مەن بىر رەت تىكىلىپ قارىيالمىغان، يالقۇنلۇق نىگاھىڭ ئوتلۇق تەپتىگە. ھىچكىممۇ بىر قىتىم تەبىر بەرمىگەن، يامغۇرلۇق سەھەردە كۆرگەن چۈشۈمگە. بىر قەترە يېشىمدا مىڭ ھىجران گۈلى، قانلىرىم مەۋجىدە پورەكلەر تال-تال. دەششەتلىك قىياندا كۈلپەتلىك تاھىر، سېغىنىپ ئەسلەيمەن مىڭ يىل يىراق قال. بىر ئوتلام سۆيگۈدەك بىر پىيالە چاي، تۇتسام جان رىشتىدىن ئەگەر بىر كۈنى. ئەتىرگۈل ھىدىغا تولىدۇ جاھان، شۇ سۆيگۈ پەسلىدە كۈتىمەن سىنى. ئۇ كۈنى قايتىدىن تۇغۇلار قۇياش، ۋە بەلكىم يۈز بىرەر قۇتۇپ كىچىسى. مىڭ جاندىن كىچىمەن بىر جىنىڭ ئۈچۈن، ئېھ، لەۋزىم ھالالدۇر كۈتىمەن سىنى. ئاپتورى؛ سالامەت ئۆمەر. |