- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-3-20
- تىزىملاش
- 2010-12-24
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 35سائەت
- جۇغلانما
- 549
- نادىر تېما
- 5
- يازما
- 48
- تېما
- 16
- توردا
- 35سائەت
- نادىر تېما
- 5
- دوست
- 9
- يازما
- 48
- تېما
- 16
|

مۇنداق كىشىلىرىمىزمۇ بار
مېھىرلىك قەلبلەر
ھېكايە
ساپ تىلەككە مەنسۇپ
(مۇكاپاتلىق ئەسەر)
دۇنيا مېھرى-مۇھەببەت بىلەن گۇزەلدۇر. كەڭ كەتكەن زىمىن قوياش نۇرى بىلەن ئىللىسا، ئىنسان قەلبى مېھرى-مۇھەببەت بىلەن ئىللىقتۇر. سىز شۇ مېھرى ئىللىق كىشىلەر نەدىدۇ دەپ يۈرمەڭ، ئۇنداق كىشىلەر ئەتراپىمىزدىلا . سىز بىرسىگە ئىللىق قەلبىڭىزنى ئاتا قىلسىڭىز، ئۇلۇغ ئاللا سىزنىڭ باشقىلارغا قىلغان ياخشىلىقىڭىزنى ھەسسىلەپ قايتۇرغۇچىدۇر. چۇڭقۇر قەلب قاتلىمىدىن ئۇرغۇپ چىققان، ھەقىقى مەناغا تويۇنغان ياخشىلىق_ئۇ مەيلى كىچىك ئىش بولسۇن، ۋە ياكى چوڭ ئىش بولسۇن ئۇ يەنىلا سىزنىڭ چۇڭقۇر مېھرى-مۇھەببىتىڭىز بىلەن يۇغۇرۇلغان ئىللىق قەلبىڭىزدۇر.
ئالتۇن كۈز پەسلى كېلىپ، ھەممە ياقنى مەي باغلاپ پىشىپ كەتكەن شىرىن مېۋىلەرنىڭ خۈش پۇرىقى قاپلىغان ۋاقىتتا مەن يىللىق دەم ئېلىشىمنى ئېلىش قارارىغا كەلدىم.ئارام ئېلىش ئىلتىماسىمنى كۆتۈرۈپ ئىدارە باشلىقىنىڭ ياسىداق ئىشخانىسىغا ئەيمىنىپراق كىردىم. خەنزۇ باشلىقىمىز ئىلتىماسىمنى بىرەر قۇر كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن ئارتۇق گەپ قىلمايلا تەستىقلاپ بەردى. كۆڭلۈمدە <ئۇھ> دېدىم-دە، خۇددى بىرسى تۇتىۋالىدىغاندەك ئىشخانىدىن تېز سۈرئەتتە چىقىپ كەتتىم. ئەسلىدە مەن باشلىق چوقۇم ئىلتىماسىمنى تەستىقلىماسلىقى مۇمكىن دەپ ئويلىغان ئىدىم. چۈنكى، دەل مۇشۇ پەيت ئىدارىمىزنىڭ ئىشلىرى تازا بېسىق بولىدىغان مەزگىل ئىدى. ئادەتتە يىللىق دەم ئېلىشىنى ئالىدىغانلار ئاساسەن يىل بېشىدا ئېلىۋالاتتى. مەن ئۇدۇل ئولتۇراق بىنا رايۇنىدىكى 4-بىنا 1-كورپۇس 5-قەۋەتتىكى ئۆيۈمگە يۈگۈرۈپ دېگىدەك چىقتىم. ئادەتتە مەن ئۆيگە چىققىچە ھاسىراپ، 3-قەۋەتكە چېقىپ بىر قىتىم ھاردۇق ئېلىۋىلىپ ئاندىن ئۆيگە كىرەتتىم. مەن ئۆينى ئېچىپ كىرىپلا كىرىسلوغا ئۆزەمنى تاشلاپ كۆڭلۈمدە بۇ ئون كۈنلۈك دەم ئېلىشنى قانداق ئۆتكۈزۈش ھەققىدە پىلان تۈزۈپ چىقتىم. ئىشىك تىرىققىدە ئېچىلىپ يولدىشىم ئادەتتىكىدەك چاخچاق قىلىپ ئۆيگە كىردى.
_ھە، بىزنىڭ خوتۇن خىيالغا پىتىپلا كىتىپتىغۇ، ئارامنى تەستىقلىمىدىمۇ نېمە؟ تەستىقلىمىغان بولسا غەم قىلىپ كەتمەڭ ھە، بۇ ئارامنى مەن ئۆزەم سىزگە بېرىپ، ئون كۈن سىزنى ئۆي ئىشىدىن خالاس قىلاي، قانداق بولامدۇ يا؟_دېدى ئۇ كۇلۇپ تۇرۇپ.
_ۋاي رەھمەت، مۇشۇ ئاغزىڭىزنىڭ تاتلىقلىقى سىزنىڭ، خاتىرجەم بولۇڭ، ئارامنى تەستىقلىدى، شۇڭا قايسى ئىشنى قانداق قىلىش ھەققىدە خىيال قىلىپ ئولتۇرۇپ كىتىپتىمەن،_دېدىم مەن ئۇنىڭ گەپلىرىدىن خۇشال بولۇپ ۋە گېپىمنى داۋام قىلدىم،_قورسىقىڭىز ئاچقاندۇ، بىر چەينەك چاي دەملەي، بىردەم چاي ئىچكەچ تېلىۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ، چاچتەك تارتىپ لەغمەن ئېتەي.
_بولدى ئەتمەڭ، ھېلى ئوغلىمىز كەلسە سىلەرنى كاتتا تېز تاماقخانىغا ئەچىقىپ مېھمان قىلىپ كىرەي.
_سىرتنىڭ تامىقىنى ئانچە خالاپ كەتمەيسىز، بولدىلا ئۆيدىلا ئېتەي.
_سەپىرىڭىزنىڭ كۆڭۈللۈك بولىشىنى تەبرىكلەپ ئوبدانراق داستىخان سالاي دەيمەن.
_قاراڭ تۈزۈت قىلىپ كەتكىنىڭىزنى، بولدى يەنىلا ئۆيدە ئېتەي، بولمىسا بۇ ئون كۈندە مېنىڭ قولۇمنىڭ تەمىنى ئۇنتۇپ قالماڭ يەنە، سىزچۇ چاي ئىچكەچ ئولتۇرۇپ ماڭا بۇ قېتىمقى سەپەر ئۈستىدە نېمىلەرنى قىلىشىم كېرەكلىكى ھەققىدە يوليۇرۇق بىرىڭ بولامدۇ،_دېدىم مەن نازلىق ئەركىلەپ تۇرۇپ. مەن پەرتۇقىمنى تارتىپ قازان بېشىغا ئۆتتۇم. يولدىشىم چاي ئىچىپ ئولتۇرماي ماڭا قاراشقاچ مەن بىلەن قىزغىن پاراڭغا چۈشتى.
