا .ئانا نىمىمۇ دىيەلىسۇن !....
رىستۇرانلاردىكى مىزىلىك تائاملارنى تىتىپ قالغان ، يىگىنى شىرەدە يىمىگىنى ئايىغى ئاستىدا دەسسىلىپ ، نەزىرى ئۈستۈنلىشىپ ئۆزگىرىپ ، بۇرۇنقىغا ئوخشىماي قىلۋاتقان بۇ بەگزادىلەرگە تاماق تەييارلاش ئانا ئۈچۈن بىر باش قىتىقچىلىقى بولدى، گۆش يىغى تىتىمىسا بالىلىرىنىڭ قاپىقى ئىچىلماي غەشلىك پەيدا قىلىشىدىن يۈرەكزادە بولغان ئانا قولىنى گۆش ئورنىدا توغرىغۇدەك ھالغا يىىتەتتى ئۇلارنى ئۆيلەش ئۈچۈن ئۆزى پۇل توپلىمسا ئش چاتاقىلىقىنى بىلگەن ئانىنىڭ كىچىلەپ كۆزىگە ئۇيقۇ كەلمەيتتى ، مۇشۇكنىڭ بىر پۇلى يوق گۆشكە ئامراق يىگتنىڭ بىر پۇلى يوق تۆشكە ئامراق دىگەندەك ئىككىسى تىخى رىستۇرانلاردىكى تانسىلاردا قىزلارغا قانات سۆرەپ يۇرەتتى ، ئانا تويغا پۇل يىغسۇنمۇ ياكى ئۇلارنىڭ قورسىقىنى باقسۇنمۇ خۇددى بىر يەردە كىيىم مۇسابىقىسى بولىدىغاندەك ئۇچ كاللا بىر يەرگە جەم بولسىلا كىيىم رەخىت ماشىنىچى توغرۇلۇق گەپ ئەمما سانىيەئالدىرااپ پايپاقمۇ سىتىۋالالمايتتى مودا كىيىم دىگەننىغۇ بىلمەيتتى .ئىككى ئوغىلى ئانىسنىڭ كىيىملىرىدىن نۇمۇس قىلغاندەك سرتلاردا دۇقۇرۇشۇپ قالسا
كۆرمىگەنگە سىلىپ ئۆتۈپ كىتەتتى ، ئاشۇ ئوغۇللار ئويلىمايتتىكى ئانسىنىڭ چىرايلىق كىيگۈسى مەززىلىك قۇۋۋەتلىك يىگۈسى يوقمىدۇ ، سانىيخان ئاچا سىلىنىڭ چوڭ ئوغۇل ئەنۋەرجان بىر قىز بىلەن پۈتۈشۈپتىكەن ئانامغا يەتكۈزگەن بولسىلا توي تەرەددۇتىنى قىلسۇنمىكىن دىگەنىدى .دەپ
خەۋەر يەتكۈزدى قوشنىلاردىن بىرى ئانا يىغلاپ قاقشاپ چوڭ ئوغلىنى ئۆيلىدى ، ئەمما قەرزگە بوغۇلدى ئانىمۇ ياشىشى كىرەكمۇ ئاخىر ؟ قەرزغۇ بولماس ئىدى ھەي ئاشۇ توي كۈنىدىكى ۋىچىركىلار . نەدىن چىقتى بۇ ئىشلار ئۇنىڭ توي ۋىچىركسى بۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بىز ئاتا ئانا بولغۇچىلارمۇ تۇغۇلغان بىزنىڭمۇ تۇغۇلغان كۈنىمىز بار تۇغۇلغان كۈننى قىلش كىرەك دىيلسە ئالدى بىلەن ئاتا ئانىلارنىڭكىنى ۋەتەن خەلىق ئەۋلادلار ئۈچۈن جاپا چىكىپ ئۆچمەس تۆھپىلەرنى ياراتقان ئادەملەرنىڭكىنى قىلسا ئەرزىيدۇ . بۇنى ياشلار نىمىشقا ئويلاپ يەتمەيدىغاندۇ ؟....
