قىرىنداشلىق مىھرى بىر پادىشاھ پەرزەنتلىرىنى ۋەتەن ھىمايىسى ئۈچۈن بولغان جەڭلەرگە ئەۋەتىپتۇ. ئىككى ئاي ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن خەۋەر كەپتۇ. "تەقسىر مۇسىبەت ئىغىر بولدى،جەڭگە كەتكەن ئوغلىڭىزدىن ئايرىلىپ قالدىڭىز.ئوغلىڭىز شەھىت كەتتى."دىگەنلىرىدە ياراتقاننىڭ دەرگاھىغا قوللىرىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغانىكەن، "پەرۋەردىگار شۇ پەرزەنتنى ئۆزۈڭ بىرىۋىدىڭ ئۆزۈڭ ئالدىڭ، سەبىرنى ھەم ئۆزۈڭدىن سورايمەن ،باشقا ئىلاجىم يوق"دەپتۇ. ئارىدىن ئۈچ ئاي ۋاقىت ئۆتۈپتۇ.ئۈچ ئايدىن كىيىن يەنە خەۋەر كەپتۇ. "تەقسىر ئىككىنچى ئوغلىڭىزدىن ھەم جۇدا بولدىڭىز،ۋەتەن ھىمايىسى ئۈچۈن جەڭگە كىرگەن ئىككىنچى ئوغلىڭىز ھەم،دۈشمەن بىلەن بولغان جەڭلەردە شەھىت كەتتى"دىگەنلىرىدە ياراتقاننىڭ دەرگاھىغا قوللىرىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىپتۇ."پەرۋەردىگار بۇ مۇسىبەتلەرنىڭ ئەجرىنى ئۆزۈڭ بەرگىن.بۇ پەرزەنتنى ھەم ئۆزۈڭ بىرىۋىدىڭ ئۆزۈڭ ئالدىڭ.سەبىرنى ھەم ئۆزۈڭدىن سورايمەن ،باشقا ئىلاجىم يوق. نەھايەت، ئارىدىن ئالتە ئاي ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن ،ئۇكىسىدىن خەۋەر كەپتۇ. "تەقسىر مۇسىبەت ئىغىر بولدى.ئىككى ئوغلىڭىزنى تۇپراققا قويغان ئىدىڭىز،ئەمدى ئۇكىڭىز،جىگەرىڭىزدىن ئايرىلىپ قالدىڭىز. ئۇكىڭىز جەڭدە شەھىت كەتتى."دىگەنلىرىدە ، ئىككى نەۋقىران ئوغلىنى تۇپراققا قويغاندا كۆزىگەياش كەلمىگەن ئاتا ،ئۇكىسىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن،ئۆزىنى ھەر تەرەپكە ئۇرۇپ يىغلىغانىكەن. ئەتراپتا تۇرغان ئادەملەرھەيران بولۇپ،ئىككى ئوغلىڭىزنى تۇپراققا قويدىڭىز،نەۋقىران پەرزەنتلەردىن جۇدا بولغاندا، كۆزىڭىزگە ياش كەلمىگەن ئىدى.بۈگۈن ئۇكىڭىزنى ئاڭلاپ ،ئۇكىڭىزنىڭ باغرىنى كۆتۈرەلمەستىن،ئۆزىڭىزنى ھەر ياققا ئۇرۇپ تۇرغانلىقىڭىزنى كۆرۈپ بىز چۈشۈنەلمەي قالدۇق. بۇنىڭ نىمە ھىكمىتى بار؟" دەپتۇ. شۇندا، ئىككى كۆزىدىن تاراملاپ ياش ئىقىپ تۇرغان پادىشاھ،جامائەتكە قاراپ تۇرۇپ: "ئەي بۇرادەرلەر،كۆزۈمدىن ئاققان ھەر بىر ياشنىڭ تامچىسى سىلەرگە ئىبرەت بولسۇن.بۈگۈن مەن يىغلايدىغان كۈن ئىكەن.مەن يىغلىماي كىم يىغلىسۇن.پەرزەنتلىرىم غۇنيادىن ئۆتكەن بولسا ، تىنىمدا جىنىم ئامان بولسا،ئاللاھ قادىر قىلسا يەنە پەرزەنت كۆرەرمەن.لىكىن ئۇكىسىدىن،جىگەرىدىن ئايرىلىش،جىگەرنىڭ باغرىنى كۆتۈرۈش ئىغىر بولىدىكەن.مەن بۈگۈن لۇكامدىن ئايرىلدىم،ئۇكامنى تۇغىدىغان ئانام دۇنيادىن ئۆتكەن.جىگەرنىڭ باغرىنى كۆتۈرەلمىدىم."دەپ يىغلىغان ئىكەن.
ئەزىز قىرىندىشىم ،ئەتراپىڭىزگە بىر نەزەر سىلىپ كۆرۈڭ.ھازىرقى قىرىنداشلىق مىھرى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟ ئەنەئاشۇ ئۆتكەنلەرمۇ بىزگە ئوخشاش ئىنسان ئىدىغۇ؟بۇرۇنقىلار قىلغاننى كىيىنكىلەر نىمە ئۈچۈن قىلالمايدۇ؟ بىز بۇرۇنقىلاردىن ئۆنەك ئىلىشىمىز، ھازىرقى چەكتىن ئىشىپ كەتكەن بولمىغۇر ئىشلادىن ئىبرەت ئىلىشىمىز كىرەك. مەشھۇر كىشىلىرىمىزنىڭ"يامان ئىشلارنى كۆرگەندە ئۇ ئىشلارغا نەپرەتلىك كۆزۈڭ بىلەن ئەمەس،ئىبرەتلىك كۆزۈڭ بىلەن قارا ،شۇندىلا خاتالاشمايسەن."دىگەن ھىكمەتلىرى تولىمۇ توغرا ئىيتىلغان سۆزلەردۇر.
مەنبە-خاتىرەم ئەسكەرتىش-بۇ ھىكايە ئۆزبىك تىلىدا ئىدى.ئۆزۈم ئۇيغۇرچەلاشتۇردۇم.بىلىمىم چەكلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ،بەزى جايلاردا خاتالىق بار بولۇشى مۇمكىن.ئۆزبەك تىلىنى بىلىدىغان قىرىنداشلارنىڭ خاتالىقلارنى تۈزۈتىشىمگە ياردەم بىرىىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-3-14 19:22
|