قول يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق

ئازاپلىنىشقا تىگىشلىك ئىنسانلار ئۈچۈن ئازاپلىنىشنىڭ ئۆزىمۇ ئۆزگىچە بىر لەززەت.
مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاچچىق يۇتىۋاتىمەنمۇ؟ كالامدا ئېنىق بىرنەرسە يوق. بىراق كۆڭلۇم بەكلا يېرىم.
مەن ئۇنى بۇنچە ئەسەبىلەرچە ياخشى كۆرۈپ، ئۇنىڭ دەردىنى تارتىپ قالىمەن، دەپ پەقەت ئويلىمىغان ئىدىم.
تولىمۇ ئەپسۇس، مانا ئەمدى ئۇنىڭ دەردىدە مىڭ ئۆلۇپ، بىر تىرىلىۋاتىمەن.
دەردىمنى بىر ئاللاھ، بىر ئۆزۇم بىلىمەن. ئۇنىڭ يۈرىكى يۈرەك بولسىلا مېنىڭ دەردىمنى ئۇمۇ ھېس قىلالايدۇ. چۈنكى يۈرەك يۈرەكنىڭ بەختتىن دۇپۇلدەپ سۇقىشىنى بىلەلمىسىمۇ ھىجراندىن، ئەلەمدىن تىتىرىشىنى سېزەلەيدۇ ئەمەسمۇ!؟
مەن باش-ئاخىرى يوق چەكسىز خىياللار ئىلكىدە قىينىلىۋاتىمەن. ئىككىمىزنىڭ ئىجىل، ئىناق مۇھاببەتلىك كۈنلىرىمىزنى تولا ئەسلەپ ئەقلىمدىن ئادىشايلا دەپ قالدىم. ئۇنىڭ كۆزۇمچىلا باشقىلارنىڭ بولۇپ كېتىشىگە قىيالماي ئاخىرى ئۆلۋىلىش قارارىغا كەلدىم.
ھاياتلىقتا ياشاشنىڭ يوللىرى كۆپ بولغىنىدەك، ئۆلۋىلىشنىڭمۇ يوللىرى بەك كۆپ. مۇڭ باسقان غېرىپ ھۇجۇرامنىڭ ئىشىك-دەرىزىلىرىنى چىڭ تاقاپ دورا يەپ ئۆلۋالايمۇ ياكى ئۆزەمنى بىنادىن تاشلىۋالايمۇ؟
ئۇنداق قىلسام بىچارە ئانامنى خەلقى-ئالەم ئالدىدا قارا يۈز قىلۋەتمەمدىمەن؟ توك تۇتۇپ، سۇغا غەرىق بولۇ...ياق، ياق! ياق ھېچقايسىنى تاللىيالمىدىم، تۇغىرىسى جۇرئەت قىلالمىدىم. ھاراقنى بولىشىغا ئىچىپ مەست بولۇپ، خالىغانچە يول يۈرۈپ يۇقىرى سۈرەتلىك تاش يولدا ماشىنىغا سوقۇلۇپ... ئۆلۋىلىشنىڭ شۇنچە كۆپ يوللىرىنىڭ بىرەرىنىمۇ ماڭالماي ئاخىرى يالغۇز ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچىپ قاچان، قانداقلارچە ئۆيگە كەلگىنىمنىمۇ بىلمەي ئۇخلاپ قاپتىمەن.
ئەتىگەنلىك قۇياشنىڭ كۆيدۈرگۈچى نۇرى يۈزۈمگە چۈشكەندە چۆچۈپ ئويغىنىپ ھەيرانلىقتا دېرىزىدىن سىرتقا قارىدىم.
قۇياش ئۇپۇقتىن يەنىلا مەغرۇر چىقىپتۇ. يەر شارى يەنىلا ئۆز ئوقىدا غەمسىز ئايلىنىۋىتىپتۇ. كۆيۈمچان ئانام مەن ئۈچۈن چاي دەملەپ پايپېتەك بولىۋىتىپتۇ. ئاخشامقى بىمەنىلىكىمدىن، خىيالىمدىن ئەندىكىپ كەتتىم. ئانامنىڭ لەۋلىرىمنى، يۈرىكىمنى كۆيدۈرگۈچى ئىسسىق چېيىنى ئىتتىك-ئىتتىك ئوتلاپ ئۆزەمنى دۇنياغا قايتىدىن تۆرەلگەندەك ھېس قىلىپ، بۇرۇنقىدىنمۇ نەچچە مىڭ ھەسسە گۈزەل ئارمانلارنى كۆلۈمگە پۈكتۈم. چۈنكى دۇنيادا مەن قەدىرلەشكە تىگىشلىك نەرسىلەر تولۇمۇ كۆپ ئىكەن.
مەنبە: <شىنجاڭ ئاياللىرى> ژورنىلى
|