ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر قانۇن بىلىملىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نەرسە ھوقۇقى قا ...
كۆرۈش: 25|ئىنكاس: 0
go

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نەرسە ھوقۇقى قانۇنى(211-ماددسىدىن 247)

توردا
27سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
201 
تېما
82 
يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش



211- ماددا قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش مۇددىتى توشۇشتىن بۇرۇن،
گۆرۈ ئالغۇچى گۆرۈ قويغۇچى بىلەن قەرزدار مۇددىتى توشقان قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا گۆرۈ مال- مۈلۈك ھەقدارنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولىدىغانلىقىنى پۈتۈشسە بولمايدۇ.



212- ماددا
گۆرۈ ھوقۇقى گۆرۈ قويغۇچى گۆرۈ مال- مۈلۈكنى تاپشۇرغاندا بېكىتىلىدۇ.



213- ماددا گۆرۈ ئالغۇچى گۆرۈ مال- مۈلۈكنىڭ توغۇندىسىنى ئېلىشقا ھوقۇقلۇق، لېكىن، توختامدا ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن توغۇندىدىن ئالدى بىلەن تۇغۇندى ئېلىش خىراجىتىنى چىقىرىۋېتىش لازىم.



214- ماددا گۆرۈ ئالغۇچى گۆرۈ ھوقۇقى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە، گۆرۈ مال- مۈلۈكنى گۆرۈ قويغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي ئۆز مەيلىچە ئىشلىتىپ، بىر تەرەپ قىلىپ، گۆرۈ قويغۇچىغا زىيان يەتكۈزسە، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.



215- ماددا
گۆرۈ ئالغۇچى گۆرۈ مال- مۈلۈكنى ئوبدان ساقلاش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ئوبدان ساقلىماي، گۆرۈ مال- مۈلۈكنى زىيانغا ئۇچراتسا، يوقىتىۋەتسە، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

گۆرۈ ئالغۇچىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ گۆرۈ مال- مۈلۈكنى زىيانغا ئۇچرىتىش، يوقىتىپ قويۇش ئېھتىمالى بولسا، گۆرۈ قويغۇچى گۆرۈ ئالغۇچىدىن گۆرۈ مال- مۈلۈكنى ساقلاشقا بېرىشنى تەلەپ قىلسا ياكى قەرزىنى ئالدىن ئۈزۈشنى ھەمدە گۆرۈ مال- مۈلۈكنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.



216- ماددا جاۋابكارلىقنى گۆرۈ ئالغۇچىغا ئارتقىلى بولمايدىغان سەۋەب تۈپەيلىدىن، گۆرۈ مال- مۈلۈك زىيانغا ئۇچراپ ياكى ئۇنىڭ قىممىتى روشەن دەرىجىدە چۈشۈپ كېتىپ، گۆرۈ ئالغۇچىنىڭ ھوقۇقى خەۋپكە ئۇچراش ئېھتىمالى پەيدا بولغاندا، گۆرۈ ئالغۇچى گۆرۈ قويغۇچىدىن مۇناسىپ كېپىللىك بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ گۆرۈ قويغۇچى كېپىللىك بەرمىسە، گۆرۈ ئالغۇچى گۆرۈ مال- مۈلۈكنى كىمئارتۇق قىلىپ ساتسا ياكى سېتىۋەتسە ھەمدە گۆرۈ قويغۇچى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، كىمئارتۇق قىلىپ سېتىپ، سېتىۋېتىپ تاپقان پۇلدىن قەرزنى ئالدىن ئۈزدۈرسە ياكى ئۇ پۇلنى ساقلاشقا بەرسە بولىدۇ.



217- ماددا
گۆرۈ ئالغۇچىلاردىن گۆرۈ ھوقۇقى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە گۆرۈ قويغۇچىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي، قايتا گۆرۈ قويۇپ، گۆرۈ مال- مۈلۈكنى زىيانغا ئۇچراتقان، يوقىتىۋەتكەنلىرى گۆرۈ قويغۇچى ئالدىدا تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.



218- ماددا گۆرۈ ئالغۇچى گۆرۈ ھوقۇقىدىن ۋاز كەچسە بولىدۇ. قەرزدار ئۆزىنىڭ مال- مۈلكىنى گۆرۈ قويغاندا گۆرۈ ئالغۇچى شۇ گۆرۈ ھوقۇقىدىن ۋاز كەچسە، باشقا كېپىللەرنىڭ كېپىللىك جاۋابكارلىقى گۆرۈ ئالغۇچى ئالدىن تۆلىتىۋالالمىغان ھوقۇق- مەنپەئەت دائىرىسىدە كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، لېكىن، باشقا كېپىللەردىن يەنىلا كېپىللىك بېرىشكە ۋەدە قىلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.