_ھە، سەپەرگە ئەتە كەچتە ماڭامسىز ياكى بىرەر كۈندىن كېيىن ئاندىن ماڭامسىز؟
_يەنىلا ئەتە كەچتە ماڭاي.
_ئۇنداقتا ئەتە ئەتىگەن مېنى سەھەرراق ئۇيغۇتۇپ قويۇڭ، بىلەت ئېلىپ قوياي.
مەن يولدىشىمغا دېمەكچى بولغان موھىم سۆزۇمنى دېيىشتە سەل ئىككىلەنگەن بولساممۇ ئەمما ئۇنىڭ باشقىلارنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە قاراپ تۇرمايدىغان مىجەزى ماڭا ئايان بولغاچقا گەپنى ئەگىتمەي ئۇدۇللا دېدىم.
_سىزگە بىر ئىشنى مەسلىھەت سالاي دېگەن، مەرزىيە ئىنتايىن ئېغىر كۈنگە قالدى. مەن بۇ ئىشنى سىزگە نەچچە رەت دېگەن ئېدىم. سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىز بىلەن تۇرمۇشىمىز خېلىلا باياشات ئۆتىۋاتىدۇ، شۇڭا مەن مەرزىيەگە ئازراق ياردەم قىلاي دېگەن. پۇلنى جىق ئېلىپ بارسام مەرزىيە يا ئالمايدۇ، يا قايتۇرىمەن دەپ يەنە غەمدە قالىدۇ. شۇڭا ئۇلار قايتۇرمايدىغانغىلا بەش مىڭ يۈئەن ئېلىپ باراي دېگەن. بۇ پۇل ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا ئازراق بولسىمۇ ياماق بولاتتى،_دېدىم مەن يولدىشىمغا ئۆمىد بىلەن تىكىلىپ.
_بولىدۇ، ئېلىپ بىرىڭ. بىراق سىز ئۇ دۇستىڭىز بىلەن ئالاقىلاشمىغىلى تۆت-بەش يىل بولۇپ قالدىغۇ، ئۇلارنى تاپالارسىزمۇ-ھە؟
_سۈرۈشتۇرسەم چوقۇم تاپىمەن. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا بىزدىن ياردەم سورىسا ياردەم قىلماي بىزدىن يامانلاپ قالدىمىكىن، شۇ پىتى مەن بىلەن ئالاقىلاشمايلا قويدى دېسە.
_باشقا ساۋاقداشلىرىڭىز بىلەن ئالاقىلىشىپ بېقىڭ بولمىسا.
_ئۇلارمۇ مەرزىيەنىڭ ئالاقىلىشىش ئادىرىسىنى بىلمەيدىكەن.
_مېنىڭ ۋاقتىم بولغان بولسا بىللە باراركەنمەن.
_بولدى، ھېلىمۇ ئۆينىڭ، بالىنىڭ ئىشلىرىنى سىزگە تاشلاپ قويۇپ كېتىدىغان بولدۇم، جاپا تارتىپ كېتىدىغان بولدىڭىز، مېنى قوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت،_مەن شۇخلۇق قىلىپ ئۇنىڭ ساقاللىق يۈزنى بوش چىمداپ قويدۇم. بىز كۆڭۈللۈك پاراڭلاشقاچ قول-قول تۇتۇشۇپ تاماق ئېتىپ يەپ، ئەتىدىكى سەپەرنىڭ تەيارلىقىنى قىلدۇق.
كورلىغا ماڭىدىغان ئاپدۇبۇس كەچ سائەت تۆتلەردە قوزغالدى. ئادەتتە ئاپدۇبۇسقا چىقا-چىقمايلا ئۇيقىغا كىتىدىغان ئادەم بۈگۈن نېمىشقىكىن كۆزلىرىمگە ھېچ ئۇيقا كىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. خىيالىم مەرزىيە بىلەن بىللە ئوقىغان ئوقۇغۇچىلىق ۋاقىتلىرىمغا كەتكەن ئىدى. بىز ئالى مەكتەپتە بەش يىل بىر ياتاقتا يېتىپ بارنى تەڭ يەپ، تەڭ كۈلۈپ، تەڭ يىغلاپ، قايغۇ ھەم خۇشاللىقىمىزغا ئورتاق بولۇپ خۇددى بىر قىرىنداشتەك يېقىن ئۆتكەن ئىدۇق. ئۇ تولۇمۇ تىرىشچان ئىرادىلىك قىز ئىدى. سىنىپتىكى قىزلارلا ئەمەس، يىگىتلەرگە مەرزىيەنى بەكلا ھۆرمەت قىلاتتى. ئوقۇش پۇتۇرۇپ ئۇ يۇرتىغا كەتتى. مەن بولسام يىگىتىمنىڭ يەنى ھازىرقى يولدىشىمنىڭ يول مېڭىشى بىلەن ئۇرۇمچىدە قالغان ئىدىم.بىز شۇ ئايرىلغانچە بىر يىرىم يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ توي مۇراسىمىغا قاتناشقىلى بېرىپ، نەچچە كۈنگىچە ھال-مۇڭ قىلىشىپ، كۆزلىرىمىز قىيمىغان ھالدا ئايرىلىشقان ئىدۇق. بىز دائىم خەت ئارقىلىق ئۆيىمىزنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تىپىشىپ، بالىلىرىمىزنىڭ خۇشاللىقىدىن ئورتاق بەھرىمان بولاتتۇق. ئۇ توي قىلىپ تۆت يىل بولغان بىر كۈنى ماڭا تىلېفۇن قىلىپ، تىلېفۇندا نەچچە قېتىم گەپ قىلماي تۇختاپ قېلىپ، شۇنچىلىك تەستە ئۆزىگە بولسا يىگىرمە مىڭ يۈئەن، ھېچ بولمىغاندا ئون مىڭ يۇئەن كېرەك بولۇپ قالغاندلىقىنى ئىيتقان ئىدى. مەن ئۇنىڭ بۇنداق ئىشتا تولۇمۇ زىل، نازۇك ئىكەنلىكىنى بېلىپ تۇرۇپ، نېمىگە ئىشلىتىدىغانلىقىنى، ئەگەر بەك زۇرۇر بولسا باشقىلاردىن ئامال قىلىشىپ بىرىدىغانلىقىمنى، يېنىمدا ئۇنچىلىك پۇل يوقلىقىنى دېگەن ئىدىم. ئۇ ئارتۇق گەپ قىلمايلا تىلېفۇننى قويۋەتتى. شۇنىڭدىن ئىتىبارەن ئۇ مەن بىلەن زادىلا ئالاقىلاشماي قويدى. ئىدارىسىدىن سۇرۇشتە قىلسام، ئۇلارنى باشقا بىر ناھايىگە پۇتۇن ئائىلىسى بويىچە يۆتكىلىپ كەتكەنلىكىنى ئىيتتى. مەن مۇشۇ نەچچە يىل جەريانىدا ئۆزەمنى قانچىلىك ئەيىبلىگىنىمنى بىلمەيمەن. شۇ چاغدا يېنىمدىن ئەلۋەتتە ئۇن مىڭ يۈئەن پۇل گەپ يوق چىقاتتى. شۇنداق تۇرۇپ دۇستلۇق مېھرى-مۇھەببەتتىن پۇلنى ئۈستۇن كۆردۇممۇ بىلمىدىم گىجىڭلىقىم تۇتۇپ ئۇ ماڭا شۇنچىلىك ئىشىنىپ ياردەم تەلەپ قىلسا ياردەم قىلمىدىم. ئۇ ئەلۋەتتە مەندىن ئۇنچىلىك پۇل چىقىدىغىنىنى بىلگەچكە غۇرۇرىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ ماڭا مىڭ تەستە دېگەن ئىدى، ئەپسۇس.....
