ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر خەۋەرلەر دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل خانىش
كۆرۈش: 509|ئىنكاس: 2
go

دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل خانىش

Rank: 8Rank: 8

توردا
222سائەت 
نادىر تېما
دوست
14 
يازما
299 
تېما
71 

شەرەپلىك ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-4 00:07 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش


ئوتتۇرا شەرق خان جەمەتى نېفىتتىن ئىبارەت دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جان تومۇرىنى توتۇپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن،بايلىقى ئۈزۈلمەيدۇ. ئەرەپ ئەللىرىدە ئەرلەر باش بولىدۇ، ئاياللار قانچە ئىقتىدارلىق، چىرايلىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قارا چۈمپەردىنىڭ كەينىگە چىڭ ئورالغان بولۇپ، ھاياتى كۈچى چۈمپەردىنىڭ تۆشۈكلىرىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان قاپقارا كۆزلىرىدىنلا ئىپادىلىنىدۇ. ئەگەر بۇنى قائىدە-يوسۇن دېيىلسە، ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرەلەيدىغان شۇنداق بىر گۈزەل ئايال دۇنيانىڭ ئەرەپ ئاياللىرىغا بولغان بىرتەرەپلىمە قاراشلىرىنى ئۆزگەرتتى. ئۇ «دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل،ئەڭ لاتاپەتلىك خانىش» دەپ نام ئالغان ئىيوردانىيە ھاشىم خاندانلىقىنىڭ ھازىرقى خانىشى ــــ ئابدۇللانىڭ ئايالى: رانىيە. 



دەل مۇشۇ ھۆسنى جامالى تەڭداشسىز ئىيوردانىيە خانىشىغا تېرىسىنىڭ سۈزۈكلىكى، ئېسىل لاتاپىتى، تاتلىق سىپايە كۈلكىسى، يۇلتۇزدەك يالتىراپ تۇرغان قارا كۆزلىرى قوشۇلسا...... ئىنساننىڭ ھەممىسى ھەيران بولۇپ، بۇ ئايال بەك چىرايلىق، بەك گۈزەلكەن دېيىشىدۇ! قىزىقارلىقى شۇكى، خانىش باشقا ئەرەپ ئاياللىرىدىن بەكلا پەرقلىنىدۇ، ئۇ پادىچى ئىشتېنى، ئىگىز پاشىنىلىق ئاياق كېيىپ، قۇيۇق، پارقىراق، قوڭۇر كەلگەن ئۇزۇن چاچلىرىنى قويۇۋىتىشكە ئامراق بولۇپ، بۇ مۇرەككەپ، رەڭدار دۇنياغا تەبەسسۇم بىلەن قارايدۇ.



ئۇ مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ زامانىۋى تەرىپىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ، غەرپ ئەللىرىنىڭ بىر تەرەپلىمە قاراشلىرىنى ئۈزۈل-كېسىل ئاغدۇرۋەتتى. رانىيە، ئامېرىكا «دەۋر» ھەپتىلىك ژورنىلى، ئىتالىيە «مودا»ژورنىلى قاتارلىق داڭلىق ژورناللارنىڭ مۇقاۋىسىغا چىقىرىلغان. ھەتتا غەرب ئەللىرى ۋاستىلىرى ئۇنى جاكىلىن كېننىدى، دىئاننا بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويغان. ئۇنى يەنە «ئەرەپ دۇنياسىنىڭ دىئانناسى» دەپ ئاتىغان.



