ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر نورۇزنامە (فاتىمە)
كۆرۈش: 128|ئىنكاس: 5
go

نورۇزنامە (فاتىمە)

Rank: 8Rank: 8

توردا
403سائەت 
نادىر تېما
دوست
35 
يازما
618 
تېما
117 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

نورۇزنامە

ئاپتورى ئابدۇقادىر مەتسېدىق
(چىرا ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن)


ئىللىق قۇياش نۇر تۆكۈپ يۇرتىمىزنىڭ ھۆسنىگە،

يىلنىڭ ئىشى خىسلەتلىك نورۇز بىلەن باشلاندى.

باھار ھىدى ئويغاتقاچ دىلدا تاتلىق ئارزۇلار،

دېھقان ئاكام يەڭ تۈرۈپ ئېتىزلارغا تاشلاندى.

كۆڭۈللەرگە زوق بەردى غۇر-غۇر باھار شامالى،

بۇلۇت تارقاپ سۈزۈلدى كۆك ئاسماننىڭ جامالى،

كۈن تەپتىدە قايرىلدى ئاق چوققىنىڭ رومالى،

بۇلاقلارنىڭ جىلۋىگەر خۇمار كۆزى شاشلاندى.

ناخشا-مۇقام قاينىدى داپ-دۇتارلار سازلىنىپ،

چۈشتى لەرزان ئۇسۇلغا مەجنۇنتاللار نازلىنىپ،

كۈلدى ئۆستەڭ-ئامبارلار چايكا،ئۆردەك،غازلىنىپ،

باغدا كۆچەت بىخ سۈرۈپ نوتىلاندى-چاچلاندى.

بەرگلەردە ئېچىلدى گۈل-چېچەكلەر ھۈپپىدە،

دىماقلارغا ئۇرۇلدى خۇشپۇراقلار گۈپپىدە،

شاختا قۇشلار سايرىدى بەزمە قىلىپ جۈپپىدە،

مۇنبەت تۇپراق باھارنىڭ ئاپتىپىدا ئاشلاندى.

ئىشقا چۈشتى كەتمەنلەر كۈن نۇرىدا پارقىراپ،

يەرنى چوڭقۇر ئاغدۇردى تىراكتۇرلار خارقىراپ،

تەكشى قىلدى ئەينەكتەك سوقا-يامپان دارقىراپ،

ئېتىزلارنىڭ دۈمبىسى راھەتلەندى-قاشلاندى.

ھەممە كەلدى غەيرەتكە ئىچ-ئىچىدىن روھلىنىپ،

بوۋاقلارمۇكۈلدى شات ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ،

كۈتەربىزنى زەر قۇياش ئۇپۇقلاردا چوغلۇنۇپ،

بۇۋايلارمۇ ئۈمۈتتە يىگىتلەردەك ياشلاندى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-3-21 19:10

توردا
52سائەت 
نادىر تېما
دوست
20 
يازما
205 
تېما
15 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش fatima نىڭ يازمىسى

ئىسىل شىئىركەن.رەھمەت سىزگە. سىزنىڭمۇ نەۋرۇز بايرىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن.ھارمىغايسىز.

Rank: 8Rank: 8

توردا
784سائەت 
نادىر تېما
دوست
94 
يازما
2706 
تېما
456 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن دىگىنىڭىزدە تۇرۇپ ، نورۇزنىڭ گۈزەل لىرىكىللىرى بىلەن مۇنبەرگە ھۈسۈن ئاتا قىپسىز ، رەھمەت سىزگە ! ... مەن نەچچە كۈننىڭ ياقى كىرەي دىگەن ئىدىم ، ئەمما تورسۈرئىتىمنىڭ بەكلا ئاستىلىقى ، پوشتىخانىنىڭ ۋاقتىدا كېلىپ ئوڭشاپ بەرمەسلىكى سەۋەبلىك ۋاقىت سۇزۇلۇپ كەتتى ، بۈگۈن مىڭ تەستە جوراپ يۈرۈپ ئوڭشاتتىم ، تۇنجى قېتىمدىكى ياخشى لىرىكىللىرىڭىز بىلەن يۈز كۈرۈشكىنىمدىن خۇرسەنمەن . رەھمەت سىزگە ! ...
مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...

توردا
96سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
128 
تېما
25 

ئۈلگىلىك ئەزا ئىجادكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاجايىپ ياخشى يىزىلغان نورۇزنامە بىلەن يۈز كۇرۇشتۇردىڭىز،ئەجىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت . مەن ساقلىۋالدىم!

توردا
106سائەت 
نادىر تېما
دوست
27 
يازما
318 
تېما
28 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلغان نورۇزنامەبوپتۇ بۇ ............ مەنمۇ ساقلىۋالدىم جۇما رۇخسەتمۇ يا ؟

توردا
42سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
70 
تېما

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەھمەت سىزگە !!! ئەسسالاممۇ-ئەلەيكۇم تورداشلار ھەممڭلارنىڭ نورۇز بايرىمڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-3-24 18:14

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.