مەن تۈگىمەس خىياللار بىلەن قاچان ئۇخلاپ قالغىنىمنىمۇ بىلمىدىم. بىر چاغدا بىرسىنىڭ تۇرتۇپ ئۇيغىتىشى بىلەن مەنزىلگە يېتىپ كەلگىنىمنى بىلىپ، پەسكە چۈشۈپ، يۈك-تاقلىرىمنى ئىلىپ، قاياققا بېرىشىمنى بىلەلمەي بىرھازا تۇرۇپ قالدىم.
_ئاچا، نەگە بارىسىز؟ مەن ئاپىرىم قوياي،_دېدى يېنىمدا پەيدا بولغان كىلىشكەن، چىرايلىق بۇرۇت قويۋالغان يىگىرمە بەش ياشلار چامىسىدىكى بىر يىگىت.
_مېنىڭ بۇ يەرگە تۇنجى كىلىشىم، شۇڭا نەگە بېرىشىمنى بىلمەيمەن،_دېدىم مەن يىگىتكە تەئەجۇپ بىلەن تىكىلىپ.
_ھە، ئۇنداقتا مەن سىزنى ئاۋال پىكىزە مېھمانساراينىڭ بىرسىگە ئاپىرىپ قوياي،_دېدى يىگىت يۈك-تاقلىرىمنى ماشىنىنىڭ كەينىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ. بىز ئانچە ئۇزۇن ماڭمايلا ناھايىلىك مېھمانساراينىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدۇق. يىگىت مېنىڭ ياتاق ئاشتۇرۇشىمغا، نەرسە-كىرەكلىرىمنى جايلاشتۇرشىمغا قىزغىنلىق بىلەن ياردەم قىلدى.مەن تۇرۇپلا ئۇ بالىدىن مەرزىيەنى سۈرۈشتە قىلىپ بېقىش خىيالىغا كېلىپ قالدىم.
_ئۇكام، تۇختاڭە. مەن سىزدىن بىرسىنى سۇرۇشتە قىلىپ باقاي دېگەن، ئۇ مېنىڭ دۇستۇم ئىدى، بەلكىم سىز تۇنۇپ قالسىڭىز ئەجەپ ئەمەس.
_بولىدۇ، قېنى سوراڭ.
_ئۇ دۇستۇم بۇ يەرگە نەچچە يىل ئىلگىرى ئائىلىسى بويىچە شەھەردىن يۆتكىلىپ كەلگەن. ئۇنىڭ ئىسمى مەرزىيە، يولدىشىنىڭ ئىسمى ئەخمەتجان مۇھەممەت، ئاپىسىنىڭ ئىسمى ھەمراخان ئىدى، مەن شۇلارنىڭ ئىزدىرىكىنى قىلاي دېگەن ئىدىم.
_بولىدۇ، بۇ دېگەن دوپپامدەكلا كىچىك بىر ناھايە، مەن ئەتە ئاغىينە-بالىلارنى ئىشقا سالاي. ئەگەر ئۇلار بازار ئىچىدىلا بولسا ئەتىلا تاپقىلى بولىدۇ، يېزىدا بولۇپ قالسا ئىككى-ئۈچ كۈن كىتەرمىكىن، مېنىڭ خەۋىرىمنى كۈتۈڭ.
شۇپۇرغا مەن ئالاقىلىشىش نومىرىمنى بەردىم. شۇپۇر مەن بىلەن خۇشلۇشۇپ چىقىپ كەتتى. مەن ئۇ بالىدىن بەكمۇ رازى بولغان ئىدىم. ئارىمىزدا ھېلىمۇ ياخشى نىيەتلىك، دۇرۇس كىشىلەرنىڭ كۆپلىكىدىن بەكمۇ تەسىرلەندىم. مەن مەرزىيەنى ئەتىلا تاپالايدىغىنىمغا كۆزۈم يېتىپ، مۇنچىغا چۈشىۋىلىپ، كىيىمىمنى ئالماشتۇرۇپ، مېھمانخانا يېنىغىلا جايلاشقان پاكىز، كىچىك بىر ئاشخانىدىن ناشتىلىق تاماق بۇيرۇتۇپ، تاماق يەپ بولۇپ،مېھمانخانا ئەتراپىدىكى پاكىز، ئازادە كۇچىلارنى بىردەم ئايلانغاندىن كېيىن ياتاققا قايتىپ ئارام ئالدىم.
مەن دۇستۇمنىڭ ئۆيىنى ئىزدەپ تاپتىم. توۋا بۇ ئۆيلەر نېمانچە ۋەيرانە. ئۆي تولۇمۇ كونىراپ كەتكەن بولۇپ، كېسەكتە سىلىنغان تاملار زەيدەپ، سۇۋاقلىرى چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. شاخ-شۇمبا بىلەن ھۇيلا تىمى ئورنىدا ئۆينى چۆرىدەپ قورشالغان چىتقا بىكىتىلگەن ياغاچ ئىشىكنىڭ شىنە، مىخلىرى بوشاپ بىر يانغا قىيسىيىپ قالغان ئىدى. ئۆيدىن چاچلىرى مەزگىلسىز ئاقارغان، يۈزلىرىنى ئىنچىكە قۇرۇقلار باسقان، ئۆڭۈپ كەتكەن چىت كۆينەك كىيگەن، كونا گەرىس ياغلىقىنى چىكىلەپ چىگكەن مەرزىيە ئۆيدىن چىقىپ كەلدى. مەن مەرزىيەنىڭ بۇ ھالىنى كۆرۈپ ئاچچىق بىر ئازاپ بېشىمدىن كىرىپ، تاپىنىمدىن چىقىپ كەتتى-دە، ئۆزەمنى تۇتالماي مەرزىيەگە ئېتىلدىم. بىراق مەرزىيە مېنى قوپاللىق بىلەن ئىتتىرۋىتىپ، ئارقىغىمۇ قارىماستىن ئۆيگە كىرىپ كەتتى. مەن مەرزىيەنى يىنىش-يىنىشلاپ چاقىردىم، ئىشىكنى قايتا-قايتا چەكتىم، بىراق ئۇ ئىشىكنى زادىلا ئاچمىدى. مەن چەكسىز پۇشايماندىن ئۆرتىنىپ تۇرغان ئورنىمدا زوڭزىيىپ ئوتۇرۇپلا ئۈن قويۇپ يىغلاپ كەتتىم.
