ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر تاغدىن-باغدىن قەشقەر كىشىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى...
كۆرۈش: 158|ئىنكاس: 3
go

قەشقەر كىشىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى...

توردا
236سائەت 
نادىر تېما
دوست
33 
يازما
2148 
تېما
263 
يوللانغان ۋاقتى 2011-4-14 00:32 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

قەشقەر كىشىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى...

مىزاجى؛ قەشقەردە دەريا ۋە ئۆستەڭلەر خوتەننىڭكىدىن كۆپ ، قۇرغاقچىلىق خوتەننىڭكىدىن نىسپەتەن تۆۋەن، زىرائەت مىۋە-چىۋە كۆكتاتلارنىڭ تۆت چوڭ ماددا ئىچىدىكى ، ئوت ۋە ھاۋانىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرىشى خوتەننىڭكىدىن نىسپەتەن يۇقىرى.
كىشىلەرنىڭ مىزاج تەرتىپى ؛ قۇرۇق ئىسسىق، ھۆل سوغۇق، ھۆل ئىسسىق، قۇرۇق سوغۇق، ئومومەن قەشقەر كىشىلىرىدە قۇرۇق ئىسسىق ۋە ھۆل ئىسىق مىزاجلىق كىشىلەردە بولىدىغان خۇسۇسىيەتلەر گەۋدىلىك.
خىلىتى؛ ئىستېمال خاھىشى، بەدەن سۈپىتى، روھى ھالىتى، ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئاساسلانغاندا ، قەشقەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ خىلىت تەركىبى ؛ سەپرا، قان ، بەلغەم، سەۋدا.
چىراي-شەكلى؛ قەشقەر ئۇيغۇرلىرى بەستىلىك، ساقال-بۇرۇتلۇق كىلىدۇ. بىشى يۇمۇلاق، بۇغداي ئۆڭ، سوقىچاقيۈز، بۇرنى ئوتتۇرا ھال كەڭ، لېكىن، ئېگىز، چاچلىرى قارا، قوي كۆزلۈك، ئايرىملىرى قارا كۆز، ئەگىمە قاش، تىرىسى قىزغۇچ، ۋەسىلىق بولۇپ، ئومومەن چىرايلىق كىلىدۇ، كۆزى چاقناپ تۇرىدۇ.
مېڭىغش-تۇرىشى؛ قەشقەر كىشىلىرى ماڭغاندا سۈپىتىىنى ساقلاپ ماڭىدۇ، ئەتراپقا نەزەر سالغاچ ماڭىدۇ، كۆرۈشكەندە قولىنى چىڭ سىقىپ كۆرىشىدۇ، ئاياللىرى يۈزىنى يۈزىگە تەككۈزۈپ كۆرىشىدۇ.
كىيىنىشى؛ قەشقەر ئۇيغۇرلىرى كىيىمنىڭ ئۆز سالاھىتىنى ئىپادىلىشىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ، كىيىملىرىنىڭ زاپاس بولىشىنى تەكىتلەيدۇ،ئىلگىرى يەكتەك ۋە ئەتلەس كىيىم ئاساسىي ئورۇندا تۇراتتى، ھازىر يىڭى ۋە زامانىۋى كىيىم ئوموملاشماقتا.
يېمەك- ئىچمىكى؛ يىمەك -ئىچمەك جەھەتتە قەشقەر ئۇيغۇرلىرى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ دىيىشكە بولىدۇ، تاماق تۈرلىرى ، مىۋە تۈرلىرى، كۆكتات خىللىرىدىن ئۇيغۇرلار ئىستىمال قىلىدىغان يىمەك -ئىچمەكلەردىن ھەممىسى دىگۈدەك ئۇچرايدۇ، ئاساسىي تاماقلاردىن پولو، كاۋاپ، قاتلىما، ئۈگرە، نارىن چۆپ، پەرمۇدە، ھورنان... قاتارلىقلار. كۆكتاتلاردىن سەۋزە، چامغۇر تەرخەمەك ، قىزىلمۇچ قاتارلىقلار كۆپ ئىشلىتىىدۇ. مىۋىلەردىن ئۆرۈك، ئانار، ئەينۇلا، ئۈجمە، ساپتۇل ، ئۈزۈم قاتارلىقلار، چاي ئىچىش قەشقەردە ئوموملاشقان. ئەنئەنىۋى يىمەكلىكلەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ.