گەرچە ئىيوردانىيە ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى زېمىنى 90 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى ئارانلا ئالتە مىليون كېلىدىغان كىچىك دۆلەت بولسىمۇ، شاھزادىنىڭ ئەركىن مۇھەببەتلىشىپ، كۆڭلىدىكى ئادەمنى خانىش قىلىشى ئۇنداق ئاسان ئەمەس. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئابدۇللا بىلەن رانىيەنىڭ نىكاھى رومانتىك ھىكايىگە ئوخشاش ناھايىتى دراماتىك. ئەگەر بېشىدىلا سالاھىيىتىنى ئاشكارىلىغان بولسا، بەلكىم ئىككەيلەن بىر يەرگە كېلەلمەسلىكى مۇمكىن.
1970-يىلى رانىيە پەلەستىنلىك دوختۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ، كۇۋەيتتە چوڭ بولغان. ئۇ تۇغما نازاكەتلىك بولغىنى بىلەن باشقا ئادەتتىكى قىزلارغا ئوخشاش چولپان بولۇشنى چۈشىمەيتتى. ئۇ ناھايىتى رېئال بولۇپ كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇپ، سېستىمىلىق ئالىي تەربىيە ئېلىپ، كەلگۈسىدە بىر باشقۇرۇش ياكى سىياسىي ئىقتىساد نەزەرىيسى جەھەتتىكى مۇتەخەسىس بولۇشنى ئويلايتى. 



رانىيە كۇۋەيىت خەلقئارا مەكتىپىدە ئوقۇغان بولۇپ، ئىنگىلىزچىنى ناھايىتى راۋان سۆزلەيتتى. كېيىن يەنە ئامېرىكا ئۇنىۋېرستىتى قاھىرە تارماق مەكتىپىگە كىرىپ، سودا سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش كەسپىنى ئوقىدى. 1991-يىلى پارس قولتۇقى ئۇرۇشىدىن كېيىن، رانىيە مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، ئۆزى يالغۇز ئىيوردانىيە پايتەختى ئاممانغا بېرىپ، ئالدى بىلەن بىرىنچى گۈللۈك بايراق بانكىسى تارماق بانكىسىدا بىلىم ئاشۇرۇپ، كېيىن ئۇيەردىن چىقىپ، ئالما شىركىتىدە خىزمەت قىلدى. بۇ يەرگە كەلگەندە، ئۇ ناھايىتى ئىقتىدارلىق شەھەر زىيالىيلىرىدىن بولۇپ قالدى.



1993-يىلى 1-ئايدا، بىر قېتىملىق كەچلىك زىياپەتتە رانىيەنىڭ تۇرمۇشىدا ئۈزۇل-كېسل ئۆزگۈرۈش بولدى. كەچلىك زىياپەتتە، رانىيە ئوكىسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قابىلىيەتلىك ئوقۇغۇچىسى ئابدۇللا بىلەن تۇنۇشۇپ قالدى. ئۇ ۋاقىتتا، ئۇ بۇ يىگىتنىڭ ئىيوردانىيە شاھزادىسى ئىكەنلىكىنى بىلمەيتى. تېگى-تەكتىنى بىلگەن تەقدىردىمۇ بەرىبىر ئىدى، ئىيوردانىيە پادىشاھىنىڭ نۇرغۇن ئوغلى بار بولۇپ، ئابدۇللا تەخت ۋارىسى ئەمەس ئىدى. شۇڭلاشقا رانىيە ئۆزىنىڭ بىر كۈنلەردە ئىيوردانىيە خانىشى بولۇپ قىلىشىنى چۈشىدىمۇ ئويلاپ باقمىغان ئىدى.



دەسلىپىدە، ئابدۇللا بەك نەزەرگە ئېلىنىپ كىتىلمىگەن. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ ئۇزاق بولمىغاچقا، تەخىت ۋارىسىلىق ئورنى ئاللىبۇرۇن تاغىسىنىڭ ئىلىكىگە چۈشكەن ئېدى. بۇنداق ئەھۋالدا، ئابدۇللا ئۆز خاھىشى بويىچە مۇھەببەتلەشسە بولاتتى، ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى ئاشىقى ئادەتتىكى ئاۋام خەلق بولۇپ قالدى، يەنە كىلىپ، پەلەستىندىن كەلگەن مۇساپىر ئائىلىسى بولىشىنى ھېچكىم ئويلاپ يىتەلمىگەن ئىدى. ھېلىمۇ ياخشى، ئىيوردانىيە شاھزەدىسى ھوقۇق قاينىمىغا چۆكۈپ كەتمىگەچكە، رانىيەنى قوغلىشىشقا يىتەرلىك زېھنى بار ئىدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئابدۇللا توي قىلىدىغان قىزىنى دادىسىنىڭ يىنىغا ئېلىپ بارغاندا، پادىشاھ ھۈسەيىنمۇ كېلىنىنىڭ ھۆسن جامالىغا قايىل بولغان ئىكەن. بەش ئاي ئىچىدىلا، ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى پورەكلەپ ئىچىلىپ، 22 ياشلىق رانىيە بىلەن شاھزادە ئابدۇللا 1993-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى قولتۇقلىشىپ، نىكاھ سېلىنچىسىدە ماڭدى. بۇنىڭ ئىچىدە كىشىلەر بىلىشكە تىگىشلىك ئىنچىكە تەپسىلاتمۇ بار، ھەيۋەتلىك نېكاھ باشلىنىپ، يېڭى كېلىنگە تاج كىيگۈزۇش كېرەك، لېكىن ئالماس كۆزلۈك تاج تېخى تەييار بولمىغان، قانداق قىلىش كېرەك؟ سىرتتىن ئالماس كۆزلۈك تاجنى ئارىيەت ئېلىشقا توغرا كەلدى.
رانىيە چۈش كۆرگەنگە ئوخشاشلا ئىيوردانىيە شاھزادىسىنىڭ ئايالى بولدى، ئەمما ئۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە خانىش بولۇپ قىلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.



