ئوردىن ئىككى گىنىرال كوچىدا ئۇچىرىشىپ قاپتۇ؛ _ بۈگۈن سىز غەلىتىرەك كۆرىنىۋاتىسىز، ئوردىن تاقىماي سىرىتقا چىققىنىڭىزنى تۇنجى قىتىم كۆرۈشۈم،_ دەپتۇ بىرى ئەجەپلەنگەن ھالدا. _ ھە راسىت ! مەن ئوردىنىمنى ئۇخلاش كىيىمىمدىن چىقىرىۋىلىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ئەمەسمۇ! تىرە كىسىلى بىمار؛ _ دوختۇر، پۈتۈن بەدىنىم قىچىشىپ كىتىۋاتىدۇ، قانداق قىلسام بولار؟ دوختۇر؛ _ سىز ئەتىر سوپۇن بىلەن يۇيۇپ سىناپ باقتىڭىزمۇ؟ بىمار؛ _ئەلۋەتتە يۇيۇپ باقتىم، بىراق يۇيۇنۇپ بولۇپ بىر ئايدىن كىيىنلا ، يەنە قىچىشىپ بولمايدۇ. كەسپى تەتقىقات... ئارام ئىلىۋاتقان ئىككى يانچۇقچىدىن بىرى كىيىم-كىچەك ژۇرنىلىنى كۆرۈشكە باشلاپتىكەن ، ھەمراھى ئۇنىڭدىن سوراپتۇ؛ _ئەمدى قانداقسىگە كىيىم-كىچەككە قىزىقىپ قالدىڭ؟ _ئەلۋەتتە ، مەن بۇ يىل مودا بولىۋاتقان كىيىم- كىچەكلەرنىڭ يانچۇقىنىڭ نەگە لاھىيەلەنگەنلىكىنى تەتقىق قىلىۋاتىمەن. بايىلا دەم ئىلىشقا چىققان بىر يىگىت ئۇزۇن ئورۇندۇقتا ئارام ئىلىۋاتقان بىر بوۋاينىڭ دولىسىغا ئۇرۇپ تاشلاپ، ئۇ بوۋاينىڭ ئىڭرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپلا، ئارقا -ئارقىدىن ئەپۇ سوراپتۇ، بوۋاي پەيلىدىن يىنىپ ھىلىقى يىگىتكە قاراپ؛ _ بۇنىڭغا سەن ئەيىپلىك ئەمەس، مەن بايىلا دەم ئىلىشقا چىققان ئادەم، _دەپتۇ، ھىلىقى يىگىت؛_ سىز ئىلگىرى نىمە ئىش قىلاتتىڭىز؟ _ قەبرىستانلىققا قارايتىم....... ئاسان قولغا كەلمەسلىك.. ئاتىسى؛ _سەن پۇل خەجلەشنىلا بىلىسەن، پۇلنىڭ ئاسان قولغا كەلمەيدىغانلىقىنىمۇ بىلەمسەن؟ ئوغلى؛ _ نىمىشقا بىلمىگۈدەكمەن، ھەر قىتىم پۇل بەرگەن چىغىڭىزدا بىر قىتىم تەنبىھ بىرىسىزغۇ.. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mamatjan005 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-14 21:46
|