
ئۈزۈك-ئۈزۈك تىنىقلار ئىلتىجا 
ئەي پەرۋەردىگارىم ئۆزى ئاخكۆڭۈل مىھرى ئوتلۇق كۆڭلى -كۆكسى دەريادەك كەڭ مۇمام ساڭا سېغىنىپ،تەڭداشسىز يىكايە چۆچەكلەرنى سۆزلەپ بىرەتتى،مەن مۇمامنىڭ چۆچەكلىرنى ئاڭلاپ يېتىپ،خىيالغا پاتقانچە تاتلىق ئۇيقۇغا كېتەتتىم...دەرگاھىڭدىكى دوزاخ بىلەن جەننەتنىڭ بۇ دۇنيادىكى بەندىلىرنىڭ ئاخىرقى مەشرىگاھ ،ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلەن يامانلىقتىن ھامان ھىيساپ ئېلىنىدېغانلىقىنى، بۇ دۇنياغا بىز پەقەت بىر مىھمان ئىكەنلىكىمىزنى،ياخشى ئەمەل بىلەن ياشىغانلارغا سەككىز جەننەتنىڭ راھىتىدىن ئاسايىشلىق دەۋران سۈردېغانلىقى ،نازاكەتلىق ھۆرپەرىلەرنىڭ قايتا تىرىلگەن مەسۇم ئەرلىرىڭنى،بەرنا ۋاپادار ئاياللىرىڭنى كۆتەرمىش.لېكىن مىنى جەننىتىڭگە مەرھەمەت قىلمىغىن پەرۋەردىگارىم! مەن جەننىتىڭدە بەھەزۇر ھۆرلىرىڭ بىلەن نازۇ نىممەتلىرىڭدىن بەھرىمان بۇلاۋاتقىنىمدا ؟ بىلىگە ئاق پۇتا چىگىپ ئاھۇزارلىق بىلەن مىنى ئۇزتۇپ كۈندە تۇپراق بېشىمغا كىلىپ ئۆمرىدە ياش ئاققۇزۇپ باقمىغان بوۋيىم تۇپرىقىمنى سىلاپ كۆز يېشى قىلىپ ئاجىزلاشسا ،سىنىڭ قۇلۇڭدا تىرىلگەن جېنىم ھالاك بۇلىدۇ، مىنى دوزىخڭغا تاشلىۋەت،پەرۋەردىگارىم !مەن دۇزىخڭدىكى ئوتتا كۆيسەم ئاددى كەپىدە كۆز ياشلىرى بىلەن مۇڭلىنىپ تەنھا قالغان بۇۋيىمنىڭ ئاق پۇتىسىنى ئىرتىپ ئازاپلىرغا ھەمدەم بۇلىمەن. مىنى يامغۇر قىلىپ تۆكىۋەت، پەرۋەردىگارىم! مەن يامغۇر بۇلۇپ تۈكۈلسەم،سايە ئاستىدا خىيالغا چۆكۈپ ئولتۇرغان بۇۋيىمنىڭ كۆزلىرىدىكى ياش بۇلۇپ سېڭىپ كىتىمەن.ئۇنىڭ يۈزلىرنى يۇيۇپ مۇڭغا-مۇڭ ھەمراھ بۇلۇپ ئۆتمەن. مىنى تۇپراق قىلىپ چېچىۋەت، پەرۋەردېگارىم!مەن تۇپراق بۇلۇپ چېچىلسام ، قەبرىستاندا مۇڭلۇنۇپ قەبرەمدە تۈنەپ ئۆزىنى يۇقاتقان قەيسەر باتۇر بوۋيىمنىڭ ھەر بىر قەدەملىردە ھەمراھ بۇلىمەن... ئەي، پەرۋەردىگارىم،ئاجىز بەندەڭنىڭ ئىلتىجاسىدىن ئاچچىقلانساڭ ،مىنى باتۇر بۇۋيىم بىلەن بىرگە دۇزىخىڭغا مەھكۈم قىل. ئۇ دۇنيادىمۇ بىرگە بۇلۇش ئۇتلۇرۇڭدا كۆيۈش جەننەت راھىتىنى سۈرۈشتىنمۇ بەخىت! 
بەختىم مىنىڭ ئەي پەرۋەردىگارىم! بۇ دۇنيادىكى ئاخكۆڭۈل بۇۋۇيۇم. ئايرىمىغىن چۈمدۈرۈپ ھەسرەتتە، ياشساق تەڭ ياشايلى بۇ ئىلتىجارىم. 
