history يوللانغان ۋاقتى 2015-3-18 20:33:27

ئېينشتېيننىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيەسىگە يوشۇرۇنغان 12 چوڭ سىر

ئېينشتېيننىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيەسىگە يوشۇرۇنغان 12 چوڭ سىر




تېڭشۈن پەن-تېخنىكا تورى خەۋىرى (ئوكيان تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى): ئېينشتېيندىن ئىلگىرى نيۇتۇن قانۇنى جىسىملارنىڭ ھەرىكەت فىزىكىسىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان، 1687-يىلى نيۇتۇن تارتىش كۈچى ئالەمدىكى بارلىق جىسىملارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، يەر شارىنىڭ قۇياشنى ئايلانغاندىكى تارتىش كۈچى بىلەن ئالمىنىڭ يەرگە چۈشىشى بولسا ئوخشاش بىر قانۇنىيەت، دەپ قارىغان، ئەمما تارتىش كۈچىنىڭ مەنبەسىنى كۆرسىتىپ بېرەلمىگەن. ئېينشتېيننىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيەسى بىزنىڭ بوشلۇققا، ۋاقىتقا، ماسسا ۋە ئېنېرگىيە، شۇنداقلا تارتىش كۈچىگە بولغان بولغان چۈشىنىشىمىزنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋەتتى.


ئېينشتېيننىڭ ماسسا - ئېنېرگىيە تەڭلىمىسى ئېنىقكى بىر مۇكەممەل ئەسەر، ئۇ ماسسا بىلەن ئېنېرگىيە ئوتتۇرىسىدىكى ماسلىق مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىپ، كىچىككىنە ئاتوم يادروسىنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق غايەت زور ئېنېرگىيەگە ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى.


پەيلاسوپ داۋىد ھۇمى بولسا تەجرىبىچىلىك تەرەپدارى ۋە گۇمانخور، ئۇ ئىلىم-پەن ئۇقۇمى بىر ئادەمنىڭ خۇلاسە چىقىرىشىدىن ئەمەس چوقۇم تەجرىبىدىن ئۆتۈشى ۋە دەلىل-ئىسپاتلار ئارقىلىق ئىسپاتلىنىشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. ئۇ يەنە ناۋادا ۋاقىت جىسىمنىڭ ھەرىكىتىدىن ئايرىلسا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ، دەپ قارايدۇ.

1905-يىلى ئېينشتېين ئىككى قانۇننى ئوتتۇرىغا قويدى، بىرىنچىسىدە بولسا فىزىكا قانۇنى ھەر قانداق بىر كۆزەتكۈچىگە نىسپەتەن ئېيتقاندا ئۆزگەرمەيدۇ، يەنى ھەر قانداق بىر ئىنېرتسىيىلىك سىستېمىدىكى فىزىكا قانۇنى ئوخشاش بولىدۇ، ئىنېرتسىيىلىك سىستېمىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگەرمەيدۇ؛ ئىككىنچىسىدە بولسا نۇر تۇراقلىق بولىدۇ.


ئېينشتېين ھېسابلاپ چىققان يورۇقلۇقنىڭ تېزلىكى ھەر سېكونتىغا 168 مىڭ ئىنگلىز مىل بولۇپ، تەخمىنەن ھەر سېكونتىغا 299 مىڭ 338 كىلومېتىر توغرا كېلىدۇ. ئېينشتېين بۇ ئىككى قانۇنغا ئاساسەن تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنىڭ رامكىسىنى تاماملىدى، جىسىمنىڭ ھەرىكەت تېزلىكى نۇر تېزلىكىگە يېقىنلاشقاندا ماسسىسى چەكسىز ئارتىدۇ.


قىزىقارلىق يېرى شۇكى، ۋاقىت ھەر بىر كۆزەتكۈچىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئوخشاش بولمايدۇ، كۆزەتكۈچىنىڭ تېزلىكى نۇر تېزلىكىگە يېقىنلاشقاندا ئۇنىڭ ۋاقتىنىڭ ئۆتۈشى ئاستلاپ كەتكەن، نىسبەتەن جىمجىت كۆزەتكۈچىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كېيىنكىسىنىڭ ۋاقتىنىڭ ئۆتۈشى تېز بولۇپ كەتكەن، بۇ خىل ھادىسە ۋاقىتنىڭ كېڭىيىشى دەپ ئاتىلىدۇ. نۇر تېزلىكىگە يېقىنلاشقان تەۋەككۈلچى يەر شارىغا قايتقاندىن كېيىن ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ قېرىپ كېتىپ، ئۆزىنىڭ ياش ھالەتتە تۇرغانلىقىنى بايقايدۇ.


ئېينشتېيننىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيەسىگە ئاساسلانغاندا يەنە بىر قىزىقارلىق ھادىسە كېلىپ چىقىدۇ، يەنى ئۇزۇنلۇقنىڭ قىسقىرىش ئېففېكتىدۇر. مەلۇم جىسىم ئىنتايىن يۇقىرى سۈرئەتتە ھەرىكەت قىلىۋاتقاندا جىسىمنىڭ ئۇزۇنلۇقى قىسقىرايدۇ، ھەرىكەت يۆنىلىشىنى بويلاپ قارىغاندا نۇر تېزلىكىگە يېقىنلىشىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئالەم كېمىسى قىسقىراپ كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ھادىسە ھەر قانداق جىسىمغا نىسبەتەن مەۋجۇت بولىدۇ، بىز پەقەت ئۆزىمىزنىڭ ماشىنىسىنىڭ قىسقىراپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلالمايمىز خالاس.


