قۇسۇشنىڭ رولى قۇسقان ۋاقىتتا ئادەم ناھايىتى بىئارەم بولسىمۇ ، لېكىن بۇ خىل<<بىئاراملىق >> نىڭ ئەكىس تەسىرى بەزىدە كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ ئ قۇسۇش بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ياشاشقا ماسلىشىش ئىقتىدارىمىزنىڭ بىرى بولسا كېرەك . ئەگەر سىز بەزىدە بۇزىلغان يېمەكلىكلەرنى ياكى زەھەرلىك نەرسىلەرنى يەپ قالسىڭىز ، ئۇ ھالدا قايسى ىىل ئۇسۇل بەدىنىڭىزدىكى بۇ نەرسىلەرنى ئۆزلۈكىدىن بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتەلەيدۇ . قۇسۇش ئىنكاسى قوزغالغاندا ئۇنى ئاسانلىقچە توختىتىپ قالغىلى بولمايدۇ . ئاشقازاندىكى مۇسكۇللارنىڭ بوشىشىشى _ كىچىك ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشى بۇ خىل چۈچۈمەل شىلىمشىق ماددىنى ئاشقازان ئىتتىىپ كىرگۈزىدۇ . ئاندىن ئاشقازانغا ئىتتىرىپ كىرگۈزىدۇ . ئاندىن ئاشقازان مۇسكۇلى قىسقىراپ ئۇنى قىزىلئۆڭگەچ ئاشقازان بىلەن ئېغىزنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرۇدۇ . ھەزىم قىلىش يوللىرىنىڭ لۆمۈلدىشى ئادەتتە يېمەكلىكلەرنى تۆۋەنگە ئىتتىرىدۇ . لېكىن قۇسۇدىغان چاغدا ئەكىسچە بولىدۇ . يەنى قىزىلئۆڭگەچ بوشىشىپ ئېغىزغىچە ئىتتىرىپ چىقىرىلىپ قۇسۇشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىۇ .
تازلىق ئۆيىدىكى فار اور بۇيۇملىرىنىڭ دېتىن ...
مەنبە _ << ئائىلە ۋە ساغلاملىق > >
فارفور بويۇملار ئادەتتە داتلاشمايدۇ . ئەمما بىنالارنىڭ تازىلىق ئۆيىدىكى فارفور دىن ياسالغان يۇز يۇيۇش دېسى ، ۋاننىسى ،ھاجەتخانا تەرەت قاچىسى قاتارىقلارغا ئىشلىتىش ۋاقىتنىڭ ئۇزرىشىغا ئەگىشىپ ، پولات تۇربىنىڭ قوڭۇر دېتى سۇ بىلەن بىللە كېلىپ ئورنىسىپ قالىدۇ . بۇنى چىقىرىش ئۈچۈن مۇۋاپىق مىقداردىكى تۇزنى ئوخشاش مىقداردىكى ئاچچىقسۇغا قوشۇپ ، ئازراق قىزدۇرۇپ ، ئارلاشتۇرغاندىن كېيىن ، لاتىنى ئۇنىڭغا تويۇنغىدەك چىلىۋىلىپ ، ئۇنى دات ئۈستىەە 20 ~ 30 مىنۇت يېپىپىپ قويۇپ ، ئاندىن يىرىك رەخىتنى تۇز ، ئاچچىقسۇ ئېرىتمىسگە چىلاپ ئېلىپ كۈچەپ سۈرتكەندە ، بۇداتلارنى چىقارغىلى بولىدۇ .
مەنبە _ << كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئەپچىل چارىلەردىن >> گۈرۈچ سۈيىدە دات چىقىرىش
چۆمۈچ ، قىڭراق قاتارلىق ئاشخانا سايمانلىىرىنى داتلىشىپ قالغاندا ، قويۇقراق گۈچۈچ سۈيىگە چىلاپ قويۈلسا ھەم داتلىشىشنىڭ ئالدىنى الىدۇ ھەم دات چىقرىدۇ . مەنبە - كۈندىلىك تۇرمۇستىكى ئەپچىل چارىلەر ناملىق كىتابتىن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-4 14:09
|