مىنىڭ ھەقىقىتىم 
مەن ياپ-يېشىل دۇنيانىڭ نازاكەتلىك باغلىردا گۈل-چىمەنلەرنى يېنىدا ئولتۇرۇپ روھىمنىڭ ئازاپلىق ئىڭراشلىرنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم. ھالسىزلانغان ۋۇجۇدۇم تەئەججۇپلىنىپ .ئەتراپىمدىكى ھەر-خىل مەنزىرلەرنى كۆزەتتى. مەن قىزىل گۈلنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ قەلبىمنىڭ چاڭقىغان، روھىمنىڭ ئىزگۈ سىرلىرغا قۇلاق سالدىم.ھاياجاندىن تىترەپ كەتكەن ھۇجۇدۇمغا ھەيران قالدىم.ئەتراپىمدا ياپ-يېشىل ھەر خىل مەنزىرە گۈل-چىمەنلەر بەختىيارلىق بىلەن جىلۋە قىلىپ كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى. مەن سەۋدا خىياللىرىمنى چۆرۈپ ياخشى ياشاش بەخىتنىڭ ھەقىقىتى ئىكەنلىكىنى تېپىۋالدىم! مىنىڭ ھەقىقىم يۈركىمنىڭ ئىچكى قۇلاقلىرغا ئاستاغىنە پىچىرلىدى.مەندە جىلۋىدار گۈزەللىكنىڭ خۇشلۇققا يىتىشەلمەيۋاتقانلىقىنى،ئىنسان روھىنى خوش ئەتكەن گۈزەل بۇلۇپ تۆرلىدېغانلىقىنى ،خوشلۇقتىن ئىبارەت ئورۇننىڭ قەلبىمدە جىلۋە قىلمىغىنى چۈشنىپ يەتتىم.سەۋدا ھىسلىرىم جاۋاپ تاپتىم ،ھايات ئىشقىدا تۇنجى قېتىم ئۇتلۇق ئىشتىياقىم بىلەن ياخشى خۇشال ياشاشقا بەل باغلىدىم. 
ھاياتتىكى ھەقىقەتنى ئەمدى چۈشەندىم، رىيالقىتا خۇشال ياشاشنى نىشان قىلدىم. سەۋرىچان-ئەپۇچان بۇلۇپ ئۇشبۇ دۇنيادا، ياخشى ياماننى ئايرىپ ياشاشنى چۈشەندىم. 
سۆيگۈ قىسمىتى 
مەن سىنى چاقىرغان كىچىسى سەن تۈندىكى تاتلىق ئۇيقۇدا ھېچنىمىنى سەزمەي تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتىڭ؟ بۇ كىچە ھەتتا ئايمۇ كۆرۈنمىگەن ئىدى.يۇلتۇزلارمۇ ئاسماندا جىمىرلىمايىتتى.پەقەت جىمجىت مەھەللە ئېدىرلاردىن ئىتلارنىڭ ھاۋشىغان ئاۋازى مۈشۈك ياپىلاقنىڭ ھوۋلىغان ئاۋازى كىلەتتى سەن مىنى چاقىرغان كىچە مەن تاتلىق ئۇيقۇدا ئىدىم.ئايمۇ نورى بىلەن يۇلتۇزلار ئاسماندا جىلۋە قىلىپ تۇراتتى .قۇياش چىقتى ،قۇشلارمۇ ۋىچىرلاپ مۇڭ ئاۋازى بىلەن سايراشقا باشلىدى.قۇياشنىڭ قىزغۇچ نۇرى قۇشلارنىڭ شوخ سايراشلىرى مىنى ئويغىتالمىدى.كەچ كىرىپ قۇياش قىپ-قىزىل شەپەق نۇرغا تولغاندا بۇ چۈشتىن چۈچۈپ ئويغاندىم.سىنى ئۆيىڭدىن تاپالماي چېتى كۆرۈنمەيدېغان ئۇزۇن-ئۇزۇن يوللارغا نەزەر سالدىم. بۇ يوللار شۇنچىلىك جىمجىت ئىدىكى ،مەن خىيالغا پاتتىم .سەن كۆرۈنمىدىڭ،ئەمما ساڭا ئوخشاش بىر سايە قول پۇلاڭلىتىپ ئۆتۈپ كەتتى...يوللار قاراڭغۇلۇق تۈس ئالدى.قەلبىمدە ئىشقى-مۇھەببەت ناخشىسى باشلىغاندەك ئەتراپ شۇنچىلىك يىڭى تۈس بىلەن تەبەسسۇم قىلىپ ماڭا كۆز قىسىپ تۇردى. 
مۇھەببەت قەلبىمدە ئۈنگەن بىر گىيا، ئاشىقلار قەلبىنى سەزمىدى گۇيا. سۆيگۈ قىسمىتىكى تاشلىسا پۇراققا. چىقىدۇ قەلبىدىن لىرىك مىسرالا.
مەنبە قەلىمىم 
|