قىممەت قارىشى؛ قەشقەر ئۇيغۇرلىرى ئەمەلىي قىممەتكە ئەھمىيەت بىرىدۇ،مەنپەئەت ۋە ھىساباتنى ھاياتلىق ئەندىزىسى دەپ قارايدۇ، سەلتەنەت ۋە ئابروي چۈشەنچىسى چوڭقۇر ، سالاپەتلىك يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. گىرىمگە ئەھمىيەت بىرىدۇ، ئۆلىما ۋە ھۈنەرۋەن كىشىلەرگە ئامراق، بۆسۈپ چىقىشنى ياخشى كۆرىدۇ، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ، تىجارەت ئىشلىرىغا مايىل، باشقا يۇرىتلارغا بىرىپ پۇل تىپىپ ياخشى ياشىيالايدۇ، ئۆزىنى باشقىلاردىن ئەقىللىق ھىساپلايدۇ، جانلىق، پائالىيەتچان بولۇپ، سۆزدە ماھىر، ئەمما ئەمىلىي ھەركىتىنى ئويلاپ ھىساپلاپ قالىدۇ، باشقىلارنى ئىشقا سىلىشقا ماھىر، ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، لىكىن ھەشەمەت ۋە شۆھرەتپەرەسلىككە بىرىلدۇ.
كۈندىلىك پائالىيىتى؛ دىھقانچىلىق ، تىجارەت، سودا-سانائەت، خىزمەتكە بىرىش كىلىش، ئۈلپەتداشلىق.
سالامەتلىك كۆرسەتكۈچى؛ ئەتىيازدا ھەر خىل جىسمانى كىسەللىكلەر ئاسان قوزغىلىدۇ، قان بىسىمى ، بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇش، ھەزىم ئەزالىرىغا ئائىت كىسەللىكلەر نىسپەتەن كۆپ كۆرىلىدۇ.
كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزلەر؛ سۆزنى دانە-دانە ۋەزنىلىك قىلىدۇ، باشقىلارنى ئاسان قايىل قىلىدۇ،ئۆتكۈر ۋە ئوخشىتىش ۋاستىلىرىگە تولغان بولىدۇ ، تىچلىقمۇ، ئوبدانمۇ، سىلى، قايلاڭلا، ھاجىم، بەلەنمۇ يا، نېمە دەيسەن، ماڭەۋە ئاداش، خۇدايىم بۇيرىسا...
مەنبە؛<<ئەينەك>> ناملىق كىتاپتىن ئىلىندى.

توردا
176سائەت 
نادىر تېما
دوست
41 
يازما
1753 
تېما
252 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-14 13:49 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنمۇ قەشقەردىن. بۇ تىمىنى كۆرۇپ بەكلا خوش بولىدۇم .ھەمدە ئۆزۈمنىڭ قەشقەرلىك ئىكەنلىكىمدىن بەكلا پەخىرلەندىم .

توردا
284سائەت 
نادىر تېما
دوست
49 
يازما
1354 
تېما
79 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-14 23:23 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنمۇ ھەم قەشقەردىن.قەشقەرلىكلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بىزگە چۈشەندۇرگەنلىكىڭىزگە كۆ پ رەھمەت قىرىندىشىم.

توردا
211سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
353 
تېما

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-15 17:00 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەزى يەرلىرى تازا مۇۋاپىق كەلمەپتىمۇ -نىمە ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-21 11:14

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.