ستودېنت قىز
بۇ پۇرسەت سەن ئۈچۈن ئاسان كەلگەنىۇ ؟ نېمىشقا يەتمەيسەن ئۇنىڭ قەدرىگە. ھە دېسە يۈگرەيسەن رېستۇرانلارغا . سەندىكى پەزىلەت كەتتىكى نەگە؟
سەن ئويناپ يۈرگەندە رېستۇرانلاردا، ئېتىزدا ئىشلەيدۇ جاپاكەش ئاتاڭ. باغچىدا سەيلىدە يۈرگەن چېغىڭدا ، پايپىتەك بولىدۇ مىھرىبان ئاناڭ،
ئۇلارنىڭ مىھرىگە جاۋاپ قايتۇرغىن. ئۇنۇتما مەڭگۈگە ئۇلار ئەجرىنى . سەن بىلەن گۈللەيدۇ ئۇلارنىڭ بەختى ، چۈشۈرمە ئۆمرۈڭنىڭ ئالتۇن نەرخىنى .
سەنمۇ ھەم چوڭ بولدۇڭ ئەقلىڭنى تاپقىن ، بىلىشىڭ لازىمدۇر ئۇلار كۆڭلىنى . يولۇڭنى توغرىلا ، كىتابىڭنى ئال .
مەنبە <<يېڭى قاشتىشى 2009-يىللىق2-سان>>
|