مۇشائىرە ھەققىدە ساۋات ساپ تىلەككە مەنسۇپ
تور ئەدەبىياتىدا ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاش، مۇنبەرنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن ئەزالارنى مۇشائىرەگە چاقىرىدىغان تىمىلار كۈندىن كۈنگە ئاۋۇپ قېلىۋاتىدۇ. مۇشائىرەگە چاقىرىلغان بەزى تورداشلار مۇشائىرەنىڭ قانداق بىر ئەدەبىي ژانىر ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەچكە ئىيتقان مۇشائىرەلىرى خېلى يىقىشلىق. ئەمما، خېلى كۆپ ساندىكى تۇرداشلار شېئىردىن بىرنى تۇقىسىلا، ياكى خەلق قوشاقلىرىدىن بىرنى كەلتۇرۇپ يېزىپ قويسىلا بولىدىغاندەك مۇشائىرەگە قاتنىشىپ قالىدۇ. بۇنداق بولغاندا بىز ئەدەبىيات قانۇنىيتىگە ھۆرمەت قىلمىغان بولۇپلا قالماي يەنە ئوقۇرمەنلەرنى بولۇپمۇ يېزىقچىلىق قابىلىيتى كۈچلۇك بولغان ئوقۇرمەنلەرنى جەلپ قىلالمايمىز. شۇڭا مەن پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن مۇشائىرە ھەققىدە قىسقىچە ساۋات سۆزلەپ ئۆتمەكچى.
مۇشائىرە ھەققىدە ساۋات
مۇشائىرە دىگەن نېمە؟
مۇشائىرە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغىمۇ يازما ئەدەبىياتقىمۇ مەنسۇپ بولغان بىر خىل ئەدەبىي شەكىل بولۇپ،قەدىمدىن ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كىلىۋاتىدۇ.
مۇشائىرە دېگىنىمىز_بىر بۆلەك كىشىلەرنىڭ ئۆز-ئارا شېئىر ئىيتىشى، تۇقىشى، دېكلاماتسىيە قېلىشى مۇشائىرە بولىدۇ. مۇشائىرەگە قاتناشتۇرىدىغان شېئىر غەزەل شەكىلدىكى شېئىر بولسىمۇ، روبائىل بولسىمۇ، لىرىك شېئىرلار بولسىمۇ، قوشاق بولسىمۇ بولىدۇ.
بىراق بەزى تورداشلىرىمىزدىن بىرىنجى كىشى لىرىك شېئىردىن بىرنى دىسە، يەنە بىر توردىشىمىز قوشاقتىن بىرنى يېزىپ قويىدۇ. بۇنداق بولسا مۇشائىرە ئېيتىش قانۇنىيتىگە خىلاپ.
شۇ نەرسە ئېسىڭىزدە بولسۇنكى شېئىردا لىرىك ھېسيات بىۋاستە ئىپادىلىنىدۇ.
مەسىلەن: ئەگەر ھايات ئالدىسا
ھەسرەت چەكمە، بولما پەرىشان.
تىنچلانماق لازىم قايغۇدا،
قوۋناق كۈنلەر كېلىدۇ ھامان.
قوشاقتا بولسا لىرىك ھىسيات ۋاستىلىق ئىپادىلىنىدۇ شۇنداقلا تىلى ئىنتايىن ئاددىي، ئاممىباپ كېلىدۇ.
مەسىلەن: ئۆرۈكۈمما، ئۆرۈكۈم،
باغدا پىشقان ئۆرۈكۈم.
سېنى بىردەم كۆرمىسەم،
چىدىمايدۇ يۈرۈكۈم.
مۇشائىرە شەكىل جەھەتتە قانداق بولىدۇ؟
مۇشائىرە ئىيتىشتا ئادەتتە بىر توپ كىشىلەردىن بىرىنجى كىشى بىرىنجى مىسراسىنى ئېيتسا، يەنە بىر ئادەم ئىككىنجى مىسراسىنى، ئۈچۈنجى ئادەم ئۈچۈنجى مىسراسىنى، تۆتىنجى ئادەم تۆتىنجى مىسراسىنى ئېيسىمۇ، ياكى بىرسى ئىككى مىسرانى ئېيتسا، ئىككىنجى بىر ئادەم كىيىنكى ئىككى مىسراسىنى ئىيتسىمۇ بولىدۇ.
مەسىلەن: 1-كىشى: كاككۈك كۈيى سىلكىندۇرسە دۇنيانى،
يېشىل دولقۇن يېلىنجايدۇ كۆزلەردە.
2-كىشى: رەڭلەر بىلەن چىرمىشىدۇ ئاۋازىڭ،
باھار سەندەك، سەن باھاردەك كۈنلەردە.
يەنە ئۇنىڭدىن باشقا بىرىنجى كىشى شېئىرنىڭ بىر كوپلىتىنى ئېيتسا، ئىككىنجى كېشى ئىككىنجى كوپلىتىنى ئىيتسىمۇ بولىدۇ.
