| ئوتتۇرا شەرىق ۋەزىيىتىگە قىزىقمايدىغىنىمىز بولمىساق كىرەك . شۇنداق بولغاچقا ھەممىزنىڭ بۇ رايۇنغا قارىتا يەنە بىر قېتىم دىققەت نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇپ قويۇشىمىز زۈرۈر دەپ قاراپ ، بۇ تېمىنى يوللاپ قويدۇم ، مۇمكىن بولسا ھەممەيلەننىڭ بۇ ھەقتىكى تونۇشىمىز ئوخشىمايدىغۇ _ دەيمەن ...
ئوتتۇرا شەرق رايۇنى نۆۋەتتە دۇنيادا مەسىلە ئەڭ كۆپ كۈرىلىۋاتقان ، ئۇرۇش ئوتلىرى قەدەمدە بىر يامراپ تۇرغان رايۇن ھېسابلىنىدۇ،ئىھتىمال ئەلكۈيىدىمۇ ماڭا ئوخشاش دۇنياۋى مەسىلىلەر ۋە قىززىق نوقتىلارغا قىززىقىدىغانلار بۇلىشى مۇمكىن،شۇڭا مەن بۈگۈن ئوتتۇرا شەرق توغرىسىدا ئازراق توختالماقچى.
مىنىڭ تۇلۇق ئوتتۇرادا ئۈگەنگەن جۇغراپىيە دەرىسىمدىن بىلىشىمچە ئادەتتە ئوتتۇرا شەرىق رايۇنىغا بەھرەيىن ، ئېران ، ئېراق ، ئىسرايىلىيە ، ئىئوردانىيە ، كۇۋەيت ، لىۋان ، ئومان ، قاتار ، سەئۇدى ئەرەبىستان ، سۇرىيە ، ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىگى ، پەلەستىن ، ئالجىرىيە ، لىۋىيە ، ماراكەش ، تونىس ، سۇدان ، ماۋرىتانىيە ، سۇمالى ، تۇركىيە ، سىپرۇس قاتارلىق دۆلەت ۋە رايۇنلار كىرىدۇ . چۈنكى ئوتتۇرا شەرىق بىر جۇغراپىيىلىك ئاتالغۇ .
لېكىن كىشىلەر ئادەتتە ئوتتۇرا شەرىق دۆلەتلىرىنى تىلغا ئالغاندا ئافرىقىدىكى ئالجىرىيە ، لىۋىيە ، ماراكەش ، تونىس ، سۇدان ، ماۋرىتانىيە ، سۇمالى قاتارلىق دۆلەتلەرنى ۋە تۈركىيە ، سىپرۇسلارنى كۆپ تىلغا ئالمايدىكەن بۇ دۇنياۋى ئەھۋال بولسا كېرەك.
بۇ دۆلەتلەر تۈۋەندىكىچە :
1 . ئېران 伊朗
2 . ئىراق 伊拉克
3 . سۇرىيە 叙利拉
4 . تۇركىيە 土耳其
5 . لىۋان 黎巴嫩
6 . ئىسرائېلىيە 以色列
7 . ئىئوردانىيە 约旦
8 . كۇۋەيت 科威特
9 . بەھرەيىن 巴林
10 . قاتار 卡塔尔
11 . ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىگى 阿拉伯联合首长国
12 . سەئۇدى ئەرەبىستان 沙特阿拉伯
13 . ئومان 阿曼
14 . يەمەن جۇمھۇريىتى 也门共和国
ئوتتۇرا شەرىق رايونىدىكى بىرقانچە دۆلەتلەردىكى مىللەتلەر ۋە مەزھەپلەرنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى :
1 . ئېران ---- بۇ دۆلەتتە پارىسلار %51 ، ئەزەربەيجانلار %24 ، كوردلار %7 ، ئەرەپلار %3 ، تۇرۇكلەر 2 نى قالغان مىللەتلار %13 نى ئىگەللەيدۇ . مۇسۇلمانلارنىڭ %89 شىئە مەزھىپىگە ، %10 سۇننى مەزھىپىگە تەۋە . قالغانلار باشقا دىنغا ئىتىقاد قىلىدۇ .
2 . ئىراق ---- ئەرەپلەر %75 - %80نى ، كوردلار %15 - %20 نى تەشكىل قىلىدۇ . ئاھالىسىنىڭ %60 - %65 تى ئىسلام دىنىنىڭ شىئە مەزھىپىگە ، 532 - %37 تى بولسا سۇننى مەزھىپىگە تەۋە . %3 تى بولسا باشقا دىنغا ئىتتىقاد قىلىدۇ .
