مىلادى15-ئەسىر ئىدى، گىرمانىيەنىڭ ھامبۇرىگ شەھرىگە يىقىنراق بىر كەنىتتە 18 بالىسى بار بىر ئائىلە ياشايتى، مۇشۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ قورسىقىنى بىقىش ئۈچۈن ئاتا بولغان كىشى تىنىم تاپماي ئىشلەشكە مەجبۇر بولاتتى، ئۇ بىر زەگەر بولۇپ ، ھەر كۈنى ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولغاندىن باشقا، قولۇم-قوشنىلىرىنىڭ ئىش-كۈشلىرىگە ياردەملىشىپ، ئاز تولا تاپاۋەت قىلىشقىمۇ مەجبۇر ئىدى.
كۈنلەر جاپالىق ، غۇربەتچىلىك ئىچىدە ئۆتىۋاتقان بولسىمۇ ، ئاربىلىچاد بوۋاينىڭ يىشى چوڭراق ئىككى ئوغلى_ دىئول بىلەن ئېبروت كەلگۈسىگە تولۇپ - تاشقان ئۈمۈت بىلەن قارايتى، ھەر ئىككىلىسى سەنئەتتىكى ئارتۇقچىلىقىنى ئىشقا سىلىپ ، ئۆزلىرىنىڭ سەنئەت ھاياتىنى باشلىماقچى بولاتتى. ئەمما ھىچقايسىسىنى ئاتىسىنىڭ ھامبۇرۇگتىكى ئالىي سەنئەت ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا ئەۋەتىشكە قۇربى يەتمەيدىغانلىقى ھەر ئىككىسىگە ئايان ئىدى.
ھەر كۈنى ئاخشىمى ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەن كارۋاتتا قىستىلىشىپ ، بۇ توغرىسىدا مەسلەھەت قىلىشاتتى، كۆپ ۋاقىت مەسلىھەتلەشكەندىن كىيىن ئىككىسى ئاخىرى بىر قارارغا كىلىشتى، ئۇلار مىتال پۇلىنى دو تىكىپ ئۆز تەقدىرىنى بەلگىلىمەكچى بولۇشتى، يەنى مىتال پۇلىنى دو تىىكىپ ئۇتتۇرۇپ قويغىنى يىقىن ئەتراپتىكى كانغا بىرىپ ئىشلەپ ، تاپقان پۇل بىلەن ئۇتىۋالغۇچىنى ئوقۇش پۇلى بىلەن تەمىن ئىتىدىغان بولدى، ئۇتىۋالغۇچى ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كىيىن ، كىيىنكى تۆت يىلدا ئامال قىلىپ پۇل تىپىپ ، ئۇتتۇرۇپ قويغۇچىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئوقۇش پۇلىنى تەمىن ئىتىدىغان بولدى،
مۇشۇنداق قارارغا كەلگەندىن كىيىنكى بىر يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئۇلار ئىبادەت قىلىپ بولۇپ ، مىتال پۇلنى دو تىكتى. نەتىجىدە دىئول ئۇتىۋالدى_دە ھامبۇرۇكقا بېرىشنىڭ تەرەددۇتىنى قىلدى.
ئېبروت بولسا خەتەرلىك كانغا ئىشقا چۈشتى ۋە تۆت يىلدا جان تىكىپ ئىشلەپ ، پۈتۈن كۈچى بىلەن دىئولغا يار-يۆلەكتە بولدى، دەرۋەقە ، دىئول ئېبروتنىڭ ئۈمۈدىنى يەردە قويمىدى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى سەنئەت ئىنىستىتۇتىدا داغدۇغا قوزغىدى،
ياش، تالانىتلىق سەنئەتكار ئۆز يۇرتىدىكى يىزىۈا قايتىپ كەلگەندە، دىئولنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر قوروسىدىكى چىملىقتا زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلگەنلىكىنى تەبرىكلەپ كەچلىك زىياپەت ئۆتكۈزدى. زىياپەت باشلىنىپ ھەممەيلەن ئىستاكانلىرىنى توشقۇزۇپ ئىچىشتى. شۇ چاغدا دىئول رومكىنى كۆتۈرگەنچە ئورنىدىن تۇرېۇپ ، قەدىرلىك قىرىندىشى ئېبوروتقا ھاراق تۇتۇپ ، ئۇنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان ئكزى ئۈچۈن قۇربان بەرگىنىگە ، كىچە- كۈندۈز ئارزۇ قىلغان مەقسىتىنىڭ ئىشقا ئىشىشىغا ياردەم بەرگىنىگە رەھمەت ئىيىتتى، ئاخىرىدا ئۇ؛<<ئېبروت، مىنىڭ قەدىرلىك قىرىندىشىم، ئەمدى نۆۋەت ساڭا كەلدى،ھامبۇرۇكقا بىرىپ، ئارزۇ- ئىستىكىڭگە يەتكىن ، مەن ساڭا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن مەدەت بىرىمەن>> دىدى.