يەنە ئۇنىڭدىن باشقا پۇتۇن شېئىر بويىچە مۇشائىرە ئېيتسىمۇ بولىدۇ.
مۇشائىرىگە مەزمۇن جەھەتتىن قانداق تەلەپ قويىلىدۇ؟
مۇشائىرە ئىيتقاندا بىر مىسرا، ياكى ئىككى مىسرا بويىچە ئىيتقاندا ئاۋال بىرىنجى كىشى بىرىنجى مىسرانى
مەسىلەن: مۇنبەر مېنىڭ كۆڭۈل بېغىم،
دەپ باشلاپ بەرسە، ئىككىنجى كىشى چوقۇم ئاشۇ مىسرانىڭ داۋامىنى يەنى ئىككىنجى مىسرانى مەزمۇنىدن چەتنەپ كەتمىگەن ھالدا چۈشىرىدۇ. ئۈچىنجى كىشى ئۈچۈجى مىسرانى، تۆتىنجى كىشى تۆتىنجى مىسرانى ئاۋالقى مىسراغا باغلاپ تۇرۇپ چۈشىرىدۇ. ئىككىنجى كوپلىتنىڭ بىرنجى مىسراسىنى بەشىنجى كىشى ئېيتىدۇ.
ئىككى مىسرادىن مۇشائىرە ئېيتىشتىمۇ، بىر كوپلىتتىن ئېيتىشمۇ خۇددى بىر مىسرادىن ئېيتقاندەك داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. شەرت شۇكى، ئېيتقان مۇشائىرەنىڭ مەزمۇنى چوقۇم بىر بولىشى كېرەككى، مەزمۇنى باشقا-باشقا بولۇپ قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ.
ئەگەر بىر پۇتۇن تىما بويىچە مۇشائىرە ئېيىتماقچى بولسا چوقۇم تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قېلىش كىرەك.
1. بىر پۇتۇن تىما بويچىە ئېيتقاندا مەزمۇن جەھەتتە بىرىنجى ئىيتقۇچى مەنبەر ھەققىدە شېئىر تۇقىغان بولدا، ئىككىنجى كىشىمۇ چوقۇم مۇنبەر ھەققىدە شېئىر توقىشى كېرەك، بىرىنجى كېشى باھار ھەققىدە شېئىر توقىغان بولسا ئىككىنجى كىشىمۇ چوقۇم باھار ھەققىدە شېئىر توقىشى كېرەككى، ھەرگىزمۇ باشقا مەزمۇندا شېئىر توقۇلۇپ قالماسلىقى كېرەك. ئەگەر ئۇنداق قىلىپ قويسىڭىز ئەمەتنىڭ تۇمىقىنى سەمەتكە كىيدۇرۇپ قويغاندەك بىر پۇتۇنلۇك بولمايدۇ. بۇنىڭدا كوپلىت سانى چەكلەنمەيدۇ. شۇ نەرسە ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، مۇشائىرەنى گەرىچە بىر توپ كىشى ئايرىم-ئايرىم توقىسىمۇ ئەمما ئۇ يەنىلا مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتە بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە.
2. بىرنجى مۇشائىرە ئېيقۇچى ئابىدىرىيىم ئۆتكۈرنىڭ شېئىرىنى مۇشائىرە قىلىپ ئېيتقان بولسا، ئىككىنجى ۋە ئۈچۈنجى كىشىمۇ چوقۇم ئابدىرىيىم ئۆتكۈرنىڭ شېئىرىنى مۇشائىرە قىلىپ داۋاملاشتۇرىشى كېرەك. ئابدرىيىم ئۆتكۈرنىڭ بىرلا شېئىرىنى قايتا-قايتا مۇشائىرە قىلىش كېرەك ئەمەس، پەقەت بىر ئاپتۇرنىڭ باشقا-باشقا شېئىرىنى مۇشائىرە قىلساق بولىدۇ.
مەسىلەن: بىرىنجى كىشى ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ <ئويغان> دىگەم شېئىرىنى مۇشائىرە قىلسا، ئىككىنجى كىشى ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ <ئويغۇرۇم> دېگەن شېئىرىنى مۇشائىرە قىلسا بولىدۇ.
بۇنداق ئېيتقانلىق باش تىما بىرلا بولىدۇ دېگەنلىك. يەنى تەبىئەت ھەققىدە بولسا تەبىئەت ھەققىدىلا، بىلىم ھەققىدە بولسا بىلىم ھەققىدىلا، ئانا ھەققىدە بولسا ئانا ھەققىدىلا، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ بولسا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شېئىرىلا، مۇھاممەتجان راشىدىننىڭ شېئىرى بولسا مۇھاممەتجان راشىدىننىڭ شېئىرى بولىشى كېرەك.
يۇقاردا بايان قىلغىنىم مۇشائىرەنىڭ مەزمۇنى ھەققىدىكى قىسقىچە ساۋات. قېنى ئەمسە دۇستلار، مۇشۇ بويىچە بىر مۇشائىرە ئۆتكۇزۇپ باقمايلىمۇ؟ قېنى مەرھەمەت. |