تەغدىر ئۇنىڭغا ئوڭ كۆزى بىلەن قارىدى، ئىيوردانىيە پادىشاھى ھۈسەيىن كۆز يۇمۇش ئالدىدا، تۇيۇقسىز قارارىنى ئۆزگەرتىپ تەختنى ئابدۇللاغا قالدۇردى. بۇنىڭ بىلەن رانىيە ئۆز يولى بىلەن ئىيوردانىيە ھاشىم پادىشاھلىقىنىڭ خانىشى بولدى. بۇ ياش ئايال ناھايىتى تېزلا جامائەتچىلىكنىڭ مۇنازىرە ئوبيىكتىغا ئايلاندى. باشقىلار ئېرىششكە تەشنا ھەشەمەتلىك تۇرمۇش ئۇنىڭغا بېسىم بولۇپ قالدى.



خانىش بولماق ھەقىقەتەن ناھايىتى تەس. راھەت پاراغەتلىك تۇرمۇش، ئويۇن-تاماشىغا بېرىلىش رانىيەنىڭ خارەكتېرى ئەمەس، ئۇ غەربنىڭ سىستېمىلىق تەربىيەسىنى ئالغان ھەم خەلق ئارىسىدىن كەلگەچكە، دۆلەت ئۈچۈن بىر ئىش قىلىپ بېرىشكە يىتەرلىك ئىقتىدارى بار بولۇپ، تويدىن كېيىن رانىيە يولدىشىنىڭ ئۇنى ھەرخىل ئىجتىمائىي ئىشلارغا قاتناشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى. 
ئوتتۇرا شەرق خان جەمەتىمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ قائىدە يۇسۇنلىرىغا دىققەت قىلىشى كېرەك، ئايال كىشى ئەرەپ ئەللىرى ئىچىدە كۆزگە كۆرۈنمەكچى بولىدىكەن، نۇرغۇن توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتىشىگە توغرا كېلىدۇ. ئابدۇللا بۇنىڭغا ياندىن ئىشىك ئىچىپ بېرىپ، ئوردىنىڭ ئىچىدە «ئىيوردانىيە فوندى» ئىش بېجىرىش ئورنىدىن بىرنى قۇرۇپ، رانىيەنىڭ ئارقا ئوردىدا تۇرۇپ، فوندىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئاياللار خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرىشىگە مۇھىت يارىتىپ بەردى. كارخانىلارنى قۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئاشۇرۇشتىن سىرت، رانىيە يەنە خارلاشقا ئۇچرىغان بالىلارغا ياردەم بېرىدىغان مەخسۇس ئاپپاراتنى قۇرۇپ، بالىلار ھوقۇقىنىڭ ئاقلىغۇچىلىقىنى ئۆزى بىۋاستە ئۈستىگە ئالدى.



