- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-4-11
- تىزىملاش
- 2010-4-12
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 62سائەت
- جۇغلانما
- 448
- نادىر تېما
- 2
- يازما
- 54
- تېما
- 22
- توردا
- 62سائەت
- نادىر تېما
- 2
- دوست
- 1
- يازما
- 54
- تېما
- 22
|
ئۇنىمۇ دېدۇق،بۇنىمۇ دېدۇق،تېممۇ يازدۇق،ئنكاسمۇ يازدۇق،مۇنداق ئىش بولدى قاراڭ.تۆنۈگۈنكى سەھىيە ئىدارسنىڭ باشلقنىڭ بادام دوپپىسى بار ئىدى،بۈگۈنكىنىڭ بولسا كۆز ئەينىكى بار،فىرانسىيەدە ناخشا ئوقۇسام گىرمانىيەلىكلەر يىغلاپ تاشلاپتۇ،جۇگىلياڭمۇ ئەسلى بىزنىڭ مەھەللىك ئىدى،تۈگمەنچى ئىدى،سېكىرتاردىن 3 يىلدا 11 نى ئالماشتۇردۇق،چاغاندا بەك ئالمىىشىدۇ،مەكتەپتىكىلەر نىمىشقا قاينايدۇ،بىر قىزنى ئالاي دىسەم قىرى دەپتۇ،لازا ئۇرىقىنى مەجبۇرى تاڭدى،دېھقان ئالمىسا يەرنى تارتىۋالىدۇ،دىبادا يالغۇز قىزلار يوق،ھاراق دىگەننىمۇ قىزلار ئىچىۋاتسا بىزگە نىمە تۇرۇش،تىراكتۇر چىقىپ كالا يەر ھەيدەشتىن ئازات بولدى،ئوغۇت ساختىمۇ ياكى يەردىن ھوسۇل چىقمامدۇ؟نىمىشقا بانكىغا قەرز بولىمىز،مەنغۇ بىر سەھرالىق،بىنا ئۆيگە تويماپسىز،قاتناش ساقچىسىنىڭ جەرىمانىسى ئىغىركەن،دوپپا بىلەن ياغلقنىڭ بازىرى كاسات،چاپاننىڭ تۈگمىسى قىنى،بۇرۇن ئۆيىمىزدە قارلىغاچ ئۇۋا تۇتاتتى،ھازىر پاختەك ئۇۋا تۇتىدۇ(خوتۇندىن قورقىدىغانلارنى پاختەك دەيمىز)دەريالار قۇرۇپ يەرنىڭ سۈيىنى ۋاقتىدا قويالماي بۇغداي سولىشىپتۇ،دادامغۇ ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ئۆلۈپ كەتكەن،سىز-مەن-ئۇ-ھەممىمىز ئۆلۈپ كىتمىز،بالىڭىزنىڭ سۈت چىشى چۈشۈپ كىتپتۇ،ئوتۇن قالاپ ئەتكەن تاماق بەك تەملىك،قويدىن ئىت ئەتىۋارغۇ ھازىر،بىرىنى نىمىشقا سىزنى سۆيىمەن دەيمىز،ئەسلى بىزگە دىيىشى كىرەك،ماشۇ شىم-كاستىيۇم دىگەننى ئەرلەر كىيدىغان،بىزمۇ بوش ئەمەستۇق،لىكىن مىجەزىمىز بوشاپ قالدى،ھەي باللار تاماقتا قۇۋۋەت يوق دەيمە،ساقال قويغان گۇناھمۇ،جايناماز خارلانمىسۇن،بىر مۇنداق دىدى،ئۇ ئىمام ئاخۇن دىدى،
قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى 4تۈرلۈك بولىدۇ،
1- بەندىلەرنى يەر يۇتۇشقا باشلىغاندا،
2-ھاراق-شاراپلار ئاشكارا ئىچىلىشكە باشلىغاندا.