3 . سۈرىيە ---- ئەرەپلەر %90 نى ، كورد ، ئەرمەن قاتارلىق مىللەتلەر %10 نى تەشكىل قىلىدۇ . ئاھالىسىنىڭ %74 تى بولسا ئىسلام دىنىنىڭ سۇننى مەزھىپىگە ئىتتىقاد قىلىدۇ . %10 تى خىرىستىيان دىنىغا ، قالغان %16 تى بولسا باشقا دىنغا ئىتتىقاد قىلىدۇ .
4 . تۈركىيە ---- تۇرۇكلەر %80 نى ، كوردلار %15 نى ، ئەرمەن ، گىرىك ، يەھۇدى قاتارلىقلار %5 نى تەشكىل قىلىدۇ . بۇلارنىڭ %99.8 بولسا ئىسلام دىنىغا ، %0.2 بولسا باشقا دىنغا ئىتتىقاد قىلىدۇ .
5 . لىۋان ---- ئەرەپلار %95 نى ، ئەرمەن ۋە باشقا مىللەتلەر %5 نى تەشكىل قىلىدۇ . %70 ئاھالىسى ئىسلام دىنىغا ، %30 ئاھالىسى خىرىستىيان دىنىغا ئىتتىقاد قىلىدۇ .
6 . ئىسرائېلىيە ----- يەھۇدىلار %80 نى ( بۇنىڭ ئىچىدە ئەسلى مۇشۇ زىمىندا بار بولغان يەھۇدىلار %21 ئىگەللەيدۇ ، ئامىرىكا ۋە ياۋرۇپادىن كۆچۈپ كەلگەنلىرى %32 نى ، ئافرىقىدىن كەلگەنلىرى %14.5 ، ئاسىيادىن كەلگەنلىرى بولسا %12.5 نى ئىگەللەيدۇ ) ، ئەرەپلەر %20 نى تەشكىل قىلىدۇ . يەھۇدى دىنىغا ئىتىىقاد قىلىدىغان ئاھالە %80 نى ، ئىسلام دىنىغا ئىتتىقاد قىلىدىغان ئاھالە %14 نى ، خىرىستىيان ۋە باشقا دىنغا ئىتتىقاد قىلىدىغانلىرى بولسا %6 نى تەشكىل قىلىدۇ .
7 . ئىئوردانىيە ----- ئەرەپلار %98 نى ، ئەرمەن ۋە باشقا مىللەتلەر %2 نى تەشكىل قىلىدۇ . %92 ئىسلام دىنىنىڭ سۇننى مەزھىپىگە ئىتتىقاد قىلىدۇ . %6 خىرىستىيان دىنىغا ، %2 ئاھالە باشقا دىنغا ئىتتىقاد قىلىدۇ .
8 . كۇۋەيت ---- كۇۋەيتلەر %45 نى ، ئەرەپلەر %35 نى ، ئاسىيالىقلار %9 نى ، پارىسلار %4 نى ، باشقا مىللەتلەر %7 نى تەشكىل قىلىدۇ . مۇسۇلمانلار %85 نى ( بۇنىڭ ئىچىدە سۇننىلەر %45 نى ، شىئەلەر %40 نى ئىگەللەيدۇ ) ، خىرىستىيان ، ھىندى ۋە باشقا دىندىكىلەر %15 نى تەشكىل قىلىدۇ .
9. بەھرەيىن ---- بەھرەيىنلەر %63 نى ، ئاسىيالىقلار %19 نى ، ئەرەب %8 نى ، پارىسلار باشقا مىللەتلەر %8 نى تەشكىل قىلىدۇ .
10 . قاتار ---- ئەرەپلەر %40 نى ، پاكىستانلىقلار %18 نى ، ھىندىلار %18 نى ، پارىسلار %10 نى ، باشقىلار %14 نى تەشكىل قىلىدۇ . ئۇلارنىڭ %95 تى ئىسلام دىنىغا ، %5 تى بولسا باشقا دىنغا ئىتتىقاد قىلىدۇ .
11 . ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىگى ---- 3 دىن بىر قىسمىنى ئەرەبلەر ، قالغانلىرىنى باشقا مىللەتلەر تەشكىل قىلغان . %96 تى ئىسلام دىنىغا ( بۇنىڭ ئىچىدە %80 تى سۇننى مەزھىپگە ، %16 تى بولسا شىئە مەزھىپگە تەۋە ) ، %4 تى بولسا خىرىستىيان ۋە باشقا دىنلارغا ئىتتىقاد قىلىدۇ .