مەن يىغلىغان پېتى چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم. ئەسلى بۇ چۈشۈم ئىدى. چۈشۈمدە يىغلىغان ئادەم ئۆڭۈمدىمۇ بىرھازا يىغلىدىم. مەرزىيەنىڭ چۈشۈمدىكى ھالىتى كۆز ئالدىمغا كېلىۋىلىپ بەكمۇ ئازاپلاندىم. كۆڭلۈمدە <ئۇلۇغ ئاللا، ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن> دەپ ئاللاغا ئىلتىجا قىلاتتىم. بۈگۈن كېچە ماڭا شۇنچىلىك ئۇزۇن تۇيۇلدىكى، تاڭنى بەكمۇ تەستە ئاتقۇزدۇم. چۈشكىچە شۇپۇر بالىدىن خەۋەر بولمىدى. چۈشتىن كېيىن قولۇم ئىشقىمۇ بارماي ئولتۇرسام ئاخىرى ئىشىك چىكىلدى.
_ئاچا، ئۇلارنى تاپتىم، مانا بۇ ئۇلارنىڭ ئادىرىسى، يۈرۈڭ، مەن سىزنى ئاپىرىپ قوياي،_دېدى تاكسى شوپىرى ھاياجان بىلەن. مەن بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ خۇشلىقىمدىن نېمىنى ئېلىپ، نېمىنى قويىشىمنى بىلەلمەي تەمتىرەپلا كەتتىم. بىز مەرزىيە ئولتۇرۋاتقان بىنانىڭ ئالدىغا كېلىپ تۇختىدۇق. مەن ماشىنىدىن چۈشىدىغان چاغدا شۇپۇر بالىغا قايتا-قايتا رەھمەت ئىيتىپ، پۇرتىمالدىن ئىككى يۈز يۈئەن پۇل ئېلىپ شۇپۇر بالىغا ھۆرمەت بىلەن سۇندۇم.
_ئاچا، بۇ نېمە قىلغىنىڭىز؟ مەن سىزگە ئۆزەم خالاپ ياردەم قىلدىم. سىز بۇ يەرگە تۇنجى كىلىپسىز، ئەگەر مەن بۇنداق قىلمىغان تەغدىردىمۇ باشقىلار چوقۇم شۇنداق قىلغان بولاتتى. پۇلىڭىزنى پۇرتىمالىڭىزغا سېلىپ قويۇڭ، بولمىسا مەن خاپا بولىمەن،_دېدى شۇپۇر بالا مېنىڭ قىلىقىمدىن سەل نارازى بولۇپ.
_ئۇكام، سىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت. سىز ماڭا دۇستۇمنى تىپىشىپ بەردىڭىزلا ئەمەس، مەن ئۈچۈن تولۇمۇ مۇھىم بولغان ئىشنى قىلىشىپ بەردىڭىز. خۇدايىم ماڭا قىلغان ياخشىلىقىڭىز مەندىن يانمىسا باشقىلاردىن يانغاي. مەن ماڭغىچە سىز بىلەن ئالاقىلىشىمەن، سىزنى بىر ۋاق تاماققا تەكلىپ قىلىشىمغا رۇخسەت قىلىڭ،_دېدىم مەن چەكسىز مىنەتتارلىق بىلەن.
_بولىدۇ ئاچا، قاچان ماشىنا لازىم بولسا تارتىنماي دەڭ،_دېدى شوپۇر بالا مەن بىلەن خۇشلىشىپ. مەن ئادىرىس بويىچە بەشىنجى قەۋەت ئوڭ تەرەپتىكى ئۆينىڭ ئىشىكىنى يەڭگىل چەكتىم. ئىشىك ئىچىلىپ ئاددىي ئەمما تولۇمۇ رەتلىك كېيىنگەن مەرزىيە مېنى كۆرۈپ قاققان قۇزۇقتەك ھەيران بولۇپ تۇرۇپلا قالدى. مەن ئۆزەمنى ئۇنىڭ باغرىغا ئاتقاندىلا ئاندىن ئۇ ھوشىنى يىغىپ، مېنى چىڭ قوچاقلاپ ئۆپكىدەپ يىغلاپ كەتتى. بىز ئىشىك تۈۋىدىلا يىغلىشىپ، ئەھۋاللىشىپ كەتتۇق.مەرزىيە يىغلاپ تۇرۇپ مېنى ئۆيگە تەكلىپ قىلدى. مەن ئۆيگە كىرىپ ئۆي ئىچىگە بىرقۇر سەپسالدىم. ئۆي ھەشەمەتلىك بىزەلمىگەن بولسىمۇ ئەمما مىللىي پاسۇندا ئاددى، كۆركەم ياسالغان ئىدى. كىرىسلونىڭ ئارقىدىكى تاملارغا ئوتقاشتەك گىلەم تارتىلغان بولۇپ، قارشى تەرەپتىكى تامغا ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋاپلىرىدىن دۇتتار، تەمبۇر ئېسىلىپ، دەرىزىللىرىگە سۈزۈك پەردىلەر تارتىلغان بولۇپ ئۆي تولۇمۇ ئازادە ھەم رەتلىك ئىدى. مەرزىيە ناھايىتى چاققانلىق بىلەن چاي دەملەپ ئۈستەل ئۈستىنى بىردەمدىلا نازۇ-نىمەتلەر بىلەن تولدۇرۋەتتى.
_قېنى ئالە، چاي ئىچكىنە جىنىم دۇستۇم،_دېدى مەرزىيە ماڭا چۇڭقۇر سىغىنىش ھېسياتى بىلەن تىكىلىپ.
_قېنى سەنمۇ كەلگىن، بىللە ئىچەيلى،_دېدىم مەن.
_تۇختا، كىچىككىنە چۈچۈرە قىلاي،_دېدى مەرزىيە.
_ياق، ياق، ئاۋال ئولتاغىن، بىللە چاي ئىچكەچ بىردەم پاراڭلىشايلى. سەل تۇرۇپ قورساق ئاچقاندا قول-قول تۇتۇشۇپ بىللە ئىتەيلى،_دېدىم مەن مەرزىيەنىڭ قولىدىن تارتىپ. ئۇ يېنىمغا كىلىپئولتۇرۇپ، قوللىرىمنى چۇڭقۇر مېھرى بىلەن سىلىدى.