ماسسا-ئېنېرگىيە تەڭلىمىسىگە ئاساسەن بىز نۇر تېزلىكىگە يېقىنلىشىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان جىسىم ماسسىسىنىڭ چەكسىز ئارتىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز، بۇ دەل بىز يۈرگۈزەلمىگەن دەرىجىدىن تاشقىرى نۇر تېزلىكىدىكى ئۇچۇش نەزەرىيەسىدۇر. بۇنىڭغا قارىتا ئالىملار پىكىر يولىنى ئۆزگەرتىشكە باشلىدى، ۋاقىت بوشلۇقى قۇرۇلمىسىدىن قول سېلىپ دەرىجىدىن تاشقىرى نۇر تېزلىكىدە يۈرۈش ئۇسۇلىنى ئىزدىدى.


توساتتىن نۇر تېزلىكىگە يېقىنلاشقاندا ئالەم ئۇچار كېمىسىنىڭ ماسسىسى چەكسىز ئارتىپ كېتىدۇ، بۇ تېخىمۇ چوڭ ئېنېرگىيە ئارقىلىق ئۇچار كېمىنى ئىلگىرىلىتىشكە ئېھتىياجلىق بولىدۇ،شۇ سەۋەبتىن پارادوكسقا كىرىپ قالغاندا تېخىمۇ چوڭ ئېنېرگىيەنىڭ تېخىمۇ چوڭ ماسسىدىكى ئالەم كېمىسىنى ئىلگىرىلىتىشكە ئېرىشەلمەيمىز.


ئېينشتېين ۋاقىت بىلەن بوشلۇقنى ئۈزلۈكسىز جىسىم دەپ قارايدۇ، شۇڭا بىز ۋاقىت بوشلۇقى دەپ ئاتىدۇق. ئېينشتېيننىڭ ماتېماتىكىلىق سىستېمىسىدا ۋاقىت بوشلۇقىدا 3 ئۆلچەم بولۇپ، 4-ئۆلچەم ۋاقىت ئۆلچىمىدۇر. ئەمما ۋاقىت بوشلۇقى نەزەرىيەسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئالىملار ئالەمنىڭ ئۆلچىمىنى 11 بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىدى.


ئېينشتېيننىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيەسى يەر شارىنىڭ قۇياشنى ئوربىتىلىق ئايلىنىش مېخانىزمى ئەمەلىيەتتە ۋاقىت بوشلۇقىنىڭ تولغىنىشىدىن كەلگەن، دەپ قارايدۇ، قۇياش سېستىمىسىنىڭ ئەتراپىدىكى ۋاقىت بوشلۇقىدا تولغىنىش يۈز بەرسە يەر شارىمۇ ئۇپۇق سىزىقىنى بويلاپ ئوربىتىلىق ئايلىنىدۇ، بۇمۇ بوشلۇقتىكى ئەڭ قىسقا يولدۇر.


تارتىش كۈچى يەنە تارتىش كۈچى لېنزىسىنى ھاسىل قىلىدۇ، يىراق جايدىكى يۇلتۇز سېستمىسىنى كۆزەتكەندە ئالىملار ئالدى كۆرۈنۈشتىكى چوڭ ماسسىلىق ئاسمان جىسىملىرى توپى ھاسىل قىلغان تارتىش كۈچى لېنزىسى ئارقىلىق تېخىمۇ يىراق جايدىكى ئاسمان جىسىمىنى كۆزىتىدۇ.

ئوكيان تورى تەرجىمىسى


powerman5000 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-19 10:13:03

مۇنداق بىر سوئال بار ئىدى، نېيترون يۇلتۇزنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى مىكرو جەھەتتىن ئېيتقاندا ، ئاتوم يادروسى ئەتراپىدىكى ئېلكتروننىڭ سىرتقى بېسىم ئاستىدا ئاتوم يادروسىدىكى پروتون بىلەن يېيىشىپ نېيترونغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىدىن دەپ كۆرگەنىدىم. ئۇنداقتا نېيترون يۇلتۇز 4 خىل 基本力( ئاساسىي كۈچ دەمدۇق؟ ) نىڭ بىرى بولغان ئېلكتر ماگنىت كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرامدۇ ئۇچرىمامدۇ ؟؟

welld يوللانغان ۋاقتى 2015-3-19 14:03:55

ئېفەكتور، پەرەدوكىس دىگەن ئاتالغۇلارنى كۆرۈپ قالدىم.
بۇلارنىڭ effector بىلەن paradox دىگەن ئنىگىلىزچە سۆزلەر ئىكەنلىكىنى كۆرىۋېلىشقا بولدۇ.
بۇنداق ئوموملىشىپ كەتمىگەن سۆزلەرنى ئىزاھاتسىز ئېلىش ياخشى ئەمەس.
ھېچ بولمىغاندا ئوموملىشىپ بولغىچە ئىزاھلاپ بېرىش كېرەك.
effector
英 [ɪ'fektə]   美 [ɪ'fɛktɚ]   
n. [生理] 效应器;[遗] 效应物;操纵装置
ئۈنۈم، تەسىر
paradox   
英 ['pærədɒks]   美 ['pærədɑks]   
n. 悖论,反论;似非而是的论点;自相矛盾的人或事
سەپسەت : قارشىلىق نەزىرىيىسى :   ئۆز ئارا زىدىيەتلىك
بەت: [1]
: ئېينشتېيننىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيەسىگە يوشۇرۇنغان 12 چوڭ سىر