waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2015-3-21 14:06:35

شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئاندىرى بىراچ بىلەن ئۈچ يىللىق توختاملاشتى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   waskitbol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-3-21 15:39

   

ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورىنىڭ 21-مارت خەۋىرى؛《 ئاسىيا ۋاسكېتبول تورى 》نىڭ بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، CBAشىنجاڭ گۇاڭخۇي ‹‹ئۇچار يولۋاس›› ۋاسكېتبول كوماندىسى چەتئەللىك ياردەمچى ئەزاسى ئاندىرى بىراچ بىلەن بولغان توختامىنى ئۇزارتقان، توختام مۇددىتى ئۈچ بولغان.
2014-يىلى 9-ئايداپەسىللىك مۇسابىقە باشلىنىش ئالدىدا، شىنجاڭ كوماندىسىئاندىرى بىراچ بىلەن بىر پارچە يىللىق ئىش ھەققى 250 تومەن ئامىرىكا دوللىرى قىممتىدىكى بىر پارچە توختام تۈزگەن، توختام مۇددىتى بىر يىل بولغان.بۇ پەسىللىك مۇسابىقىدە   ئاندىرى بىراچ ھەر مەيداندا ئوتتۇرچە 38.4 مىنۇت مەيدانغا چىقىپ ئوتتۇرچە 31.1 نۇمۇر، 14.6 قىتىم گاردىن قايتقان توپ، 5.1 قىتىم ياردەمچى پاس، 2.8 قىتىم توپ تارتىۋالغان، 0.9 قىتىم ھۇجۇمنى توسىۋالغان، ئىككى نۇمۇرلۇق توپ چۈشۈرۇش نىسپىتى %63، ئۈچ نۇمۇرلۇق توپ چۈشۈرۇش نىسپىتى %37 گە يەتكەن. بىراق شىنجاڭ كوماندىسى دائىملىق مۇسابىقىدە توققۇزىنچىلىككە ئىرىشىپ پەسىلدىن كىيىنكى مۇسابىقە باسقۇچىغا كىرىشتىن مەھرۇم قالغان.شىنجاڭ كوماندىسى ئاندىرى بىراچنىڭ بۇ پەسىللىك مۇسابىقىدىكى ئالاھىدە ئىپادىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۇپ يەنىلا توختام مۇددىتىنى ئۇزارتىش تەييارلىقىنى قىلغان. 《 ئاسىيا ۋاسكېتبول تورى 》نىڭ بىلدۈرىشىچە؛ گەرچە توختامنىڭ كونكىرت مەزمۇنى ئاشكارلانمىغان بولسىمۇ، بۇ يىڭى توختامCBA تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ توختام ھىساپلىنىدۇ، شۇنداقلا NBA دىن سىرىت تارىختىكى ئەڭ چوڭ سوممىلىق ۋاسكېتبول توختىمى بۇلۇپ ھىساپلىنىدىكەن.


ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛http://waskitbol.com/forum.php

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2015-3-22 22:50:06

بۇمۇ بوپتۇ ھە. ئەسلى بۇلتۇرلا خادېسىننى قولدىن بەرمەيدىغان گەپ ئىدى...
بەت: [1]
: شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئاندىرى بىراچ بىلەن ئۈچ يىللىق توختاملاشتى