_بوپتۇ ئەمسە، قېنى ئىيتقىنا جىنىم دۇستۇم، سېنى قايسى شاماللار بۇ ياققا ئۇچۇرۇپ كەلدى؟ مېىنىڭ ئادىرىسىمنى قانداق تاپتىڭ؟_دېدى مەرزىيە ماڭا سۇئاللارنى ياغدۇرۇپ.
_تاپتىم، سېنى ئەمدى تاپالمىسام ئۆزەمنى بىر ئۆمۈر كەچۈرمەيتىم. شۇڭا ئىزدەپ، سوراپ يۈرۈپ ئاخىرى تاپتىم جىنىم دۇستۇم،_دېدىم مەن كۆزلىرىمگە لىققىدە ياش ئېلىپ تۇرۇپ،_ھېلىقى ۋاقىتتا.....،_مەرزىيە نازۇك بارماقلىرى بىلەن ئاغىزىمنى تۇسۇپ گېپىمنىڭ ئاخىرنى دېگىلى قويمىدى.
_بولدى، ئۇ گەپلەرنى ئەمدى دېمىگىن، مەنمۇ بەك ئەخمەق، راست گەپنى دېسەم شۇ چاغدا قىيىنچىلىق دەستىدىن نېمە قىلىشىمنى بىلمەي سەندىن ئورۇنسىز رەنجىپ يۇرۇپتىمەن، توۋا بەك ساراڭكەنمەن جۇمۇ شۇ چاغلاردا، بولدى ئەمدى ئۇ گەپلەرنى ئىككىنجى تىلغا ئالمايلى، قېنى ساۋاقداشلىرىمىز، يولدۇشۇڭ، بالاڭ ھەققىدە سۆزلەپ بەرگىنە،_دېدى مەرزىيە.
بىز پاراڭلاشقاچ ياشمۇ تۆكۈشتۇق. قورساق ئىچىپ كۆركىرىغاندا ئاندىن چۈچۈرىگە تۇتۇش قىلدۇق. تاماق پىشاي دېگەندە ئىشىك ئىچىلىپ، چاچ-ساقاللىرى ئۆسۈپ قالغان، ئۇچىسىدىن توپا تۆكۈلۈپ تۇرغان، كۆرىنەرلىك ئورۇقلاپ كەتكەن ئەخمەتجان كىرىپ، مېنى كۆرۈپ ھەيران قالدى.
_ۋوي بۇ سەلىمەغۇ، قاچان كەلدىڭىز؟ ئۆي ئىچى تىچلىقمۇ؟_دېدى قىزغىن ئەھۋال سوراپ. مەرزىيە چاققانلىق بىلەن كىلىپ ئەخمەتجاننىڭ قولىدىكى سۇمكىنى ئېلىپ، چاپىنىنى ئاۋايلاپ سالدۇردى. ئەخمەتجان تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ، چاچ-ساقاللىرى ئېلىپ، كىيىم ئالماشتۇرۇپ چىققىچە بىز چۈچۈرىنى ئۇسۇپ ئۈستەل ئۈستىگە ئەچىقىپ بولدۇق. ئۇلارنىڭ ئوماق ئوغۇل، قىزىمۇ مەكتەپتىن قايتىپ كىلىپ بولدى. بالىلار بەكلا قائىدە-يۇسۇنلۇق ئادەم بولغان ئىدى. بىز كۆڭۈلۈك پاراڭلاشقاچ مەزىلىك چۈچۈرىنى ئىچىپ بولۇپ تېلىۋىزۇر كۆرۇپ ئولتۇردۇق. مەرزىيەنىڭ قىزى كىچىك بولسىمۇ چاققانلىق بىلەن قاچا-قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇپ، يۇيۇپ جايى-جايىغا قويۇپ بولغاندىن كېيىن ئاكىسى بىلەن تاپشۇرۇق ئىشلەشكە كىرىپ كەتتى. مېنىڭ ئەپشىگىنىمنى كۆرگەن مەرزىيە ئۆزلىرى ياتىدىغان ياتاق ئۆيگە ئاپئاق كىرلىكلەر كىيدۇرۇلگەن يۇتقان-كۆرپىلەرنى سىلىپ ئورۇن راسلىدى، ئاندىن يەنە بىر چەينەك چاي دەملەپ، نەپىس ئىشلەنگەن ئەينەك ئىستاكانغا قويۇپ قويدى. بىز پەگاغا سېلىنغان گىلەم ئۈستىدىكى يىكەنداز كورپىدە مامۇق ياستۇققا يۆلۇنۇپ يانپاشلىغانچە مۇڭغا چۈشۈپ كەتتۇق.
_مەرزىيە، مېنىڭ بىلىشىمچە تۇرمۇشۇڭلار بىر ئوبدان ئىدى، سىلەر ئىككىڭلار بىر-بىرىدىن ئوبدان ئىدارىدا خىزمەت قىلاتتىڭلار، قېنى ئىيتقىنا، تۇرمۇشىڭلاردا زادى نمە ئىش يۈز بەردى؟_دەپ سورۇدۇم مەن مەرزىيەدىن.
مەرزىيە ئۇلۇغ-كىچىك تىنىۋىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆتۈپ كەتكەن ئاچچىق ھەم شېرىن ئەسلىمىلەرگە تولغان كەچۇرمىشلىرىنى بايان قىلىشقا باشلىدى.
_بىز توي قىلىپ ئۈچۈنجى يىلى بىر كۈنى چۈشتە ئەخمەتجان ئۆيگە تولۇمۇ خۇشال كىرىپ كەلدى.
_مەرزىيە، شەھەرگە يېقىن بىر يېزىدىن شۇنداق ئەرزان بەش يۈز مۇ يەر ئۇچۇراپ قالدى، ئۇ يەرنىڭ ھەر موسىنى يۈز يۈئەندىن بېرىدىغان بولدى. شۇڭا مەن خىزمىتىمدىن تۇختاپ شۇ يەرگە تازا بىر ئىشلەپ ئۆزىمىزنى ئوبدان ئوگشىۋالىلىكمىكىن دەيمەن، شۇ يەرنىڭ يېنىدا يەنە ئىچىشقا بولىدىغان ئازراق يەر بار ئىكەن، خۇدايىم بويرىسا كىلەر يىلى بىراقلا كۆتۈرلۈپ كېتىمىز،_دېدى.
_بۇغۇ ياخشى ئىشكەن، بىراق سىزنىڭ تىرىقچىلىقتىن ئازراقمۇ خەۋىرىڭىز يوق، شۇڭا يەنىلا خىزمىتىمىزنى ئوبدان ئىشلەيلى، ھازىرمۇ كۈنلىرىمىز خېلى ياخشىغۇ، مېنىڭچە ئالتۇننى يەنىلا زەگە سۇققىنى ياخشى،_دېدىم مەن سەل نارازى بولۇپ.