بالام قەرز بولماي توي قىلڭلار كەم بىساتىنى بىر ئۆيگە كىرىۋالغاندىكىن بىر بىرلەپ تولۇقلىساڭلارمۇ بولىدۇ . ئۇنداق ئۆي تىخى قەدىرلىك بولىدۇ دىگەنىدى ئەسلى ئانا ..ياق تول خوتۇن يىتىم ئوغۇللىقىمىزنى چىقىرىپ بىزنى مەسخىرىگە قويماقچىمۇ سەن ، رىستۇرانغا سازچى ناخشىچىغا پۇل كىرەك نەدىلا بولمسىۇن قەرز تاپقىن - دە ئانا دىدى ئوغۇل بالام قەرز ئىگىلىرى پۇلىنى سۈيلەپ كىتىۋاتىدۇ .ئەر - ئايال ئىككىڭلار بىللە تۆلىۋىتڭلار دىدى بىر كۈنى ئانا
ئايالىم مەم قەرزگە ئالغان خۇتۇن ئىكەنمەن مىنى ئاپامنىڭ ئۆيىگە يولغا سىلىپ قۇيۇڭ دەپ يىغلاۋاتىدۇ دىدى ئوغلى ئوغلىنىڭ كۈزىدىن بىر تامچە ياش سىرغىپ .ئاقتى ئاننىڭ يۈرىكى سىرقىراپ كەتتى ، ئۇ مائاشىم ئاز بولسمۇ تىجەپ قەرزنى ئۆزۈم تۆلىۋىتەي جىنىم تىنىمدىلا بولسا ئوغۇللىرىمنىڭ كۆزىدىن يىتىملىك يىشنى ئاققۇزمايمەن دەپ ئويلىدى . ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتمەيلا ئۇ كىچىك ئوغلى ئەركىنجاننىمۇ ئۆيلەشكە مەجبۇر بولدى قەرز تىخىمۇ كۈپەيدى ، بۇ قەرزلەرنى تۆلەپ تۈگەتمەي بولامتى ئىككى تىرىك يىتىمنى چوڭ قىلىپ ئۇقۇتۇپ ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇپ ئۆي ئوچاقىلىق قىلىپ بولغىچە ئانىنىڭ ئۇنچە چىشلىرى سارغىيىپ قاپقارا چاچلىرى ئاقىرىپ سەرۋىدەك قامىتى ئىگىلدى ئىككى ئوغۇلنىڭ تويىدا قىلغان قەرزلىرىنى تۆلەپ تۈگەتكىچە ئانىنىڭ داۋالىنىشقىمۇ قۇۋۋەتلىك يىيشكىمۇ پۇلى يەتمەي ئاغرىپ يىتىپ قالدى شۇنداق بولسمۇ ئۇ ھەپتىدە بىر .ئىككى قىتىم كىلدىغان ئوغۇل كىلىنىلىرىنىڭ كىلدىغانلىق شەپسىنى ئاڭلىغان ھامان ياتقان يىرىدىن ئۆمىلەپ تۇرۇپ يوقنى چاندۇرماي داستىخان راسلاپ ئۇلارنى كۈتۈۋالاتتى ، باللىرىم كەلگەندە داستىخىنىم قۇرۇپ قالمىسۇن داستىخىنىم چىنىپ قالمسىۇن كىلىنلەر ئالدىدا ئوغۇللىرىمنىڭ يۈزى قىزىرىپ قالمىسۇن تۇل خۇتۇن يىتىم ئوغۇلنىڭ ئاتىقى يامان دەپ ئويلاپ گۆشنىڭ لوق يىرىنى ناننىڭ ئوخشىغىنىنى قۇرۇق ھۆل مىۋلەرنى ئۆزى يىمەي ساقلىدى ، بالىلىرنى كۆرگەن ھامان ئاغرىغان جايلىرىنى تامامەن ئۇنتۇپ خوشاللىققا بەخىتكە چۇمەتتى باللىلىر ى ئانا ئۆيدە يالغۇز ئولتۇرۇۋىرىپ زىرىكىپ غىرپسىنىپمۇ قالىدىغانسىز ئايدە بىرەر قىتىم بولسمۇ بىزنىڭ ئۆيگە بىرىپ ئولتۇرۇپ كىلىڭ دىگەن سۆزنى قىلىشنى بىلمەيتتى ئانا ئۆزى يالغۇز قالغاندا ئاجايىپ مۇڭلىنىپ قالاتتى بۇگۈن يەكشەنبە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى ئاياللىرى بىلەن كەلدى ئانا چىرايلىق داستىخان راسلاپ مىزىلىىك چۇچۇرە ئەتتى چۈنكى ئۇلار ئانىسنىڭ ئەتكە ن چۇچۇرىسگە ئامراق ئىدى . تاماقتىن كىيىن ئۇلا ر بىردەم يىرىمدەم ياستۇق تاشلاپ يانپاشلاپ ئارام ئالغاچ مۇڭدىشىشتى ، گەپ بىر يەر گە بارغاندا ئانا ماڭا ئالتۇن بولاپكا ئىلىپ بەرسىلىچۇ دىدى چوڭ كىلىن ، ماڭىمۇ دىدى كىچىك كىلىنىمۇ خام كۈلۈپ ، بولاپكا دىگەن نىمەئۇ دىدى ئانا جىددىلىشپ پولاپكا ئەمەس بولاپكا دىدۇق ئۇ دىگەن ئالتۇن يۇرەك .. دىدى ئىككى كىلىنى بەس بەستە تويدا ئالتۇن