3-ئاياللار يىپەكتىن كىيىم كىيىپ يوتىسى بىلەن بىلكىنى ئوچۇق قويۇپ ماڭغاندا،
4-ئەرلەر بىلەن ئەرلەر،ئاياللار بىلەن ئاياللار زىنا قىلغاندا،
خوش بۇنىڭىدىن ئارتۇق يەنە قانداق ئالامەت لازىمكىن،بالىنى تەربىيلەشكە كۆڭۈل بۆل،مۇنداق بىر ھېكىمەتنى سۆزلەپ بىرەي،
----بىر كىشى بىر دانادىن سوراپتۇ،
--ھەي دانا بالىنى قاچاندىن باشلاپ تەربىيلەش كىرەك؟
--دانا دىدىلەر،
--بالاڭ قانچىلىك بولدى؟
--ئالتە ئايلىق؟
--دانا دەپتۇلەركى؛
--ئالتە ئاي كىچىكىپسەن تەربىيلەشكە،
مانا شۇ ئەمەسمۇ،10 كويغا ئىشلەپ 20 كوي خەجلەيمىز-دە بىز،قىزمنىڭ چىچىنى يەنە بۈدۈر قىلدۇردۇم،ئتنىڭ كىيىدىغان ئايىقى بالامنىڭ ئايىقىدىن قىممەتكەن،بىر قاچا ئاش ئىلىشقا رازى ئەمەسكى بىر قاپ تاماكىغا رازى بەزىلەر،قىشمدا تۇرۇپ نىكاھ ئوقۇتمىغان بىرىنى سۆيۈپ قويدى،كىيىن ياتاققا ماڭدى،مانا بۇ بىز ئىدۇق،جىنايەتچىگە جازا بىرش توغىرىغۇ،پۇل بىلەنمۇ يەڭگىللەتكىلىمۇ بولىدىغۇ،ھەي بۇندىن 16يىل بۇرۇن تاكسىغا چىققانتۇق،نەۋرە ئاكام دېھقان ئىدى،پۇتىدا لاتا خەي بار ئىدى،تاكسى شوپۇرى ئۇنى ماشىنىنى مەينەت قىلما،دەپ لاتا خەينى قولىغا ئەپبەردى،ئاكام پايپاق بىلەن ئولتۇردى،ھازىرچۇ بىشڭنى قاشلاي دەپ قولۇڭنى كۆتۈرسەڭمۇ تاكىسىدىن 8ى توختايدۇ،بىر چاغلاردا شەھەرلىك تۇققىنىمىز چىقسا بەك خوش بولاتتۇق،ئىشەك ھارۋامنى قاتاتتىم-دەئۇلارنى ئاچىقىپ يىدۈرۈپ-ئىچكۈزۈپ يەنەئىشەك ھارۋام بىلەن ئەكىرىپ قوياتتىم،مانا بۇ مىنڭ بەختىم ئىدى،مەھەللىگە شەھەرلىك تۇققىنمنىڭ قىزى بىلەن بىللە چىقىدىغان بولسام ئالامەت پوچى بوپ كىتەتتىم،مۇھەببەتلەشسە بىرىنچى بوپ نىمە ئىش قىلدۇ؟ھەي قانداق زامان بوپ كەتتى ھازىر،ئۇندىن كىپەك قىممەت،بۇغدايغا يەنە ئەمەن چىقىپتۇ،دىمەك بۇ يىلمۇ يەنە ھوسۇل كەم،ھىسامكام سالامەت تۇرغاندۇ؟ياخىشى ئادەم جۇمۇ،تورخانىدىكى قىز تاماكا سورىدى مەندىن،مەن بەردىم،چۈنكى ھاجەتمەننىڭ ھاجىتىدىن چىقىش بۇ بولىدىغان ئىش،كىين ئىسممنى ،تىلفۇن نۇمۇرۇمنى سورىدى،ئاندىن 200كوي بەرسىڭىز ياتاققا دەيدۇ،سىزگە ئۇچىرىمىدىمۇ،بىې غىتمەك يىغلاپ تاشلاپتۇ،پۇشايمان قىلغان ئوخشايدۇ دىسەم،سەۋەبى ھازىرقى ئەرلەر ئۇنىڭغا ئۆچ بوپ قاپتىمىش،بىر سائەت دەرس ئۆتكەن ئوقۇتقۇچى 3 سائەت تەييارلىق قىلىدۇ،ئەمما سىناق ئالسا بىر ئوقۇغۇچى 60 ئالالمايدۇ،مانا بۇ بىزنىڭ ئۇيغۇر مائارىپى،مۇنداق بر ئىش بوپتۇ،
خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇپ كۆپلىگەن بىلمگە ئىگە بولغان بىر تالانىتلق ئۇيغۇرياشنى بىر فىرانسىيەلىك شىركىتىگەخىزمەتكە تەكلىپ قىپتۇ،يۇقۇرى مائاش بىلەن،يىگىت ماقۇل بوپتۇ،ئەمما توختامغا ئىمزا قويىدىغان چاغدا بۇ تالانىتلق ئۇيغۇرىمىز ئىسمنى خەنزۇچە يىزىپتىكەن،فىرانسىيەلىك ئۇ توختامنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇپتۇ،سەۋەپ:ئۆز ئانا تىلىدا ئىسمنى يازالمىغان،ھەم ئۆز يىزىقىنى چۈشەنمىگەن ئادەم فىرانسيەلكىنى چۈشنەمدۇ؟-دەپتۇ،