_سىز مېنى كۆزگە ئىلمايۋاتامسىز؟ كىم شۇنداق ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن چۈشۈپلا ھەممىنى بىلىپ كىتىپتىكەن، ئىش قىلىپ سىز مەيلى قوشۇلۇڭ، مەيلى قوشۇلماڭ بۇ يەرنى تىرىغىنىم تىرىغان،_دېدى ئەخمەتجان خاپا بولۇپ. ئۇ ئەزەلدىن مەن ئۇنىڭ بىرەر ئىشىنى توسۇپ قويسام قەستەن قىرىشىپ بولسىمۇ قىلاتتى. شۇڭا ئارتۇق گەپ قىلغىم كەلمىدى.
_بوپتۇ ئىختىيارىڭىز، بىراق بىزدە ئارتۇق پۇل يوق، ئۇ يەرگە كېتىدىغان چىقىمنى قانداق قىلارمىز؟ مەن ئويلاپ باخسام بۇ يەردە مەسىلە بارمۇ قانداق؟ شۇنداق ياخشى يەرنى نېمە دەپ شۇنچە ئەرزان بېرىۋىتىدۇ؟_دېدىم مەن.
_خاتىرجەم بولۇڭ، سىز باشقا ئىشنى ئويلىماي مەن تاپقان پۇلنى قانداق خەجلەشنى ئويلاڭ،_دېدى ئەخمەتجان مەيدىسىگە مۇشتلاپ.
ئۇنىڭ بىلەن تالاشقاننىڭ پايدىسى يوقلىغىغا كۆزۇم يېتىپ، بۇ ئىشنى كىملەرگە مەسلىھەت سېلىشنى بىلەلمەي بېشىمنىڭ ئىچىمۇ، تىشىمۇ قىتىپ يۇرگەن شۇ ئون نەچچە كۈن ئىچىدە ئۇ ئالىقاچان بىر ئوبدان خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ، ھېلىقى يەر تۇغۇرلۇق تۇختاممۇ تۈزۈشۈپ بولغان ئىدى. تۇختامغا مېنىڭمۇ قول قويۇشۇم زۇرۇر بولغاچقا بىر كۈنى ئەخمەتجان تولۇمۇ خۇشال ھالدا ئۆيگە كىرىپ كەلدى. مەن تۇختامنى بىرەر قۇر كۆرگەندىن كېيىن، ئارتۇق گەپ قىلمايلا قول قويۇپ بەردىم. بىز يەر ئىگىسى بىزگە بەرگەن بىر ھەپتىلىك مۆلەتتە يەرنىڭ بىر يىللىق ھۆددە پۇلىنىڭ ئەللىك پىرسەنتىنى ئۇ يەر، بۇ يەرگە قاتىراپ يۇرۇپ يامان تەستە راسلىدۇق. بىز شۇنداق قىلىپ ئىشنىڭ بىسمىللاسىدىلا يىگىرمە بەش مىڭ يۈئەن قەرىز بىلەن ئىش باشلىدۇق.
باھار كېلىپ، يەر جاھان ئىلىشقا باشلىغان كۈندىن باشلاپ ئەخمەتجان ئېتىز قىرىنى ياستۇق، ئېتىزلىقنى سىلىنچا قىلىپ، سىپى ئۆزىدىن بىر دىققانغا ئايلانغان ئىدى. ئۆيگە ھەپتىدىمۇ بىر قايتىپ كىلەلمەيتتى. بىر چەتتىن ئېتىزنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولسا، يەنە بىر چەتتىن سۇلياۋ يوپۇق، ئوغۇت، ئۇرۇققا يەنە ئاچماقچى بولغان يەرگە توپا ئىشتىرىش ماشىنسى سىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان پۇلغا چاپاتتى. ئۇ يېتىشىپ بولالمىغاندا مەن تۇنۇش-بىلىشلەرنى، يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرىز بىرىدىغان كىشىلەرنى ئىزدەپ پۇل قەرىز ئىلىشنىڭ غىمىنى قىلاتتىم. بەش يۈز مو يەرگە مىڭ تەستە قۇغۇن تېرىپ، قۇغۇنلار ئۈنۈپ چىقىپ ئۇھ دېگەندە بىز ئالىقاچان نەچچە ئون مىڭ يۈئەنگە قەرىز بولغان ئىدۇق. ھەتتا ئاپامنىڭ يىغىپ-تۆشەپ ساقلاۋاتقان پۇلىنىمۇ ئىشلىتىپ بولغان ئىدۇق. قۇغۇننى قۇغۇن قىلىپ بولغىچە ئەخمەتجان ئاددىسى بىر قىتىملىق سۇ ھەققى ئۈچۈنمۇ باشقىلارنىڭ قولىغا قاراپ تولۇمۇ بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالغان بولۇپ، ئۇرۇقلاپ بىر ئۇستىخان، بىر تېرە بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ شۇ قېتىملىق تارتىپ كەتكەن جاپاسىنى ئويلىسام يۈرەكلىرىم ئىچىشىپ كىتىدۇ.
كۈتكىنىمىز كىلىپ قۇغۇن خەمەكلىرى تازا يۇغىناپ پىشاي دېگەندە تەلىيىمىز كاژ كېلىپ قۇغۇنلارنىڭ ھەممىسىگە ھال چۈشۈپ، بىچارە ئەخمەتجاننىڭ نەچچە ئاي دۇم يېتىپ، دۇم قوپۇپ تارقان جاپالىرى بىراقلا يوق بولغان ئىدى. ئۇ بەش يۈز مۇ قوغۇنلۇقتا خۇددى ئېلىشىپ قالغان ئادەمدەك يۈگىرەيتى. ئالدىغا ئۇچۇرغان قۇغۇننى چىقىپ تىتىپ، زەھەردەك ئاچچىق بولۇپ كەتكەن قۇغۇننى يەرگە ئېتىپ ھۆركىرەپ يىغلايتتى. مەن ئۇنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئۆز ۋاقتىدا ئۇنى چىڭراق گەپ قىلىپ توسىمىغىنىمغا پۇشايمان قىلىپ ئۆزەمنى كاچاتلايتتىم. بىر ۋاقىتتا ئۇ پەلەكلەر ئارىسىغا گۇپلا قىلىپ يىقىلدى. مانا شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇ نەچچە ئايلاپ يېتىپ كەتتى. بىز ئالىقاچان 170 مىڭ يۈئەن قەرىزگە بوغۇلغان ئىدۇق. يەرنى مۇدەتتىن بۇرۇن قايتۇرغاچقا تۇختامغا خىلاپلىق قىلىش ھەققى ئۈچۈن ئون بەش مىڭ يۈئەن تاپالماي ئۆيىمىزنى ئەرزان باھادا سېتىۋەتتۇق. تۇرىدىغان يېرىمىز بولمىغاچقا ئاپام بىلەن بىللە تۇردۇق. ئەخمەتجاننىڭ ئاتا-ئانىسى بولمىغاچقا بىر تۇققان ئىككى قىرىندىشى پات-پات ئەھۋال سوراپ تۇرمۇشىمىزدىكى ئۇشاق-چۈشەك قىيىنچىلىقىمىزغا ھەمدەم بولۇپ كېلىۋاتاتتى. قەرىز ئىگىللىرى بوسۇغىمىزدىن كەتمەيتتى. بىرسىگە ئۇنى دەپ يالغان ئىيتساق، يەنە بىرسىگە بۇنى دەپ يالغان ئىيتىپ ئىككى يىلنى ئۆتكۇزدۇق. ئەخمەتجان ئۆيدىن تالاغا چىقماس بولۋالغان ئىدى.
