بىر سۇئالمەن 
گۈل ئەمەسمەن سۈنئىي، پۇراقسىز،توپا-چاڭلار قونۇپ تۇرغان، تاڭلا بەش كۈندىن كېيىنلا، ئەخلەت بولۇپ چىرىپ تۇرغان. 
پايانى يوق دەشتە چۆلدە، تامام كارۋان ،چاڭقىغانغا،
بۇلاقتۇرمەن يىگانە بىر ، ئابىي ھايات بېرىپ تۇرغان.
كېچە-كۈندۈز ئەجىرقىلىپ،جەڭگاھدا ياتاريارەنلەر، ساھىپخانمەن زەپەر قۇچقان مىھمانلارغاكۈلۈپ تۇرغان. 
ئادەم سىياق ھايۋانمۇ بار،بولغىن ئاگاھ شۇم پەيلىدىن، بەك بېزارمەن خوشامەتتىن، بەلنى دائىم ئېگىپ تۇرغان. 
قارنى تويماس بۆرە-قاۋان،تۈشمۇ- تۈشتىن كەلسە قىستاپ، بىر ئوۋچىمەن ، قەھرىم بىلەن لەنەت ئوقى ئېتىپ تۇرغان.
تولغۇشۇپ بەل ،ناز كەرەشمەقىلسا ۋىژدان كۆتۈرۈپ، قىلىچى مەن چىنتۆمۈرنىڭ، نومۇسسىزغا تېتىپ تۇرغان. 
غۇۋالىشىپ كەتتى دۇنيا،ئىمان ،نومۇس...سۇس بولغاچ، بىر چىراقمەن خارابلىقتا،لىپ-لىپ قىلىپ يىنىپ تۇرغان.
زاۋال تېپىپ بۇ قىسمەتلەر ،روھىمىزدىن يۈتەرمۇ؟ دەپ، بىر سۇئالمەن پىقىر شەمشى،سانسىز چېكىت قويۇپ تۇرغان. 
مەنبە:يازمام
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yanbulak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-3 20:53
|