مانا تىل -يىزىقىمزىنىڭ مۇھىملقنى چۈشەنگەنسىز،شىمالى شىنجاڭدابىزنى ئالتە شەھەرلىك دەيدۇ،بۇمۇ توغىرىغۇ،خاپا بولمىغانسىز-ھە؟ئېتىزلقنى كۆرمەي دېھقان باي،ھاللىق سەۋىيگە يەتتى دەۋەرمەڭ،بىر شەھەرلىك ماڭا مۇنداق دىدى،
--يېرىڭىزنى ساتسىڭىز ئالاتتىم،
--نەچچە بىرىسىز،
--مولقىغا 3000كوي،
--ياق،يەر ساتقىچە قوڭ ساتىمەن،ئالامسىز؟
ئۇ خاپا بوپ كىتىپ قالدى،يەر بولمىسا بىز يەر تىرىمغانلارنى قانداق باقىمز،يۇقۇردىن ياردەم دىگەن ساماندك كىلىدۇ،تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئىلش ئۈچۈن بىر-بىرىنى شۇنداق تىللاپ سەتلەشتىكى ئاخىرى ئىككلىسىگە كەلمىدى،ما بىزنىڭ يەكەنگە تۆمۈر يول كەلدى،قاتناش راۋانلاشتى،بىز خوش بولدۇق،يولغا چىقىپ كەتكەن ئۆي ھەم تىرىلغۇ يەرگە ھۆكۈمەت پۇل بەرگەن ئىدى،
بىر ھىجقىز ئىت ئەمگەن سولامچى دادىسىنىڭ تىپىدىن ئەرز قىلدى،دادام بىلەن پۇلىمىز ئالمىشىپ قاپتۇ،
--دادامغا ئەسلى240مىڭ كوي كىلەتتى،ماڭا 260مىڭ كوي كىلەتتى،شۇڭا دادام بىلەن مىنىڭ پۇلۇمنى ئايرىپ بەرسەڭلار،
--دادا كىمنىڭ؟
--مىنىڭ،
--شۇنداق بولسىمۇ داداڭنىڭ تىپىدىن ئەرز قىلساڭ بولمايتتى،داداڭنىڭ ئەجىرىنى بىلەمسەن؟
--بىلمەن،ئەمما خوتۇنۇم ئۇنمىدى،
مانا بۇ بىز غۇ،ئىسپات دىگەن تۇرۇپتۇ،يەنە جىق مىسال كەلتۈرەيمۇ،توۋا قىز لازىم بولسا تېلېفۇن قىلىڭ دەيدۇ.يەكەننىڭ ياتاقلىرى پاھىشخانا بوپ قالدى،ئامال يوق دەيمىز-دە،
سىكىرتار مىنى توۋلاپ قالدى،ھىيتنىڭ بىرىنچى كۈنى،
--بورىناخۇن،شوپاڭغا كىرىپ چىقايلى،
--توۋا دىسىلە،بۈگۈن ھېيتنىڭ تۇنجى كۈنى تۇرسا،ئۇرۇق-تۇققان،ئەل-جامائەت،يىتىم-يىسر،مەھەللە-چاقانى يوقلىمامدۇ؟
--قىززىق گەپ قىلىدىكەنسىلەر،ئاشۇ شوپاڭدىكى قىزلارمۇ ئۇيان-بۇياندىن كىلىپ ھېيت كۈنى ئۆيگە بارالماي غىرىپسىنمامدۇ؟ئۇلارمۇ بىزنىڭ مىللىتمىزغۇ؟ئۇلارنىڭ ھېيتتا بارغۇدەك يىرى يوق،كۆڭلى غەش،شۇلارغا تەسەللى بەرمىسەك بىزنىڭ مىھىرىبانلقىمىز نەگەكەتتى؟سىللمۇ ئۇنى-بۇنى دىگەن بىلەن كاللاڭلار ئىشلىمەيدىغان پوقۋاشكەنسىلە،
--ئەمىسە خوتۇنىڭىزنمۇ توۋلاڭ،بىللە كىرەيلى،
تارس قىلغان ئاۋاز بىلەن تەستەك يۈزۈمگە تەگدى،مەنمۇ خىلى گۇمپا بىلەتتىم،شۇنىڭبىلەن مۇشۇ تاز كاللام بىرنى ئۈسۈپ ئۆرىۋەتتىم،ئەتىسى جەرىمانە تۆلىدىم،مۇشۇ قۇربان ھىيتتا بولغان ئىشقۇ-بۇ،قانداق ھېيتنى شۇنداق ئۆتكۈزەلەيدىغاندىن يەنە كىم بار؟مەن سىزگە دەپ قوياي،دېھقاننىڭ ھەققىنى يىگۈچە خوتۇن قىزىڭىزنى سىتىپ يەڭ،مۇناپىقلار،بەشۋاق ناماز ئوقۇپ تۇرۇپ كىشنىڭ ھەققىگە قارا سانىماڭ،
كىينكى تىما---ساقالنى نىمىگەقويدىڭىز؟
ئۇ شۇنداق دىدى-دەئورنىدىن دەس تۇرۇپ--ھەممىڭ يوقال؟ئىشڭ يوقمۇ؟مىنىڭ يىنمدا پوق بارمۇ؟--دەپلا كىتىپ قالدى،
مەنبە:تاز كاللام،بوران114(يەكەن چارىباغ)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا summayya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-10 00:41
|
|