12 . سەئۇدى ئەرەبىستان ---- ئەرەبلەر %90 نى ، ئافرىقا ۋە ئاسىيالىقلار قالغان %10 نى تەشكىل قىلىدۇ . ھەممىسى ئىسلام دىنىنىڭ سۇننى مەزھىپىگە ئىتتىقاد قىلىدۇ .
13 . ئومان --- ئەرەپلەر %99 نى ، قالغان مىللەرلەر %1 نى تەشكىل قىلىدۇ . كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىنىڭ سۇننى مەزھىپىگە ئىتتىقاد قىلىدۇ .
14 . يەمەن جۇمھۇريىتى -- كوپ قىسمى ئەرەپلەر ، ئۇلار ئىسلام دىنىنىڭ سۇننى مەزھىپىگە ئىتتىقاد قىلىدۇ
ماتىرياللاردىن تەكشۈرۈپ كۈرىشىمچە ،شىئە مەزھىپى بىلەن سۈنئىىي مەزھىپى ئوخشاشلا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ . لىكىن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا مۇرەسسە قىلغىلى بولمايدىغان زىددىيەت مەۋجۇت .
ئاساسى ئىختىلاپ توۋەندىكىچە :
( 1 ) خەلىپە مەسىلىسى .
شىئە مەزھىپى ئەلىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بىردىنبىر ۋارىسلىق قىلغۇچىسى دەيدۇ ؛ سۈنئىي مەزھىپى بولسا تۆت چوڭ خەلىپىنىڭ ھەممىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قانۇنلۇق ۋارىسلىق قىلغۇچىلىرى دەپ قارايدۇ .
( 2 ) پەيغەمبەرگە قاراش مەسىلىسى .
شىئە مەزھىپىنىڭ ئەلىگە سېغىنىشى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا سېغىنىشىدىن ئېشىپ كېتىدۇ . ھېچبولمىغاندا ئىككىسىنى تەڭ ئورۇنغا قويىدۇ ؛ سۈنئىي مەزھىپى بولسا ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ ئاخىرقى ئەلچىسى دەپ قارايدۇ .
( 3 ) << قۇرئان كەرىم >> نى چۇشىنىش مەسىلىسى .
سۈنئىي مەزھىپى شىئە مەزھىپىنى << قۇرئان كەرىم >> نى بورمىلاپ چۈشەندى ، ئايەتلەردىكى تەنبىھلەرگە سەل قارىدى ، قۇرئانغا بىھورمەتلىك قىلدى دەپ ئەيىبلەيدۇ . شىئە مەزھىپىمۇ سۇننىي مەزھىپىنى ئوخشاش ئەيىبلەيدۇ .
( 4 ) ھەدىسكە تۇتقان پوزىتسىيە .
سۈنئىي مەزھىپى نوپۇزلۇق ئالتە ھەدىسلەر توپلىمىنى قانۇن چىقىرىشنىڭ مۇھىم ئاساسلىرىدىن بىرى قىلىدۇ ؛ شىئە مەزھىپى بولسا ، بۇ ھەدىسلەر ساختا دەپ قارايدۇ ھەم ئوزلىرى ھەدىس تۇزۇپ ، ئوز مەزھىپىنىڭ تەشەببۇسلىرىغا ماسلاشتۇرىدۇ .
( 5 ) دىنىي داھىلارغا قاراش مەسىلىسى .
شىئە مەزھىپى ئىمامنى دىنىي داھىي قىلىدۇ . سۈنئىي مەزھىپى بولسا ، خەلىپىنى دىنىي داھىي دەپ بىلىدۇ . ئۇلارنىڭ دىننىي داھىي توغۇرسىدىكى چۇشەنچىسى ئوخشىمايدۇ . سۇننىي مەزھىپى خەلىپىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىي ئىشلارنى ۋاكالىتەن باشقۇرغۇچىسى ، كىشىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا ئەمەل قىلىشىغا رەھبەرلىك قىلىدۇ ، ئۇ ئەدلىيە ، مەمۇرىيەت ، ھەربىي ، دىنىي ئىشلارغا باشلىق بولسىمۇ ، ئۇنىڭدا قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى بولمايدۇ . << قۇرئان كەرىم >> نى ۋە ھەدىسنى چۇشەندۇرۇش ھوقۇقىغىلا ئىگە ؛ ئوتكەنكى كىشىلەرگە ئۇچراپ باقمىغان ئىشلار ئۇچرىغاندا ، يەنە كىلىپ قۇرئاندىن ۋە ھەدىستىن بۇ ھەقتە ئېنىق گەپ چىقمىغاندا ، خەلىپە ئىشلەپ چىقسا بولىدۇ دەپ قارايدۇ .