219- ماددا
قەرزدار قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلسا ياكى گۆرۈ قويغۇچى كېپىللىك ھەقدارلىقىنى ئالدىن ئۈزسە، گۆرۈ ئالغۇچى گۆرۈ مال- مۈلۈكنى قايتۇرۇپ بېرىشى لازىم.

قەرزدار مۇددىتى توشقان قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا ياكى ئالاقىدارلار پۈتۈشكەن گۆرۈ ھوقۇقىنى ئالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلگەندە، گۆرۈ ئالغۇچى گۆرۈ قويغۇچى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، گۆرۈ مال- مۈلۈكنى باھاغا سۇندۇرسا بولىدۇ، گۆرۈ مال- مۈلۈكنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىپ، سېتىۋېتىپ تاپقان پۇلدىن ئالدىن تۆلىتىۋالسىمۇ بولىدۇ.

گۆرۈ مال- مۈلۈكنى باھاغا سۇندۇرۇشتا ياكى سېتىۋېتىشتە، بازار باھاسىدىن پايدىلىنىش كېرەك.



220- ماددا
گۆرۈ قويغۇچى گۆرۈ ئالغۇچىدىن قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن گۆرۈ ھوقۇقىنى ۋاقتىدا يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ گۆرۈ ئالغۇچى يۈرگۈزمىسە، گۆرۈ قويغۇچى خەلق سوت مەھكمىسىدىن گۆرۈ مال- مۈلۈكنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشنى ۋە سېتىۋېتىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

گۆرۈ قويغۇچى گۆرۈ ئالغۇچىدىن گۆرۈ ھوقۇقىنى ۋاقتىدا يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغاندا، گۆرۈ ئالغۇچى ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە سۇسلۇق قىلىپ زىيان پەيدا قىلسا، گۆرۈ ئالغۇچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.



221- ماددا
گۆرۈ مال- مۈلۈك باھاغا سۇندۇرۇلغان ياكى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلغان، سېتىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ پۇلىنىڭ ھەقدارلىق سوممىسىدىن ئاشقان قىسمى گۆرۈ قويغۇچىنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، كەم قىسمىنى قەرزدار ئۈزىدۇ.



222- ماددا
گۆرۈ قويغۇچى بىلەن گۆرۈ ئالغۇچى كېلىشىم تۈزۈپ، ئەڭ يۇقىرى سوممىلىق گۆرۈ ھوقۇقىنى بېكىتسە بولىدۇ.

ئەڭ يۇقىرى سوممىلىق گۆرۈ ھوقۇقىدا مۇشۇ پاراگرافتىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلانغاندىن سىرت، مۇشۇ قانۇننىڭ 16- بابىنىڭ 2- پاراگرافىدىكى ئەڭ يۇقىرى سوممىلىق رەنە ھوقۇقىغا دائىر بەلگىلىمىلەردىن پايدىلىنىلىدۇ.



2- پاراگراف ھوقۇق گۆرۈ ھوقۇقى



223- ماددا قەرزدار ياكى 3- كىشى بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق بولغان تۆۋەندىكى ھوقۇقلىرىنى گۆرۈ قويسا بولىدۇ:




(1) پېرېۋوت چېكى، پۇل چېكى، خاس چەك؛




(2) زايوم، پۇل ئامانەت چېكى؛




(3) ئىسكىلات تالونى، تالون؛




(4) ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولىدىغان فوند ئۈلۈشى، پاي ھوقۇقى؛




(5) ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولىدىغان، رويىخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى ئىشلىتىش ھوقۇقى، پاتېنت ھوقۇقى، ئاپتورلۇق ھوقۇقى قاتارلىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىچىدىكى مال- مۈلۈك ھوقۇقى؛




(6) ئېلىم ھېسابىدىكى پۇل؛




(7) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا گۆرۈ قويۇشقا بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن باشقا مال- مۈلۈك ھوقۇقى.



224- ماددا پېرېۋوت چېكى، پۇل چېكى، خاس چەك، زايوم، پۇل ئامانەت چېكى، ئىسكىلات تالونى، تالونلارنى گۆرۈ قويۇشتا، ئالاقىدارلار يازما توختام تۈزۈشى كېرەك. گۆرۈ ھوقۇقى ھوقۇق ئىسپاتى گۆرۈ ئالغۇچىغا تاپشۇرۇلغاندا بېكىتىلىدۇ؛ ھوقۇق ئىسپاتى بولمىسا، گۆرۈ ھوقۇقى ئالاقىدار تارماقلار گۆرۈ قويۇشنى تىزىملىغاندا بېكىتىلىدۇ.