ھېچ ئامالىمىز قالمىغاچقا مەنمۇ خىزمىتىمدىن ئىستىپا بېرىپ كىچىك بىر ئاشخانا ئىچىۋالدۇق. چىقىمنى تىجەش ئۈچۈن ئاشخانىغا جاپا تارتساقمۇ ئىشلەيدىغانغا ئادەم ئالمىدۇق.
بىر كۈنى ئاشخانىغا سەي ئېلىپ كىرسەم ئەخمەتجان ماڭا،_
_كەچتە تولۇق ئوتۇردىكى ساۋاقداشلارنىڭ يىغىلىشى بار ئىكەن، مېنىڭ زادىلا بارغىم يوق ئىدى، بىراق ئۇلار پەقەت ئۇنمايۋاتىدۇ، قانداق قىلساق بولا؟_دېدى.
مەن ئەخمەتجاننىڭ ئازراق بولسىمۇ روھى كۆتۇرلۇپ قالارمىكىن دەپ بىللە بىرىشنى ئىيتتىم. كەچتە كاتتا بىزەلگەن رىستۇرانغا يېتىپ كەلگىنىمىزدە رىستۇران ئېسىل كېيىنگەن مېھمانلار بىلەن لىق تولغان ئىدى. مەن كونىراپ قالغان ئۈستى بېشىمدىن سەل خىجىل بولۇپ تۇرۇپ قالدىم. شۇ ئەسنادا قاملاشتۇرۇپ ياسانغان ئەخمەتجاننىڭ ساۋاقدىشى رەيھان مەن بىلەن يۈز يېقىشىپ كۆرۇشۇپ، قولۇمدىن يىتىلەپ دېگىدەك تۆردىكى بىر ئۈستەلگە باشلىدى. ئۇ ئۈستەلدىكىلەر ماڭا تولۇمۇ قىزغىن مۇئامىلە قىلاتتى. مەن بۇ ئىشتىن سەل ھەيرانلىق ھېس قىلساممۇ ئەمما نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمەيتتىم. تاماقلار تارتىلىپ، بىرەر قۇر ئېغىز تىگىلگەندىن كېيىن، سەمىرىپ سالاپەتلىك بولۇپ كەتكەن، ئەخمەتجاننىڭ بالىلىق چاغدىكى دۇستى ھەم ساۋاقدىشى، شەھەردىكى كاتتا تىجارەتچى جۇرئەت سەھنىگە چىقىپ زۇۋۇكنى قولغا ئالدى.
_ئەسالامۇ ئەلەيكۇم دۇستلار، ياخشىمۇ سىلەر؟ بۈگۈن بۇ يەرگە ئەينى ۋاقىتتىكى تولۇق ئوتۇرىدا ئوقىغان تۆت سىنىپلىق ساۋاقداشلار تولۇق جەم بولدۇق، مەن بۇنىڭدىن تولۇمۇ خۇرسەن بولدۇم. بۇنىڭدىن سىرت يەنە دۇستىمىز ئەخمەتجاننىڭ بالىلىق، ئۆسمۈرلۈك، ياشلىق چاغلىرىدىكى دۇستلىرىمۇ قەدەم تەشىرىپ قىلدى. دۇستىمىز ئەخمەتجان ئەينى چاغدا بىزگە ھەممە ئىشتا ئۈلگە بولىدىغان ئېسىل ساۋاقداشلىرىمىزنىڭ ھەم دۇستىمىزنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ تىرىشچان، پەزىلەتلىك مەرت يىگىت ئىدى. ئەپسۇس، ئادەمنىڭ بېشىغا نېمە كۈنلەر كەلمەيدۇ دەيسىلەر، ئۇ ئائىلىسىنى ياخشى كۈنگە ئىرىشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشقان ئىدى، بىراق بۇ جەرياندا قىيىنچىلىققا ئۇچۇراپ، بېشىغا ئېغىر غەملەر چۈشتى. لىكىن بىز ئۇنىڭ بۇ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتىۋىلىشىغا ياردەم قىلالماي بىر چەتتە قاراپ تۇردۇق. مانا بۈگۈن ۋاقتى، سائەتى كىلىپ بارلىق ساۋاقداشلار ۋەم دۇستلار كۆڭلۈمىزگە پۈككەن ئارزۇلىرىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بۇ يەرگە يىغىلدۇق. قىنى ھەممىمىز قىزغىن چاۋاكلىرىمىز بىلەن دۇستىمىز ئەخمەتجان ۋە ئۇنىڭ مېھرىبان ئايالى مەرزىيەنى سەھنىگە تەكلىپ قىلايلى.
بىز گۈلدىراس ئالقىش سادالىرى ئىچىدە كىتىۋاتىمىز. كۆزلىرىمنى بىر قەۋەت ياش پەردىللىرى تۇسۇپ، بۇ مەڭگۈ ئۇنتۇلغىسىز ھاياجانلىق مىنۇتلاردا تارام-تارام تۆكۈلۈپ كەتكەن ئىدىم. ئەخمەتجاننىڭ يەلكىسىمۇ بۇشقىنا تىترەۋاتاتتى. دىمەك ئۇمۇ ئۈنسىز ياش تۆكىۋاتاتتى.