شىئە مەزھىپىدىكىلەر بولسا ، ئىمام كىشىلەر ئارىسىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئۇستاز ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا تۇنجى ئىمام ۋارىسلىق قىلدى . ئۇ ئادەتتىكى ئادەم ئەمەس ، بەلكى ئاجايىپ ئادەم ، ئاللاھنىڭ قوغدىشىغا ئىگە بولۇپ ، مەڭگۇ خاتالىق سادىر قىلمايدۇ دەپ قارايدۇ
2- دۇنيا ئۇرۇشى ئاياقلىشىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا گىتلىر گىرمانىيىسى تارىپىدىن ياۋرۇپادىن قوغلانغان كۆپ قىسىم يەھۇدىلار ياۋرۇپا خىرىستىيانلىرى ۋە ئامرىكىنىڭ يولىشى بىلەن ئەرەپ يىرىم ئارىلىنىڭ غەربى قىسمىدىكى پەلەستىن رايۇنىنىڭ كۆپ قىسىم رايۇنىنى ئىگەللەپ ئىسرائىلىيە دۆلىتىنى يورۇققلۇققا چىقاردى . ئەنە شۇ كۇندىن باشلاپ ئەرەپ دۆلەتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيە يەھۇدىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئايىغى چىقماس دە - تالاش ۋە جەڭلەر باشلىنىپ تاكى ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە .
تۆۋەندىكىلەر 1948 يىلىدىن 1982 - يىلىغىچە بولغان 34 - يىلدا بۇ رايۇندا يۈز بەرگەن دائىرىسى چوڭ بولغان 5 قىتىملىق توقۇنۇشنىڭ قىسقىچە تەپسىلاتى :
1 . بىرىنچى قىتىملىق ئوتتۇرا شەرىق ئۇرۇشى -- 1948 - يىلى 5 - ئاينىڭ 15 - كۇنى باشلانغان بولۇپ ، ئىسرائىلىيە بۇ قىتىم پەلەستىن ۋە باشقا ئەرەپ دولەتلىرىگە كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغان ، بۇ ئۇرۇش 1949 - يىلى 3 - ئايدا ئاياغلاشقان . بۇ قىتىمقى ئۇرۇشتا ئەرەپ دۆلەتلىرى ئارمىيىسىدىن 15 مىڭ ئادەم ، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىدىن 6 مىڭ ئادەم ئۆلگەن .
2 . ئىككىنچى قىتىملىق ئوتتۇرا شەرىق ئۇرۇشى -- ئەنگىلىيە ۋە فىرانسىيە سۇۋەيىش قانىلىنى زورلۇق بىلەن ئىگەللىۋىلىش نىيىتىدە ئىسرائىلىيە بىلەن تىل بىرىكتۇرۇپ ئېلىپ بارغان بولۇپ 1956 - يىلى 10 - ئاينىڭ 29 - كۇنى ئىسرائىلىيە بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ياردىمىدە كۆپ مىقداردا ئەسكەر چىقىرىپ مىسىر تەۋەلىگىدىكى سۇۋەيىش قانىلىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن . بۇ قىتىمقى ئۇرۇش 6 كۇن داۋاملاشقان بولۇپ مىسىر ئارمىيىسىدىن 1000 كىشى ئۆلگەن ، 20 نەچچە مىڭ كىشى يارىلانغان ، 200نەچچە ئايرۇپىلان چىقىم تاتقان ، 5 چوڭ شەھىرى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ۋەيران بولغان . ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىدىن بولسا 1000 ئەسكەر ئۆلگەن ، ئەنگىلىيە - فىرانسىيە ئارمىيىسىدىن 300-400 چە كىشى ئۆلگەن ، 50 نەچچە ئايرۇپىلان چىقىم بولغان .