يۇرەكنى كىينرەك ئىلىپ بىرەيلى دەپتىكەنلا ، بۇ قىتىمقى ئاياللا ر بايرىمىغا ئۈلگۈرتۈپ ئىلىپ بەرگەن بولىسلا بايرامدا رىستۇرانلاردىكى ۋىچىركىلارغا قاتناشماقچىدۇق ھەممە قىز - چوكانلارنىڭ بوينىدا ئالتۇن يۈرەك ئويناپ تۇرسا بىزنىڭ يوق ئۇيىلىدىكەنمىز ، بۇ گەپ باشلىنىش بىلەنلا ئىكىكى ئۇغۇل تەڭلا ھاجەتكە ماڭغان بولۇپ قۇلىقىنى يۇپۇرۋىلىشتى كىلىنلەر سانيخان ئانىغا تەلمۇرۇپ قاراشتى ، ئەسلىدىكى سىرتقى ۋە ئىچكى گۇزەللىكى چىرايىغا سايە تاشلاپ تۇرغان كىشمش ئۇرۇكنىڭ سۈزۈكىكنە قىقىدەك پاكىز قىرىغان سانىيخان ئانا قارچۇغنىڭ كۆزىدەك زىرەك كۆزلىرىنى كىلىنلىرىگە تىكتى ، كىلىنلەرنىڭ قۇلاقلىرى بۇيۇنلىرى بارماقلىرىدا ئالتۇن بىزەكلەر يالتىراپ تۇراتتى ، كىيملىرىمۇ پۇزۇر ئىدى ئاننىڭ ئىشچان بارماقلىرىدا كوپنى ئاڭلغان تەجرىبىلىك قۇلاقلىرىدا ئالتۇننىڭ سۇنۇقى تۇرماق مونچاقمۇ كۇرۈنمەيتتى كىلنلەر بىلەن ئانا خۇددى خانىش بىلەن دىدەكتەك روشەن پەرقىلىنىپ تۇراتتى ،.. بولىدۇ قىزلىرىم دىدى ئانا تەمكىنلىك بىلەن ،كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ شۇ تاپتا مىنىڭمۇ ھەر ئىككىڭلارغا بىردىن ئالتۇن يۈرەك ئىسپ قويغۇم بار بىراق مەندە پەقەت بىرلا ئالتۇن يۈرەك بار بىرڭلارغا بەرسەم يەنە بىرىڭلارغا يەتمەيدۇ . كىلىنلەر بىر -بىرىگە لەپپىدە قاراشتى ئانا سۆزىنى داۋاملاشتۇردى مەندە 100 تىللاغىمۇ تىگىشكىلى بولمايدىغان ئاجايىپ نۇر چاچىدىغان خىسلەتىلىك بىر دانە ئالتۇن يۈرەك بار بۇ ئالتۇن يۈرەك بوۋامنىڭ بوۋىسىدىن مومامنىڭ مومسىدىن ئاتائانامغا مىراس قالغان ئىكەن . ئاتا ئانامدىن ماڭا مىراس قالغان مەندە ئاشۇ ئالتۇن يۇرەك بولغاچقا ئىككى ئوغلۇمنى ياراملىق چوڭ قىلىپ سىلەرگە جۆرە قىلىپ قويدۇم . قىنى ئۇ خىسلەتلىك ئالتۇن يۈرەك كۈرۈپ باقساق بولامدۇ ئانا كۈرەيلىچۇ دىدى كىلىنلەر توختاپ تۇرۇڭلار قىزلىرىم مىنىڭ گىپىم تىخى تۇگىمىدى ، دىدى ئانا ئالدىرىماي ، قىنى تىز سۆزلىسىلە ئانا كىلىنلەر چىداپ تۇرغۇسىز تەقەززالىقتا قۇلاق سىلىشتى . مىنىڭ بىر كۆرسەتمەم بار شۇنى كىم تىز بىجىرىپ كەلسە ئالتۇن يۈرەكنى شۇنىڭغا ئىسپ قويىمەن مەن مەن بىجىرمەن دىدى چوڭ كىلىنى ياق مەن تىز بىجىرىمەن دىىدى كىچىك كىلىنى ، بۇ يۇرتتا مەن دىگەن ئالتۇن يۇرەكنى ئىلىپ سىلەرگە ئىسپ قويالىغۇدەك ئادەم يوق كىمىكى شاڭخەي ،بىيجىڭدىن ياكى چەتئەلدىن ئنتايىن ئۇستا ئاجايىپ تەجرىبىلىك دوختۇردىن تىپىپ كىلەلىسە ئاندىن !..........ھە ؟.نىمە ؟.... كىلىنلەر كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنىچە كەينىگە چىكىنىشتى .
ھۆرمەتلىك تورداشلار ، ئاتا ئانىسىنى ھۆرمەتلەيدىغان ،ۋاپادار قىز -ئوغۇل كىلىنلەرمۇ ئاز ئەمەس ئەلۋەتتە بەزى ئانىلاردىمۇ كىلىنلىرىنى خارلايدىغان ئىللەتلەر بار ، بىراق مىنىڭ بۇ تىمام بىر قىسم قىز - ئوغۇل كىلىنلەرگە ئىبرەت بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس سىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىڭلارنى ئۇمىد قىلىمەن، |
|