_دۇستلار، دۇنيا مېھرى-مۇھەببەت بىلەن گۇزەلدۇر. كەڭ كەتكەن زىمىن قوياش نۇرى بىلەن ئىللىسا، ئىنسان قەلبى مېھرى-مۇھەببەت بىلەن ئىللىقتۇر. سىز شۇ مېھرى ئىللىق كىشىلەر نەدىدۇ دەپ يۈرمەڭ، ئۇنداق كىشىلەر ئەتراپىمىزدىلا . سىز بىرسىگە ئىللىق قەلبىڭىزنى ئاتا قىلسىڭىز، ئۇلۇغ ئاللا سىزنىڭ باشقىلارغا قىلغان ياخشىلىقىڭىزنى ھەسسىلەپ قايتۇرغۇچىدۇر. چۇڭقۇر قەلب قاتلىمىدىن ئۇرغۇپ چىققان، ھەقىقى مەناغا تويۇنغان ياخشىلىق_ئۇ مەيلى كىچىك ئىش بولسۇن، ۋە ياكى چوڭ ئىش بولسۇن ئۇ يەنىلا سىزنىڭ چۇڭقۇر مېھرى-مۇھەببىتىڭىز بىلەن يۇغۇرۇلغان ئىللىق قەلبىڭىزدۇر. دىمەكچىمەنكى بۈگۈن بۇ يەرگە يىغىلغان بارلىق دۇستلار ئۆزلىرى چىن قەلبىدىن خالاپ ئازراق كۆڭۈللىرىنى ئىزھار قىلىشتى. مانا بۇ بىزنىڭ سىلەرگە بولغان ئازراق كۆڭلىمىز، بۇ يەردىكى بارلىق دۇستلار سىلەرنىڭ بۇ ئازغىنا پۇل ئارقىلىق كۆز ئالدىڭلاردىكى قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىپ، يىقىلغان يىرىڭلاردىن دەست تۇرۇپ، قەددىڭلارنى رۇسلاپ، ياخشى كۈن كەچۇرىشىڭلارنى سەمىمىي ئۆمىد قىلىمىز. قېىنى دۇستۇم، بۇنى قوبۇل قىلىڭلار.
ئەخمەتجان ئۆزىنى تۇتۇپ تۇرالماي دۇستىنى چىڭ قوچاقلاپ مىڭ يەرلىرىدىن تۆكۈلۈپ يىغلاپ كەتتى. ئۇ تىترەپ تۇرغان قولى بىلەن نەچچە باغلام پۇلنى ئالدى. مەن بۇ چەكسىز مېھرى-مۇھەببەت بىلەن يۇغۇرۇلغان شۇ دەقىقىلەردىن ئىچى-ئىچىمدىن سۆيىنەتتىم.
_رەھمەت، رەھمەت سىلەرگە، مەن سىلەرنىڭ بىزگە قىلغان ياردىمىڭلارنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمەن. مەن بۈگۈندىن باشلاپ ئورنۇمدىن دەست تۇرۇپ تىرىشىپ ئىشلەپ چوقۇم ياخشى ياشايمەن،_دېدى ئەخمەتجان تىتىرەك ئاۋازدا.
بىز ئۇلارنىڭ بىز ئۈچۈن تەيارلىغان پۇللىرى بىلەن قەرىزلەرنىڭ بىر قىسمىنى تۆلىدۇق. ئاپاممۇ ئەخمەتجاننىڭ ساۋاقداشلىرىنىڭ بۇ ئىشىدىن بەكمۇ سۆيۈنۈپ، ئۇنىمىغىنىمىزغا قارىماي ئۆيىنى سىتىۋەتتى. ئۇ پۇلنىڭ بىر قىسمىنى ئىلىپ قىلىپ، قالغان قىسمىدا قايتۇرمىساق بولمايدىغان قەرىزلەرنى قايتۇردۇق.
چىرايىغا خۇشاللىق يۈگۈرۈپ قالغان ئەخمەتجان بىر كۈنى بىزگە بىر ئىشنى مەھلىھەت سالدى.
_ئاپا، مەرزىيە، مەن كۆپ ئويلاندىم. بۇ يەردە ھېچ قانداق ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرالمايدىغاندەك قىلىمەن. شۇڭا شەھەرگە يىراق بولغان ناھايىدە ئالى مەكتەپتىكى بىر ساۋاقدىشىم بار ئىدى. ئەگەر قوشۇلساڭلار شۇ يەرگە بىرىپ بىر ئىشنىڭ پىشىنى تۇتايمىكىن دېگەن،_دېدى.
_ۋاي بولىدۇ بالام، مۇھىت ئالماشتۇرۇپ باققىنىڭىزمۇ ياخشى بولدى. ئۇنداقتا بۈگۈنلا نەرسە-كېرەكلىرىمىزنى يۇغۇشتۇرايلى،_دېدى ئاپام.
بىز شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ناھيىگە كېلىپ، ئەخمەتجاننىڭ بۇ ناھايىدىكى ھېلىقى ھاۋاقدىشىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇتتۇز مۇ كۆلەمدىكى نەشپۇتلۇك باغنى ھۆددە ئىلىپ، تىرىشىپ ئىشلەپ مانا قەرىزلىرىمىزنى قايتۇرۇپ، ئۆيمۇ ئېلىۋالدۇق. ئاپام بۇ ئوينى بەك ئېگىزكەن، چىقسا چۈشكىلى، چۈشسە چىققىلى بولمىغان دەپ باغدىكى ئۆيدە تۇرىدۇ. ئەخمەتجانمۇ ئاساسەن شۇ يەردە. مەن بالىلارنىڭ ئوقۇشى، تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىپ بۇ يەردە تۇرىمەن.
مەرزىيە چۇڭقۇر رازىمەنلىك بىلەن ھېكايىسىنى تۇگەتتى. مەن ئۇنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاۋىتىپ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ يىغلاپ، تەڭ كۈلدۇم. ئەپسۇس، ئەمەلى تۈرمۇشتا ئۇنىڭ بىلەن تەڭ يىغلاپ، تەڭ كۈلەلىگەن بولسام قانداق ياخشى بولغان بولاتتى-ھى!
مەن بىر ھەپتە بۇ يەردە، باغدا ناھايىتى كۆڭۈلۈك ئۆتتۈم. ئەخمەتجان ھېلىقى شۇپۇر بالىنى تىپىپ، ئۆيگە چاقىرىپ ئۇنى مېھمان قىلىپ، ماڭا ۋاكالىتەن كۆپتىن-كۆپ رەھمەتلەرنى ئىيتتى. مەن ماڭىدىغان كۈنى بەش مىڭ يۈئەننى ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويدۇم.
_جىنىم دۇستۇم، بۇ ئازغىنا كۆڭلۈمنى ھەرگىز ياندۇرمىغىن. ئەگەر شۇنداق قىلساڭ مەن ئۆزەمنى بىر ئۆمۈر كەچۈرەلمەيمەن. مەن بېشىڭلارغا ئېغىر كۈنلەر كەلگەندە يېنىڭلاردا بولۇپ ھەمدەم بولالمىدىم. جىنىم دۇستۇم، ياخشى ياشاڭلار، بەختلىك بولۇڭلار.
مەن بۇ قېتىمقى سەپىرىمدىن تولۇمۇ خۇرسەن بولۇپ، ئۇلارغا مەڭگۈلۈك تىنىچ-ئامانلىق تىلەپ ئۇرۇمچىگە قاراپ يولغا چىقىپ كەتتىم.
|
|