ھەممەيلەن بىردىنلا ئۈستەلنىڭ ئەڭ چەت بۇرجىكىدە ئولتۇرغان ئېبورىتقا ئۈمۈت بىلەن قارىدى. ئەمما ئېبورىت توختىماي باش چايقاپ يەرگە قھراپ ئولتۇراتتى. ئىككى كۆزىدىن ئاققان ياش ئۇنىڭ جۈدەك يۈزىگە ئىختىيارسىز سىرغىماقتا ئىدى.
ھايال ئۆتمەي ئۇ كۆز يىشىنى سۈرتۈپ ئورنىدىن تۇردى، ئىككى قولىنى جۈپلەپ كۆتۈرگىنىچە دىئولنىڭ ئالدىغا كىلىپ ، تەمكىنلىك بىلەن << ياق قەدىرلىك قىرىندىشىم، مەن ئەمدى ھامبۇرۇكقا بارالمايدىغان بولدۇم، ماڭا ئۇنداق ئامەت ئەمدى نىسىپ بولماي قالدى، قارىغىنا، بۇ تۆت يىلدا كاندىكى جاپالىق ئەمگەك قوللىرىمنى نابۇت قىلىپ قانداق قىلىۋەتتى، دىگىنە ! بارماقلىرىم ئاز دىگەندىمۇ بىرەر قىتىمدىن زەخىم يىدى، ياكى ئۈزۈلۈپ كەتتى ، يىقىندىن بۇيان ئوڭ قولۇمدا ئىغىر بوغۇم ياللۇغى كۆرۈلدى، مەن سىنىڭ ھۆرمىتىڭگە بىر رومكا ھاراق تۇتۇشقىمۇ يارىمايۋاتسام ، قانداق قانداق قىلىپ قولۇمغا رەسىم سىزىدىغان قەلەم ئالالايمەن؟ قەدىرلىك قىرىندىشىم ، دىمەكچىمەنكى ، مەن ئۈچۈن قايغۇرما ، ئۇنداق ئامەت ماڭا نىسىپ بولمايدۇ>> دىدى.
ئارىدىن ھەش-پەش دىگۈچە 450 يىل ئۆتۈپ كەتتى ، بۈگۈنكى كۈندە دىئولنىڭ نەچچە يۈز پارچە ۋايىغا يەتكەن نەپىس ئەسەرلىرىنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۇچراتقىلى بولىدۇ ، ھەر قانداق داڭلىق مۇزىيلارنىڭ ھەممىسىدە دىگۈدەك دىئول سىزغان تېز سىما رەسىملەر، سۇ بوياق، ياغاچ كۆيۈندە رەسىملىرى ۋە ياغاچ ئويما، مىس قاپارىتما ئەسەرلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.
ئېبورىتقا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەش، ئۇنىڭ ئۆزىنى قۇربان قىلغانلىقىغا تەشەككۈر ئىيتىش مەقسىتىدە قىرىندىشىنىڭ نابۇت بولغان ئاشۇ بىر جۈپ قولىنى كۆڭۈل قويۇپ سىزىپ چىققان . رەسىمدە جۈپلەنگەن ئاۋاق بىر جۈپ قول كۆككە قاراپ تىلاۋەت قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنۈشتە ئىدى. چوڭقۇر مۇھەببەت سىڭگەن بۇ ئەسەر دۇنياغا كېلىش بىلەنلا زىلزىلە پەيدا قىلدى. دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەكلا بارىكاللا ئوقۇپ ، ھەمنەپەس بولدى ۋە بۇ قىرىنداشلىق مۇھەببىتى ئەسىرىنى <<تىلاۋەت قىلىۋاتقان قول>> دەپ ئاتىدى.
ھەبىبۇللا ئېلىياس تەرجىمىسى |