قارىغاندا، ئىيوردانىيە خانىشىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر سالاھىيەت بۇلۇشتىن سىرت يەنە ناھايىتى تەس بىر خىزمەت بار ئىدى، ھازىر رانىيە كۈچىنىڭ بارىچە ئۆزىنىڭ جەمئىيەتتىكى رولىنى ئۆتەپ كەلمەكتە، ئەرلەر باش بولىدىغان ئەرەپ دۆلىتىدە باش كۆتۈرۈپ چىقارماقنىڭ قانچىلىق تەسلىكىنى دىمىسەكمۇ بىلگىلى بولىدۇ. 
رانىيە تىپىك ھازىرقى زامانچى، ئۇ يېڭىلىقلارغا ئىنتىلىدۇ، ئۇ بىرىنچى بولۇپ ئىنتېرنېت مائارىپىنى ئوتتۇرا شەرققە ئېلىپ كىرگەن. ئۇنىڭدىن سىرت ئۇ ئاياللارنىڭ پارلامېنت ۋە كابىنېتىكى ئورنىنى قولغا كەلتۈردى، ھەتتا خان جەمەتىدىكى باشقا ئاياللار بىلەن بىللە ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان نامايىشتا ئۇنىڭ سىماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.... كىشىنى چۆچىتىدىغان بۇ ھەرىكەتلىرى بەزى مۇتەئەسسىپلەرنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈردى، 2002-يىلىدىكى بىر مەيدان پۇتبول مۇسابىقىسىدە بىرەيلەن ئابدۇللاغا «ئۇنى تالاق قىل!» دەپ ۋارقىرىدى، كىمنى تالاق قىلىدۇ؟ پادىشاھ خانىشنى مەنسىپىدىن قالدۇرامدۇ؟ مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈش چاقچاق قىلغانلىق ئەمەسمۇ. ئابدۇللا بۇنىڭغا ھەرگىز چىدىمايدۇ. 



ھازىر بۇ ئەر-ئايالنىڭ تۆت پەرزەنتتى بار، سىرتتىكىلەرنىڭ قارىشىچە 40قا كېلىپ قالغان رانىيە يەنىلا كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان سالاپىتىنى ساقلاپ قالغان. ھەر خىل ئاشكارا سورۇنلاردا، ئۇنىڭ ئېسىل كىيىملىرى، قاملاشقان سىماسى، كىشىنى جەلىپ قىلىدىغان تەبەسسۇمى مېھمانلارنىڭ ھەممىسىنى قايىل قىلىدۇ. رانىيەنى ھازىرقى زامان ئاياللىرىنىڭ ئۈلگىسى دىيىشكە بولىدۇ. ئۇزۇندىن بېرى، ئۇ ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش يولىدا تەرەپ-تەرەپكە چاپتى. خەيرىلىك ئىشلارنى قىلىپ، باشقىلارغا بەخت ئېلىپ كەلگەن كىشى تەبىئىيلا لاتاپەتلىك كۆرۈنىدۇ. «دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل، ئەڭ لاتاپەتلىك خانىش» ھەرگىزمۇ چىرايىغا تايىنىپلا بۇ شان-شەرەپكە سازاۋەر بولالمايدۇ.
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

Rank: 8Rank: 8

توردا
888سائەت 
نادىر تېما
دوست
150 
يازما
3238 
تېما
480 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-4 10:26 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن ئىسمى - جىسمىغا لايىق - ، دە ... ئەمما ، مىنىڭچە گۈزەللىككە قارىتا ، تاشقى دۆلەتلەرنىڭ ئۈزىنىڭ ئەمەلىي ئىھتىياجى بىلەن يۇرىتىش ئېلىپ بارىدۇ ... بەلكىم ئىھتىياقى تويۇنغان بولۇشى مۇمكىن ، بىزدىكى ئېھتىياج ئىچكى گۈزەللىك ... روھىي گۈزەللىك ...
مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
375سائەت 
نادىر تېما
دوست
19 
يازما
971 
تېما
327 

ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تۆھپىكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-4 10:35 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىزنىڭ دۇنيا قارىشىمىز، مەدەنىيەت سەۋىيەرىمىزنى ئۇلارغا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.شۇڭا بۇخىل ئەھۋال بىزگە غەلىتە تۇيۇلىشى مۇمكىن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-23 21:35

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.