225- ماددا پېرېۋوت چېكى، پۇل چېكى، خاس چەك، زايوم، پۇل ئامانەت چېكى، ئىسكىلات تالونى، تالونلار نەقلەشتۈرۈلىدىغان كۈن ياكى مال ئېلىنىدىغان كۈن ئاساسىي ھەقدارلىق مۇددىتى توشۇشتىن بالدۇر بولسا، گۆرۈ ئالغۇچى ئۇنى ئايرىباشلىسا ياكى مالنى ئالسا بولىدۇ ھەمدە گۆرۈ قويغۇچى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، ئايرىباشلىغان پۇل ياكى ئالغان مال بىلەن قەرزىنى ئۈزسە ياكى ئۇنى ساقلاشقا بەرسە بولىدۇ.



226- ماددا
فوند ئۈلۈشى، پاي ھوقۇقىنى گۆرۈ قويۇشتا، ئالاقىدارلار يازما توختام تۈزۈشى كېرەك. فوند ئۈلۈشىنى، ئاكسىيە تىزىملىغۇچى- راسچوت قىلغۇچى ئاپپارات تىزىملىغان پاي ھوقۇقىنى گۆرۈ قويۇشتا، گۆرۈ ھوقۇقى ئاكسىيە تىزىملىغۇچى- راسچوت قىلغۇچى ئاپپارات گۆرۈ قويۇشنى تىزىملىغاندا بېكىتىلىدۇ؛ باشقا پاي ھوقۇقىنى گۆرۈ قويۇشتا، گۆرۈ ھوقۇقى سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى گۆرۈ قويۇشنى تىزىملىغاندا بېكىتىلىدۇ.




فوند ئۈلۈشى، پاي ھوقۇقىنى گۆرۈ قويغاندىن كېيىن ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ، لېكىن، گۆرۈ قويغۇچى بىلەن گۆرۈ ئالغۇچى كېڭىشىپ قوشۇلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. گۆرۈ قويغۇچى فوند ئۈلۈشى، پاي ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ تاپقان پۇلدىن گۆرۈ ئالغۇچىغا قەرزىنى ئالدىن ئۈزۈشى ياكى ئۇنى ساقلاشقا بېرىشى كېرەك.



227- ماددا
رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى ئىشلىتىش ھوقۇقى، پاتېنت ھوقۇقى، ئاپتورلۇق ھوقۇقى قاتارلىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىچىدىكى مال- مۈلۈك ھوقۇقىنى گۆرۈ قويۇشتا، ئالاقىدارلار يازما توختام تۈزۈشى كېرەك. گۆرۈ ھوقۇقى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق گۆرۈ قويۇشنى تىزىملىغاندا بېكىتىلىدۇ.

بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىچىدىكى مال- مۈلۈك ھوقۇقى گۆرۈ قويۇلغاندىن كېيىن، گۆرۈ قويغۇچى ئۇنى ئۆتۈنۈپ بەرسە ياكى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئىجازەت بەرسە بولمايدۇ، لېكىن، گۆرۈ قويغۇچى بىلەن گۆرۈ ئالغۇچى مەسلىھەتلىشىپ قوشۇلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. گۆرۈ قويغۇچى گۆرۈ قويغان بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىچىدىكى مال- مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىپ ياكى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئىجازەت بېرىپ تاپقان پۇلدىن گۆرۈ ئالغۇچىغا تۆلەيدىغان قەرزىنى ئالدىن ئۈزۈشى ياكى ئۇنى ساقلاشقا بېرىشى كېرەك.



228- ماددا
ئېلىم ھېسابىدىكى پۇلنى گۆرۈ قويۇشتا، ئالاقىدارلار يازما توختام تۈزۈشى كېرەك. گۆرۈ ھوقۇقى كرېدىت ئىناۋىتى گۇۋاھلىق ئاپپاراتى گۆرۈ قويۇشنى تىزىملىغاندا بېكىتىلىدۇ.

ئېلىم ھېسابىدىكى پۇلنى گۆرۈ قويغاندىن كېيىن، ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ. لېكىن، گۆرۈ قويغۇچى بىلەن گۆرۈ ئالغۇچى كىڭىشىپ قوشۇلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. گۆرۈ قويغۇچى ئېلىم ھېسابىدىكى پۇلنى ئۆتۈنۈپ تاپقان پۇلدىن گۆرۈ قويغۇچىغا يۆلەيدىغان قەرزىنى ئالدىن ئۈزۈشى ياكى ئۇنى ساقلاشقا بېرىشى كېرەك.