3 . ئۈچۈنچى قىتىملىق ئوتتورا - شەرىق ئۇرۇشى -- 1967 - يىلى 6 - ئاينىڭ 5 - كۇنى 7 دىن 45 مىنىۇت ئۆتكەندە ئىسرائىلىيە بارلىق ھاۋا ئارمىيىسىنى ئىشقا سىلىپ مىسىر ، سۇرىيە ، ئىراقتىن ئىبارەت ئۇچ دۆلەتنىڭ بارلىق ھاۋا ئارمىيە بازىلىرغا چاقماق تىزلىگىدە ھۇجۇم قوزغىغان . ھاۋا ھۇجۇمۇ ئاياقلىشىپ يىرىم سائەتتىن كىيىن قۇرۇقلۇق قىسمىمۇ بۇ 3 دۆلەتكە باستۇرۇپ كىرگەن . 10 كۇن داۋاملاشقان بۇ ئۇرۇش مىسىر ، سۇرىيە ، ئېراق قاتارلىق دۆلەتلەر ناھايىتى ئېغىر زىيىنى بىلەن ئاخىرلىشىپ ئۇلاردىن 60 نەچچە مىڭ كىشى ئۆلگەن ، يارىلانغان ۋە ئەسىرگە چۈشكەن . ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىدىن بولسا ئاران 983 ئادەم ئۆلگەن .
4 . تۆتىنچى قىتىملىق ئوتتۇرا شەرىق ئۇرۇشى -- مىسىر ، سۇرىيە بىلەن بىرلىشىپ پۇختا تەييارلىق قىلغاندىن كىيىن 1973 - يىلى 10 ئاينىڭ 6 - كۇنى ئىسرائىلىيىگە ھوجۇم قىلغان . ئۇرۇشتا مىسىر سۇۋەيىش قانىلىدىن ئۆتۇپ قانالنىڭ جەنۇبىدىكى ئۆزىگە تەۋە 3000 مىڭ كۇدىرات كىلومىتىرمىتىر زىمىننى قايتۇرۇپ ئالغان . لېكىن ئىسرائىلىيە يەنىلا مىسىرنىڭ 1900 كۇدىرات كىلومىتىر زىمىننى ، سۇرىيىنىڭ 440 كۇدىرات كىلومىتىرمىتىر زىمىننى ئىگەللەپ تۇرىۋەرگەن . بۇ قىتىمقى ئۇرۇشتا ئەرەپ دۆلەتلىرىدىن 20 مىڭ كىشى ئۆلگەن ، 2000 مىڭ تانكا ، 400 ئايرۇپىلان چىقىم بولغان . ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىدىن بولسا 5000مىڭ كىشى ئۆلۇپ ، 1000دىن كۆپ تانكا ، 200 ئايرۇپىلان چىقىم بولغان .
5 . بەشىنچى قىتىملىق ئوتتۇرا شەرىق ئۇرۇشى -- 1982 - يىلى 6 - ئاينىڭ 6 - كۇنى ئىسرائىلىيىنىڭ ئەنگىلىيىدىكى باش كوڭسۇلى پەلەستىن پارتىزانلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۇرۇلىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلىيە 10 مىڭدىن ئوشۇق قۇرۇقلۇق ، ھاۋا ، دىڭىز ئارمىيىلىرىنى توپلاپ لىۋان چىگرىسى ئىچىدىكى پەلەستىن قوراللىق پارتىزانلىرىغا ۋە سۇرىيە ئارمىيىسىگە ئۆچ ئېلىش خاراكتىرىدە كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغايدۇ . بىرقانچە كۇنلۇك جەڭدىلا ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ بىرقانچە نۇقتىلىرىنى ئىگەللىۋالىدۇ . ئۇرۇش جەريانىدا پەلەستىن پارتىزانلىرىنىڭ 3000 ئادىمى ئۆلىدۇ ۋە يارىلىنىدۇ ، 100 دىن ئوشۇق تانكا 500 زەمبىرەك چىقىم بولىدۇ . سۇرىيە قوشۇنىدىن 1000 كىشى ئۆلىدۇ ، 400 تانكا ، 58 ئايرۇپىلان چىقىم بولىدۇ .
دوستلارنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىلىرىگە بولغان چۈشەنچىسى تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشقا ياردىمى بولسا ئەجەپ ئەمەس دەپ بىرقىسىم تارىخى كىتاپلارنى شۇنداقلا ئۈزۈمنىڭ چۈشەنچىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ يېزىپ چىقتىم . ئوتتۇرا شەرق توغرىسىدا ئاز - تۇلا چۈشەنچىگە ئىگە بۇلۇپ قالسىڭىز ئەجەپ ئەمەس . |
|
مەنبە : ساقلانما ماتېرياللار ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا salkin11 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-15 01:07
|