229- ماددا
ھوقۇق گۆرۈ ھوقۇقىغا مۇشۇ پاراگرافتىكى بەلگىلىمە تەتبىقلانغاندىن سىرت، مۇشۇ بابنىڭ 1- پاراگرافىدىكى كۆچمە مۈلۈك گۆرۈ ھوقۇقىغا دائىر بەلگىلىمە تەتبىقلىنىلىدۇ.






18- باب قالدۇرۇۋېلىش ھوقۇقى


230- ماددا قەررزدار مۇددىتى توشقان قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغاندا، ھەقدار قەرزدارنىڭ كۆچمە مۈلكىدىن قانۇنلۇق ئىگىلەپ تۇرغىنىنى قالدۇرۇۋالسا بولىدۇ ھەمدە شۇ كۆچمە مۈلۈكتىن ئاۋۋال تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ھەقدار قالدۇرۇۋالغۇچى بولىدۇ، ئىگىلىگەن كۆچمە مۈلۈك قالدۇرۇۋېلىنغان مال- مۈلۈك بولىدۇ.



231- ماددا
ھەقدار قالدۇرۇۋالغان كۆچمە مۈلۈك ھەقدارلىق بىلەن بىر قانۇن مۇناسىۋىتىدە بولۇشى لازىم، لېكىن، كارخانىلار ئارا قالدۇرۇۋېلىنغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.



232- ماددا
قالدۇرۇۋېلىشقا بولمايدىغانلىقى قانۇندا بەلگىلەنگەن ياكى ئالاقىدارلار ئارا پۈتۈشۈلگەن كۆچمە مۈلۈكنى قالدۇرۇۋېلىشقا بولمايدۇ.



233- ماددا قالدۇرۇۋېلىنغان مال- مۈلۈك ئايرىلىدىغان نەرسە بولسا، قالدۇرۇۋېلىنغان مال- مۈلۈكنىڭ قىممىتى قەرز سوممىسىغا تەڭ كېلىشى كېرەك.



234- ماددا
قالدۇرۇۋالغۇچى قالدۇرۇۋالغان مال- مۈلۈكنى ئوبدان ساقلاش مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ئوبدان ساقلىماي، قالدۇرۇۋالغان مال- مۈلۈكنى زىيانغا ئۇچراتسا، يوق قىلىۋەتسە، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.



235- ماددا قالدۇرۇۋالغۇچى قالدۇرۇۋالغان مال- مۈلۈك تۇغۇندىسىنى ئېلىشقا ھۇقۇقلۇق.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن تۇغۇندىدىن ئالدى بىلەن تۇغۇندى ئېلىش خىراجىتىنى چىقىرىۋېتىش كېرەك.



236- ماددا
قالدۇرۇۋالغۇچى بىلەن قەرزدار مال- مۈلۈكنى قالدۇرۇۋالغاندىن كېيىنكى قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش مۇددىتىنى پۈتۈشۈشى لازىم؛ پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، قالدۇرۇۋالغۇچى قەرزدارنىڭ قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى ئۈچۈن 2 ئايدىن ئارتۇق مۇددەت بېرىشى لازىم، لېكىن، يېڭى، تىرىك، سېسىپ قالىدىغان نەرسە قاتارلىق ساقلاش تەس كۆچمە مۈلۈك بۇنىڭ سىرتىدا. قەرزدار مەجبۇرىيىتىنى مۇددەت ئۆتسىمۇ ئادا قىلمىسا، قالدۇرۇۋالغۇچى قەرزدار بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، قالدۇرۇۋالغان مال- مۈلۈكنى باھاغا سۇندۇرسا بولىدۇ، قالدۇرۇۋالغان مال- مۈلۈكنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىپ، سېتىۋېتىپ تاپقان پۇلىدىن ئالدىن تۆلىتىۋالسىمۇ بولىدۇ.

قالدۇرۇۋالغان مال- مۈلۈكنى باھاغا سۇندۇرۇش ياكى سېتىۋېتىشتە بازار باھاسىدىن پايدىلىنىش لازىم.



237- ماددا
قەرزدار قالدۇرۇۋالغۇچىدىن قالدۇرۇۋېلىش ھوقۇقىنى قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ قالدۇرۇۋالغۇچى يۈرگۈزمىسە، قەرزدار خەلق سوت مەھكىمىسىدىن قالدۇرۇۋالغان مال- مۈلۈكنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش، سېتىۋېتىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.



238- ماددا
قالدۇرۇۋالغان مال- مۈلۈكنى باھاغا سۇندۇرغان ياكى كىمئارتۇق قىلىپ ساتقان، سېتىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ پۇلىنىڭ ھەقدارلىق مىقدارىدىن ئاشقان قىسمى قەرزدارنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، كەم قىسمىنى قەرزدار ئۈزىدۇ.



239- ماددا
بىر كۆچمەس مۈلۈك ئۈستىدە رەنە ھوقۇقى ياكى گۆرۈ ھوقۇقى بېكىتىلگەندە، شۇ كۆچمە مۈلۈك يەنە قالدۇرۇۋېلىنغان بولسا، قالدۇرۇۋالغۇچى ئاۋۋال تۆلىتىۋالىدۇ.



240- ماددا
قالدۇرۇۋالغۇچىلاردىن قالدۇرۇۋالغان مال- مۈلۈكنى ئىگىلەش ھوقۇقىنى يوقاتقانلىرىنىڭ ياكى قەرزدار ئايرىم بەرگەن كېپىللىكنى قوبۇل قىلغانلىرىنىڭ قالدۇرۇۋېلىش ھوقۇقى يوقىلىدۇ.






5- قىسىم ئىگىلەش



19- باب ئىگىلەش

241- ماددا توختام مۇناسىۋىتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلەر بىلەن ئىگىلەشتە، كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنى ئىشلىتىش، ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىش، خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش قاتارلىقلار توختام بويىچە پۈتۈشۈلىدۇ؛ توختامدا پۈتۈشۈلمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشۈلمىگەن بولسا، قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.



242- ماددا ئىگىلىگۈچى ئىگىلىگەن كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنى ئىشلىتىپ، شۇ كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، يامان نىيەتتە ئىگىلىۋالغۇچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.



243- ماددا كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنى ئىگىلىگۈچى ئىگىلىۋالغاندا، ھوقۇقدار ئەسلىي نەرسىنى ۋە ئۇنىڭ تۇغۇندىسىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، لېكىن، ياخشى نىيەتتە ئىگىلىگۈچىنىڭ شۇ كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈكنى ئاسراش يۈزىسىدىن چىقىم قىلغان زۆرۈر خىراجىتىنى بېرىشى لازىم.



244- ماددا
ئىگىلىگەن كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈك زىيانغا ئۇچرىغاندا، يوقىلىپ كەتكەندە، شۇ كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈك ھوقۇقدارى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا، ئىگىلىگۈچى زىيانغا ئۇچرىغان، يوقىلىپ كەتكەندە ئالغان سۇغۇرتا پۇلى، تۆلەم پۇلى ياكى تولۇقلىما پۇلى قاتارلىقلارنى ھوقۇقدارغا قايتۇرۇپ بېرىشى لازىم؛ ھوقۇقدار زىيىنىنىڭ ئورنىنى تولۇق تولدۇرالمىغاندا، يامان نىيەتتە ئىگىلىۋالغۇچى زىياننىمۇ تۆلىشى لازىم.



245- ماددا
ئىگىلىگەن كۆچمەس مۈلۈك ياكى كۆچمە مۈلۈك بىراۋنىڭ چاڭگىلىغا كىرىپ كەتسە، ئىگىلىگۈچى ئەسلىي نەرسىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ ئىگىلەشكە دەخلى يەتكۈزۈش قىلمىشى ئۈستىدە ئىگىلىگۈچى دەخلىنى تۈگىتىش ياكى خەۋپنى يوقىتىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىپ ياكى دەخلى يەتكۈزۈپ زىيانغا ئۇچىراتسا، ئىگىلىگۈچى زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

ئىگىلىگۈچى ئەسلىي نەرسىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىنى بىراۋ چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان كۈندىن باشلاپ بىر يىلغىچە يۈرگۈزمىسە، تەلەپ قىلىش ھوقۇقى يوقىلىدۇ.

قوشۇمچە پرىنسىپ



246- ماددا
قانۇن، مەمۇرىي نىزامدا كۆچمەس مۈلۈكنى بىر تۇتاش تىزىملاش دائىرىسى، تىزىملىغۇچى ئاپپارات ۋە تىزىملاش چارىسىغا دائىر بەلگىلىمە چىقىرىشتىن ئىلگىرى، يەرلىك نىزاملاردا مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە بەلگىلىمە چىقىرىلسا بولىدۇ.



247- ماددا
بۇ قانۇن 2007- يىل 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-4-7 04:48

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.